ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدان بېغى ۋېناسىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىدىن ساقلىنىش
ۋاقتى: 2016-05-16
ئاۋاتلىقى: 966 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، %15 ئەرلەردە ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدان بېغى ۋېناسىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىش ئەھۋالى بولىدىكەن. ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدان بېغى ۋېناسىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشى قان ئايلىنىشقا توسقۇنلۇق قىلىپ، ئۇرۇقداننىڭ تېمپېراتۇرىسىنى يۇقۇرلىتىۋېتىپ، ئۇرۇقداننىڭ ئوكسىگېن يېتىشمەسلىكى ۋە مىتابولىزم كېرەكسىز مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا سول تەرەپتىكى ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدان بېغى ۋېناسىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشىدىن قان ئۇرۇقدانغا قايتىدۇ، بۆرەك ۋېناسىدىن كەلگەن (皮质醇)، كاتېخولامىن، سېروتونىن قاتارلىق ماددىلار ئۇرۇقدانغا كىرگەندىن كېيىن، ھەممىسى ئۇرۇقداننىڭ ئۇرۇق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا تەسىر قىلىپ، ئۇرۇقنىڭ سۈپىتى ۋە سانىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
ئەگەر ئۇرۇقدان بېغى ۋېناسىنىڭ ئەگرى-بۈگرى كېڭىيىشى ئۇرۇقداننىڭ يېگىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، ياكى ئىسپېرمىنىڭ سۈپىتى روشەن تۆۋەنلىگەن بولسا، ۋاقتىدا داۋالىنىش ۋە ساقايغاندىن كېيىن ئاندىن ھامىلىدار بولۇش كېرەك.