بالدۇر تۇغۇلۇشقا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك
ۋاقتى: 2015-09-23
ئاۋاتلىقى: 622 قېتىم
يانفوندا كۆرۈش
بالدۇر تۇغۇلۇشقا قانداق تاقابىل تۇرۇش كېرەك
ھامىلدار ئانىلارنىڭ ئېغىر بېسىق، سوغۇققان بولۇشى مۇھىم ھالقا
تۇغۇلۇشنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلگەن ھامان، ئالدى بىلەن كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش(مەسىلەن: چوڭقۇر نەپەس ئېلىش، مۇزىكا ئاڭلاش)، كارىۋاتتا يېتىپ كۆزىتىش ۋە ئارام ئېلىش(ئەڭ ياخشىسى سول يانچە يېتىش)، سۇ تولۇقلاش ياكى دوختۇرخانغا تېلېفون قىلىپ مەسلىھەت سوراش.
ئەگەر قان چىقىش ياكى باش سۈيى يېرىلىش ئەھۋالى كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش لازىم.
ئەگەر يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئۇسۇللارنى قوللىنىپ يېرىم سائەتكىچە ياخشىلىنىش كۆرۈلمىسە، دەرھال ئەتراپتىكى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنى پەرۋىش قىلىش كېسەلخانىسى سەپلەنگەن دوختۇرخانىلارغا بېرىپ داۋالىنىش لازىم. (ئەگەر بالدۇر تۇغۇلۇپ بولغاندىن كېيىن دوختۇرخانىغا ئاپارساق، قۇتقۇزۇشنىڭ ئالتۇن ۋاقتىنى ئۆتكۈزۋېتىمىز)، ئامال بار ئەڭ مۇكەممەل تەكشۈرۈشلەرنى قىلىش ئارقىلىق، داۋالاش يۆنىلىشنى ھەم زۆرۈر بولغان بىرتەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىنى بەلگىلەپ، بالدۇر تۇغۇلۇشنىڭ خەتىرىنى ئازايتىش.