ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك

كۈندىلىك يېمەك-ئىچمەك

ۋاقتى: 2013-07-12 ئاۋاتلىقى: 591 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

چىللە مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەڭشىلىشى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدىكى يېمەك-ئىچمەكنىڭ تەڭشىلىشىگە ئوخشاشلا ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى، تۇغۇتلۇق ئاياللار تۇغۇت ۋە ئېمىتىش جەريانىدا سەرپ قىلغان ئېنېرگىيەنى تولۇقلاشقا ئېھتىياجلىق. بىراق، تۇغۇتتىن كېيىنكى بىر ئىككى كۈن ئىچىدە يېنىك، ئاسان ھەزىم بولىدىغان يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش كېرەك. كېيىنكى يېمەكلىكلەر قۇۋۋەت ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەشنى ئاساسىي مەقسەت قىلىشى كېرەك. بىراق ھەددىدىن زىيادە تويۇپ يېيىشكە، خام، سوغۇق، ئاچچىق يېمەكلىكلەرنى يېيىشكە بولمايدۇ، سەمىرىپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ، تاماقنى قىسىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ، سۈت، شوۋىگۈرۈچ، سەۋزە قاتارلىق ۋىتامىن C، D، B لار مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك يېيىش كېرەك. گۆشسىز تائامنىڭ نىسبىتىنى كۆپەيتىش كېرەك، سۆڭەك شالاڭلاشتىن بەل ئاغرىقى قاتارلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدىن ساقلىنىش كېرەك.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى