تۇغۇت ۋاقتىدىكى تازىلىق ئۆلچىمى
ۋاقتى: 2016-01-24
ئاۋاتلىقى: 684 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
كۆپلىگەن ئانىلار بالا تۇغۇلۇشتىن بۇرۇنلا تۇغۇت ۋاقتىدىكى تازىلىق مەسىلىسىدىن ئەنسىرەيدۇ، ئەجەبا راستتىنلا كونىلار ئېيتقاندەك ئاشۇنداق بىر ئاي توشقىچە چېچىنى يۇيالمامدۇ ھەم يۇيۇنالمامدۇ؟ تازىلىقنى سۆيىدىغان ياش ئانىلار قانداق بەرداشلىق بېرىدۇ؟ تۇغۇت ۋاقتى ئىچىدە زادى ئادەتتىكىگە ئوخشاش شەخسى تازىلىق قىلالمامدۇ؟!
تازىلىقنى باشتىن باشلاش كېرەك
تۇغۇش جەريانىدا تۇغۇتلۇق ئايالدىن كۆپ مىقداردا تەر چىقىدۇ، تۇغۇپ بولغاندىن كېيىن تەر تېخىمۇ كۆپىيىدۇ، يېڭى ئانا بولغۇچىنىڭ باش تېرىسى ۋە چېچى ئىنتايىن مەينەت بولۇپ كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئەگەر كونىلارنىڭ قائىدىسى بويىچە بېشىنى يۇيمايدىغان بولسا، سېسىق پۇراپلا قالماستىن يەنە باكتېرىيەدىن يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ چاچنى چۈشۈرۈۋېتىدۇ، ئۈزۈۋېتىدۇ ياكى يېرىۋېتىدۇ.
تۇغۇت ئىچىدىكى ئاياللارغا ئەسكەرتىش:
1.چېچىنى يۇيغان ۋاقىتتا باشنى بارماقنىڭ ئالىقىنى بىلەن ئۇۋۇلاش، يۇيۇپ بۇلغاندىن كېيىن دەرھال چاچ قۇرۇتقۇچ بىلەن قۇرۇتۇۋېتىش، سوغۇق شامالدا قۇرۇتۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.
2. باشنى يۇيىدىغان سۇنىڭ تېمپېراتورىسى مۇۋاپىق بولۇشى بەك سوغۇق بولۇپ قالماسلىقى كېرەك، ئەڭ ياخشىسى ℃38 ئەتراپىدا بولسا بولىدۇ .
3. غىدىقلاشچانلىقى كۈچلۈك بولغان چاچ يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك. 4. يېڭى ئانا بولغۇچىلار ئەڭ ياخشىسى ياغاچ تاغاق بىلەن چېچىنى تاراش كېرەك، زەرەت ھاسىل بولۇپ باش تېرىسىنى غىدىقلاشتىن ساقلىنىش كېرەك. ئەگەر ھاۋا بەك سوغۇق ياكى ئۆي ئىچى شارائىتى باش يۇيۇشقا ماس كەلمىسە قەرەللىك باش تېرىسىنى پاكىزلاش ئۇسۇلىنى قوللانسا بولىدۇ.