ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ھامىلىدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسى ھامىلىدار ئايالنىڭ بەدىنىدىكى ئۆزگىرىشلەر

ۋاقتى: 2016-06-17 ئاۋاتلىقى: 650 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھامىلىدارلىقنىڭ 28-ھەپتىسىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، بالىياتقۇ پۈتۈنلەي كىندىكنىڭ ئۈستىگە كۆتۈرۈلۈپ بولىدۇ.تەخمىنەن كىندىك ئۈستىدىن سەككىز سانتىمېتىر ئېگىزلىكتە بولىدۇ، دوۋسۇن سۆڭىكى بىرلەشمىسىدىن بالىياتقۇ تېگىگىچە بولغان ئارىلىق 28 سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. داۋاملىق يوغىناۋاتقان بالىياتقۇ ئىچكى ئەزالارنى بېسىپ، ھامىلىدار ئايالدا دېمى سىقىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ. قورساق ئېغىرلاپ كەتكەچكە ئوڭدىسىغا ياتقاندا نەپەس ئالالماي قالىدۇ، ئەڭ ياخشىسى يان يېتىش كېرەك. 


پۇت ۋە پاقالچاقلىرىنىڭ ئىششىقى تېخىمۇ ئېغىرلايدۇ، ئۆرە تۇرغاندا ياكى زوڭزىيىپ ئولتۇرغاندا ياكى بەل تاسمىسىنى چىڭ چىگىۋەتكەندە، ئىششىق تېخىمۇ ئېغىرلايدۇ. ئەگەر بۇ خىل ئىششىقنىڭ قان بېسىمى ئۆرلەش ياكى ئاقسىل سىيىش قاتارلىق ئەگەشمىلىرى بولمىسا، بۇ نورمال ئەھۋال ھېسابلىنىدۇ. يۈرەكنىڭ يۈكىمۇ ماس ھالدا ئېغىرلايدۇ، قان بېسىمى ئۆرلەشكە باشلايدۇ، ۋېنا تومۇرلىرى كېڭىيىش، بوۋاسىر، قەۋزىيەت ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئانا بولغۇچى ھەر ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ تۇرۇشى كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى