ھامىلىدارلىقنىڭ 37-ھەپتىسىدىكى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر
يانفوندا كۆرۈش
37-ھەپتىگە كىرگەندە مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت كۈنىگە بارغانسېرى يېقىنلاشقانچە، ئۇرۇق-تۇققان دوست-بۇرادەرلەردى" يەڭگىدىڭمۇ يوق" دەپ تېلېفونلار كېلىشكە باشلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن يەڭگىشنى كۈتۈپ ياتقان كۈنلەردە سىز تېخىمۇ جىددىيلىشىپ بىر كۈن بىر كۈندىن ساناشقا باشلايسىز. ئەمەلىيەتتە پەقەت 5%ھامىلىدارلا مۆلچەرلەنگەن تۇغۇت كۈنىدە يەڭگىيدۇ. كۆپ ساندىكى ھامىلىدارلار مۆلچەردىكى كۈننىڭ 2 ھەپتە ئالدى كەينىدە يەڭگىيدۇ، بۇنىڭ ھەممىسى نورمال ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ھەپتىدىكى بالىياتقۇنىڭ قىسقىرىشى ئالدىنقى ھەپتىلەردىن كۆپ بولىدۇ. ھامىلىدارلار ئۆزىنى تۇغۇشقا ئاز قالغاندەك گۇمانلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ نورمال قىسقىراش بولۇپ، ھەرگىزمۇ تۇغۇتتىن بۇرۇنقى قىسقىراش ئەمەس. پەقەت نورمال قىسقىراش ۋاقتى بىر كۈن ياكى بىر كېچە داۋاملاشقاندا ئاندىن تۇغۇت ئالدىدىكى قىسقىراشقا ئايلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بالىياتقۇ ئاجرالما ماددىلىرى كۆپىيىپ، بەزى ھامىلىدارلارنىڭ بالىياتقۇ ئاغزى مۇددەتتىن بۇرۇن ئېچىلىدۇ.