ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك(1)

بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى قانداق قىلىپ يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك(1)

ۋاقتى: 2015-09-02 ئاۋاتلىقى: 775 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

ھازىرقى زامان ئىممۇنىتېت ئىلىمىنىڭ قارىشىچە: ئىممۇنىتېت بولسا، ئادەم بەدىنىنىڭ «ئۆز ۋە يات» پەرقلەندۈرۈپ،«يات» ماددىنى چىقىرىپ تاشلايدىغان فزولوگىيەلىك رېئاكسىيە. بەدەندە بۇ خىل ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرىدىغىنى بولسا ئىممۇنىتېت سىستېمىسى. بالىلىق بولغاندىن كېيىن ئاتا-ئانىلار ئەڭ ئەنسىرەيدىغان ئىشى بالىلىرىنىڭ كېسەل بولۇپ قېلىشى ھېسابلىنىدۇ. تۇرمۇشتىكى بەزى ئاددى ئۇسۇللار بالىلارنىڭ ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ ئۇلارنىڭ كېسەل بولۇش قېتىم سانىنى ئازايتىدۇ.


 1› ئانا سۈتى بىلەن بېقىش----تۇنجى ئىممۇنىتېت
 ئانا سۈتى تەركىبىدە كۆپ مىقداردا ئىممۇنىتېتلىق ماددىلار بار بولۇپ بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچى ۋە كېسەلگە تاقابىل تۇرۇش كۈچىنى ئاشۇرىدۇ، كېسەللىك باكتېرىيەسىنىڭ بوۋاقنىڭ بەدىنىگە ھۇجۇم قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالالايدۇ. شۇڭلاشقا ئانا سۈتىنى ھاياتلىقتىكى تۇنجى ئىممۇنىتېت دەپ قاراشقا بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بوۋاقلارنى ئانا سۈتى بىلەن بېقىشتىن ئىبارەت بۇ پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. ئانا سۈتى يېتىشمىگەن ياكى يوق ئەھۋالدا، بىر قىسىم تۆۋەن ئېنزىملىق سۈت پاراشوكلىرى بىلەن بېقىش ئارقىلىقمۇ بالىنىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىگە يېتىشكە بولىدۇ.



  2› بالىلارنىڭ بەدىنىنى سىلاپ بېرىش
  تەبئىي بولغان تۇغۇت جەريانىدا، تۇغۇت يولى قىسىلىپ بوۋاقنى قىسىپ چىقىرىشى بولسا بالىنىڭ نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە ناھايىتى پايدىلىق. بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن، ئانىنىڭ بەدىنى بىلەن ئۇچرىشىش بوۋاققا بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرىدۇ ۋە بالىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بولۇپمۇ بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بالىلارغا بولغان پايدىسى ناھايىتى يۇقىرى. بەدەننى سىلاپ بېرىش بولسا بەدەندىكى قان ئايلىنىشنى ياخشىلاپ بەدەننىڭ ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرىدۇ. تاماقنىڭ ھەزىم قىلىنىشى ۋە سۈمۈرۈلۈشىنى تېزلىتىدۇ، بالا ئاز يىغلايدىغان بولىدۇ، ئۇيقۇسى تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى