ھامىلىدارلىقنىڭ 14-ھەپتىسى ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئوزۇقلۇق كۆرسەتكۈچى
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلىدارلىقنىڭ 14-ھەپتىسى ئۆپچۆرىسىدە، ھامىلىنىڭ قالقان بېزى رول ئويناشقا باشلاپ، ئۆزىنىڭ ھورمۇنىنى ئىشلەپچىقىرىدۇ. ھەمدە قالقان بەز رولىنى نورمال جارى قىلدۇرۇشتا يودقا ئېھتىياجلىق. ئانا تېنى يود قوبۇل قىلىشى كەمچىل بولسا، بوۋاق تۇغۇلغاندىن كېيىن قالقان بەزنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ، بالىنىڭ مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىرى بولىدۇ، بولۇپمۇ، چوڭ مېڭىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشى. بېلىق تۈردىكى، قۇلۇلە تۈردىكىلەر ۋە دېڭىز يۈسۈنى قاتارلىق يېڭى تۇتۇلغان دېڭىز مەھسۇلاتلىرى يود ئەڭ مول بولغان يېمەكلىك مەنبەسى. ھەر ھەپتە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى قېتىم يېيىش كېرەك. سىنك كەم بولۇش ئوخشاشلا ھامىلىدار ئانىغا تەم سېزىمى، پۇراش سېزىمى نورمالسىزلىق، ئىشتىھاسى ناچارلاش، ھەزىم قىلىش ھەم سۈمۈرۈش ئىقتىدارى ناچارلىشىپ، ئىممۇنىتېت كۈچى تۆۋەنلەشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. سىنك تەركىبى مول يېمەكلىكلەر مۇلى قۇلۇلىسى، ئويستېر قۇلۇلىسى، جىگەر، تاغ موگۇسى،