ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇتتىن ئىلگىرى روھى-كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇشنىڭ 50 تۈرلۈك تەكلىپى

ھامىلىدارلىق ۋە تۇغۇتتىن ئىلگىرى روھى-كەيپىياتنى ئازادە تۇتۇشنىڭ 50 تۈرلۈك تەكلىپى

ۋاقتى: 2016-01-31 ئاۋاتلىقى: 763 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

1. ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرى دوختۇرغا كۆرۈنۈش ۋە تەكشۈرۈتۈش؛
2. ياخشى بولمىغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىنى ئۆزگەرتىش، ئىمكانقەدەر كۆپ خىل ساغلام يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش؛
3. بەدەن چېنىقتۇرۇش، ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرى چېنىقىش ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە بەدەن شەكلىنى ساقلاپ قېلىشقا پايدىلىق، بويىدىن ئاجراشنىڭ يۈز بېرىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدۇ، تۇغۇتقا قوشۇلۇپ كېلىدىغان كېسەللىكلەرنى ئازايتىدۇ، تېز تۇغۇشقا پايدىلىق. 
4. ھامىلىدارلىق تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىش؛
5. ئىلگىرى يەپ باقمىغان يېڭى تۈردىكى سەي-كۆكتاتلارنى ئىستېمال قىلىش؛

6. ھامىلىدارلىققا مۇناسىۋەتلىك كىتابتىن بىرنى ئوقۇش؛

7. ئۈچ ئاي بۇرۇن خىمىيەلىك ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش ئەسۋابلارنى ئىشلىتىشتىن ۋاز كېچىش؛
8. تاماكا تاشلاش؛
9. تۇغۇتتىن ئىلگىرى ۋېتامىن ئىستېمال قىلىش (تەركىبىدە يوپۇرماق كىسلاتاسى بولغان).
10. بىر ھەمراھ تېپىپ ساغلام بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى باشلاش؛
11. ھەيز دەۋرىلىكىگە دىققەت قىلىش، بۇ سىزنىڭ قاچان تۇخۇم چىقىرىدىغانلىقىڭىز ھەم ھامىلىدار بولغان ۋاقتىڭىزنى ھېسابلاشقا پايدىسى بار، ھەم تۇغۇت دەۋرىڭىزنى توغرا ھېسابلىيالايسىز؛
12. ئەگەر دوختۇر ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز، ھامىلىدارلىقتىن ئىلگىرى تاماملاڭ ھەم كۆرۈشۈڭ؛
13. دوستلىرىڭىزدىن ھامىلىدار بولۇش ۋە ئانا بولۇشتىكى تەجرىبىلىرىدىن مەسلىھەت سوراڭ؛

14. ھامىلىگە نىسبەتەن زىيانلىق تەسىرى بار بولغان بىر قىسىم خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشىتىن ساقلىنىش، بۇ خىمىيەۋى ماددىلار بەلكىم سىزنىڭ خىزمەت ۋە ئائىلە مۇھىتىڭىزدا مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن؛
15. ھامىلىدار بولۇشتىن ئىلگىرى چىش دوختۇرىغا كۆرۈنۈڭ؛

16. ئەگەر سىز ھامىلىدار بولۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئاللىبۇرۇن ھامىلىدار بولغان-بولمىغانلىقىڭىزنى جەزملەشتۈرەلمىسىڭىز، دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرۈتۈڭ ياكى بەدەن تەكشۈرتكەندە، تېببىي خادىملارغا ئېيتىڭ، بۇ سىزنى ھامىلىگە ياكى ھامىلىدارلىقتىكى تەكشۈرۈتۈش ۋە زەھەرلىك خىمىيەلىك دورىلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلاپ قالىدۇ؛

17. تۈك ئويمىنىنى(猫窝) يەنە تازىلىماڭ؛
18. بەلكىم بىر يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئاندىن ھامىلىدار بولۇشىڭىز مۇمكىن، سىزدە مۇشۇنداق ئىدىيە تەييارلىق بولۇشى كېرەك.  ئەگەر سىزنىڭ يېشىڭىز ئاللىبۇرۇن 35 ياشتىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ھەم ھامىلىدار بولۇشنى ئارزۇ قىلغىلى يېرىم يىل ھەتتا بىر يىل بولغان بولسىمۇ ھامىلىدار بولالمىغان بولسىڭىز، دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرۈتىشىڭىز كېرەك؛
19. ھامىلىدار بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا باشلاش؛
20. ھامىلىدار بولغانلىقىنى جاكارلاش؛

21. ئانىسىدىن مۇناسىۋەتلىك تەجرىبىلەردىن مەسلىھەت سوراش، ھەم ئۆزى ئۇلار بىلەن ئوخشىمايدىكەن دەپ ئويلىغان تەرەپلەرنى ئۇلارغا ئېيتىش؛


22. ئارام ئېلىشقا دىققەت قىلىش، كۈندۈزىمۇ ئازراق ئۇخلىۋېلىش؛
23. بىر پارچە ژۇرنال ئوقۇش (ھامىلىدارلىققا ئائىت).
24. ئەگەر قۇسۇش، ئاشقازان ياكى مەيدىسى قىزىش، قەۋزىيەت بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار بولسا دورا ئىستېمال قىلماي داۋالاش؛
25. سۇ ئىچىشكە دىققەت قىلىش؛
26. يەنە بىر پارچە كىتاب ئوقۇش؛
27. تۇغۇتتىن ئىلگىرى بەدەن گۈزەللەشتۈرۈش ياكى بەدەن چېنىقتۇرۇش كۇرسلىرىغا قاتنىشىش؛
28. قەرەللىك ھالدا دوختۇرنى ياكى تۇغۇت ياردەمچىسىنى ئىزدەپ تەكشۈرۈتۈش، مەسىلە بايقالسا ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىش؛
29. دەسلەپكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تەربىيەلەش سىنىپلىرىغا قاتنىشىش؛

30. كۈنىگە 300~500 كالورىيە ئىسسىقلىق كۆپەيتىش؛

31. ئەگەر ئۆيدە تۇغۇشنى ئويلاشمىسا، بارماقچى بولغان بىر نەچچە دوختۇرخانا ۋە ئورۇنلارنى كۆزىتىپ ئاندىن قارار قىلىش كېرەك؛
32. دوختۇرغا تېلېفون قىلىشتىكى ۋاقىت بەلگىلىمىسىنى ئەستە ساقلاش؛
33. قائىدىلىك سۆھبەتلىشىش، ئۇ سىزنىڭ بىخەتەر، تېز، رازى بولغان ھالدا تۇغۇشىڭىزغا ياردەم بېرىدۇ؛
34. يېمەك-ئىچمەكنى ياخشى خاتىرىلەش، بۇنداق قىلغاندا كۈندىلىك قوبۇل قىلىنىدىغان ئىسسىقلىققا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ؛
35. ئەگەر ھازىر ئۆيىڭىزنى ياكى بوۋىقىڭىزنىڭ ياتاق ئۆيىنى بېزەۋاتقان بولسىڭىز، سىر ياكى تام قەغىزىنىڭ زەھەرلىك پۇرىقىدىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.  ئېغىر ئىش قىلماڭ، ئېغىر ئىش بولسا دوستىڭىزنى ياردەمگە چاقىرىڭ، دېرىزىنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇرۇپ تۇرۇڭ؛
36. كۆپرەك دوستىڭىزغا ياردەملىشىپ بالىسىنى بېقىشىپ بېرىپ، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنى پەرۋىش قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ؛

37. تۇغۇت ئۆگىنىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىش، بالدۇر تىزىملىتىپ، ئۆز ۋاقتىدا تەربىيەگە ئېرىشىشكە كاپالەتلىك قىلىش؛
38. ھامىلىدارلىقنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئاياللارغا  نىسبەتەن سۇ ئۈزۈش بولسا ياخشى ئۇسۇل، بۇنداق قىلىشنىڭ ئاغرىقنى يەڭگىللىتىشكە ياردىمى بار، يەنە سىزگە قورساق قىسمىڭىزنىڭ يەڭگىللەپ قالغانلىقىنى ھېس قىلدۇرىدۇ؛
39. مۇددەتتىن بۇرۇن ئېمىتىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن ئانا سۈتى بىلەن بېقىش كۇرسلىرىغا قاتنىشىش؛
40. كارىۋاتقا چىقىشتىن بۇرۇن مۇۋاپىق بەدەن كېرىش ھەرىكىتى ئىشلەڭ، بۇنىڭدا پۇتىڭىزنىڭ تارتىشىپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؛
41. چېنىقىشنى داۋاملاشتۇرۇش، ھەتتا ھېرىپ كېتىپ ئامالسىز سۈرئەتنى ئاستىلاتقان چاغدىمۇ يەنىلا داۋاملاشتۇرۇش كېرەك، بۇ سىزنى تۇغۇتتىن كېيىن بالدۇر ئەسلىڭىزگە قايتۇرىدۇ؛
42. بىر پارچە تۇغۇت پىلانى يېزىڭ، تۇغۇت مەزگىلىدە ئۆزىڭىزگە لازىملىق بولغان ياكى ئويلىغان نەرسىلەرنى تىزىملاڭ ھەم دوختۇر بىلەن يېنىڭىزدىكى كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ قويۇڭ؛

43. فوتو ئاپپاراتتىن بىرنى تەييارلاپ قويۇڭ؛

44. ھاياجانلىنىشتىن ساقلىنىڭ؛
45. داس سۆڭىكىڭىزنى يانتۇراق قىلىڭ، بۇنىڭ ئاغرىقنى يەڭگىللىتىشكە ياردىمى بولۇپ، ھامىلىنى ياخشى بولغان تۇغۇلۇش ئورنىدا تۇرغۇزىدۇ؛
46. ئەگەر سىزنىڭ پەرەز قىلىنغان تۇغۇت ۋاقتىڭىز يېقىنلاپ قالغان بولسا، نەرسىلىرىڭىزنى ياخشى قاچىلاپ قويۇڭ، سۇغۇرتا كىنىشكىسى، ئالدىن كېلىشكەن بالنىستقا يېتىش جەدۋىلى، فوتو ئاپپارات، تۇغۇت پىلانى قاتارلىقلارنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ؛
47. تۇغۇت باشلىنىشتىن ئىلگىرىكى ئالامەتلەرنى تەكشۈرۈتۈش؛
48. تۇغۇتتىن ئىلگىرى بىر پارچە رەسىمگە چۈشۈش؛
49. كىتاب ئوقۇش؛
50. بوۋىقىڭىزنى سۆيۈپ قويۇڭ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى