ھامىلىدارلىقنىڭ 19-ھەپتىسى قورساقنىڭ ئوتتۇرا قىسمى تەۋرىنىشى قانداق ئىش؟
ۋاقتى: 2016-08-21
ئاۋاتلىقى: 640 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئادەتتە ئادەت توختاپ 16~20 ھەپتە بولغاندا، ھامىلىدار ئايال يېنىك بولغان ھامىلە تەۋرىنىشىنى ھېس قىلىشقا باشلايدۇ. ھامىلىدارلىق ۋاقتىنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بالا تەۋرىنىشى كۈچىيىشكە ۋە قېتىم سانى كۆپىيىشكە باشلايدۇ. ھامىلىدارلىقنىڭ 24-ھەپتىسىگە كەلگەندە، ھەر 12 سائەتتە تەخمىنەن 86 قېتىم بولىدۇ، 32-ھەپتە ئەڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىدۇ، يەنى ھەر 12 سائەتتە 132 قېتىم بولىدۇ، 38-ھەپتىسى ھامىلە تەۋرىنىشى ئازلاشقا باشلايدۇ.