ئانا بالا تورى يانبىلوگ نەشرى

بىلوگ ھەققىدە
سەھىپىلەر
ئەڭ يېڭى يازمىلار
كۆپ باھالىق يازمىلار
تورداشلار ياقتۇرغان يازمىلار
تەۋسىيە يازمىلار
ئاۋات يازمىلار
يازما ئىزدەش
Tag لەر رېتى

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر(10)

ھامىلىدارلىقتىن بۇرۇن چوقۇم داۋالىنىشقا تېگىشلىك كېسەللىكلەر(10)

ۋاقتى: 2016-04-07 ئاۋاتلىقى: 617 قېتىم

يانفوندا كۆرۈش

بۆرەك كېسىلى
كۆپچىلىككە ئايان، ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ھامىلىنىڭ ئۆسۈپ-يېتىلىش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ھامىلىدارلارنىڭ ھەرقايسى ئەزا ۋە سېستىمىلىرىدا بىر قاتار فىزىيولوگىيەلىك ئۆزگۈرۈشلەر بولىدۇ. ئانا ۋە بالىنىڭ مېتابولىزم ھاسىلاتلىرى كۆپەيگەنلىكتىن، بۆرەكنىڭ يۈكىمۇ ئارتىدۇ. بۆرەكنىڭ قان ئېقىم مىقدارى ۋە بۆرەك كىچىك شارچىسىنىڭ سۈزۈش ئىقتىدارى ئاشىدۇ، ھەمدە كېيىنكى ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە شۇ خىل يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ھورمۇننىڭ تەسىرىدە تۇخۇم يەتكۈزۈش نەيچىسى توملىشىشى (چوڭىيىشى)، مۆلدۈرلەشنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە سۈيدۈكنىڭ ئېقىش سۈرئىتىنىڭ ئاستىلىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، ئاياللاردا ئاسانلا بۆرەك جامى-بۆرەك ياللۇغىغا گىرىپتار بولىدۇ.


ھامىلىدارلىق بۆرەكنىڭ يۈكىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەنلىكتىن، ئوخشاشلا بۆرەكنىڭ ئۆزگۈرۈشىنىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بۆرەكنىڭ كېسەللىك ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن بۆرەكنىڭ رولىمۇ تۆۋەنلەپ، ئانا تېنىدىكى ھامىلىگە تەسىر يېتىدۇ، ئېغىر بولغاندا ھامىلىنىڭ يېتىلىشى ئاستا بولىدىغان، ھەتتا بويىدىن ئاجراپ كېتىدىغان، ئۆلۈك تۇغۇلىدىغان ۋە ئۆلۈك ھامىلە قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ.



بۆرەك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ھامان، مەيلى قانداق ۋاقىت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ۋاقتىدا داۋالىنىش كېرەك، ئوخشاش بولمىغان بۆرەك كېسەللىكلىرىگە ئوخشاش بولمىغان ئۇسۇل قوللىنىدۇ. ئەگەر ئىلگىرى بۆرەك ياللۇغى سەۋەبىدىن داۋالىنىپ ساقايغان بولسا، سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارى سەل يۇقىرى بولىدۇ، بىراق بۆرەكنىڭ ئىقتىدارى، قان بېسىمى ھەممىسى نورمال بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا ھامىلىدار بولسا بولىدۇ.
ھامىلىدار بولغان ھامان كۆزىتىشنى كۈچەيتىش، بولۇپمۇ سالامەتلىكنى ئۇبدان ساقلاشقا ئېتىبار بېرىش كېرەك، مەسىلەن ئارام ئېلىشقا ۋە يېتىشنىڭ ۋاقتىغا دىققەت قىلىش، يېمەك-ئىچمەك جەھەتتە تەركىبىدە ئاقسىل ۋە ۋېتامىن مول بولغان يېمەكلىكلەرنى  كۆپرەك يېيىش كېرەك. ھەر ۋاقىت دوختۇرغا كۆرۈنۈپ تۇرۇش، يەنى بالدۇر بايقاپ، بالدۇر داۋالاشقا قولايلىق يارىتىش كېرەك.
ئەگەر ئاستا خاراكتېرلىك بۆرەك ياللۇغى بىلەن يۇقىرى قان بېسىم بىرگە كۆرۈلسە، ياكى سۈيدۈكتىكى ئاقسىل مىقدارى «++» تىن يۇقىرى بولسا، ئاسانلا ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىشى كۆرۈلۈپلا قالماي، يەنە بۆرەكنىڭ زەخمىلىنىشىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ھامىلىدار بولۇش ناھايىتى خەتەرلىك. شۇڭا كېسەللىكنى تىزگىنلىمەي تۇرۇپ ھامىلىدار بولۇشقا بولمايدۇ.

تەلەي قاپىقىدىن چىققان يازمىلار

باھالار

ئىسمىڭىز:

باھالار رېتى