ھامىلىدارلىقنىڭ يەتتىنچى ئېيدىكى ھامىلە تەربىيەسىدىن خۇلاسە
ۋاقتى: 2016-03-11
ئاۋاتلىقى: 562 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ يەتتىنچى ئېيدىكى ھامىلە تەربىيەسىدىن خۇلاسە
ھامىلىدارلىقنىڭ يەتتىنچى ئېيدىكى ھامىلە تەربىيەسى
ھامىلىنىڭ ھەرىكەت قىلىشىغا ياردەم قىلىش، ھامىلىگە رەسىملەر توپلىمى، ئۇنىڭدىكى رەڭلەرنى ھايۋاناتلارنىڭ قىياپىتىنى، ھەرىكىتىنى، مىجەز خاراكتېرىنى سۆزلەپ بېرىش، ئېرى ئايالىغا كۆپرەك ھەمراھ بولۇپ، ھەرىكەت قىلىشى، ناخشا مۇزىكا ئاڭلىشى، تېلېۋىزور كۆرۈشى(تەسىرى كۈچلۈك، ۋەقەلىكى جىددىي بولغانلارنى كۆرمەسلىك)، دوستلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ تۇرۇشى، كىتاب رەسىم كۆرگەزمىلىرىگە قاتنىشىشى، يېنىك شوخ ئويۇنلارنى ئويناپ تۇرۇشى لازىم. بېسىمنى ئازايتىپ، كەيپىياتنى خوشال تۇتۇش تېخىمۇ مۇھىم.
ھامىلىدارلىقنىڭ يەتتىنچى ئېيدىكى ھامىلە تەربىيەسىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى: ھامىلىدارلىقنىڭ يەتتىنچى ئېيدىكى ھامىلە تەربىيەسىدە ئاساسەن ھەرىكەت تەربىيەسى، كىتاب ئوقۇش تەربىيەسى، ناخشا مۇزىكا تەربىيەسى، دىئالوگ تەربىيەسى قاتارلىقلار سۆزلىنىدۇ.