مېۋە تەملىك بەرەڭگە سالات
ۋاقتى: 2016-08-14
ئاۋاتلىقى: 618 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىستېمال قىلىشقا مۇۋاپىق كېلىدىغان يېشى: توققۇز ئايلىقتىن يۇقىرى بولغان بوۋاقلار
خۇرۇچلار: يېرىم بەرەڭگە، يېرىم سەۋزە، بوۋاقلار مېۋە شەربىتىدىن بىر بوتۇلكا
تەييارلاش ئۇسۇلى:
1) بەرەڭگە بىلەن سەۋزىنى ئاقلاپ، پاكىز يۇيۇپ كىچىك كۇب شەكىلدە توغرايمىز.
2) كىچىك كۇب شەكىلدە توغرالغان بەرەڭگە بىلەن سەۋزىنى سۇغا سېلىپ قاينىتىمىز.
3) پىشقاندىن كېيىن سۈزۈپ ئېلىپ قۇرۇتۇپ قاچىغا ئالىمىز، ئۈستىگە مېۋە شەربىتىنى تۆكىمىز.
سەمىمىي ئەسكەرتىش: مېۋە شەربىتىنىڭ ھەرخىل تەملىكىنى تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ، مەسىلەن، ئالما شەربىتى، ئاپلىسىن شەربىتى، ئۈزۈم شەربىتى قاتارلىقلار. مېۋە شەربىتىنى ئانىلار ئائىلىدە شەربەت سىقىش ماشىنىسىدا سىقسىمۇ بولىدۇ.
Tags: