ھامىلىدار بولغىنىغا 24 ھەپتە بولغان ئايالنىڭ بەدەن ئۆزگىرىشىدىن ئومۇمىي خۇلاسە
يانفوندا كۆرۈش
ھامىلە 24-ھەپتىگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، بالىياتقۇ چوڭىيىپ كىندىكتىن 5.1 -3.8 سانتىمېتىر ئەتراپىدا يۇقىرى بولىدۇ، دوۋسۇن سۆڭىكى تۇتاشمىسى‹耻骨联合› دىن ھېسابلىغاندا تەخمىنەن 24 سانتېمىتىر، قورساقنىڭ پولتىيپ چىقىشى ناھايىتى رۇشەن بولىدۇ، باشقىلاردىن يوشۇرۇش قىيىنغا توختايدۇ. بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئېشىشىغا ئەگىشىپ بەدەننى تېرەپ تۇرۇۋاتقان پۇت مۇسكۇللىرىغا تېخىمۇ ھارغىنلىق يېتىدۇ، پولتىيىپ چىققان قورساق پۇت قىسىمدىن كەلگەن ۋىنا تومۇرلارنى بېسىۋېلىپ بەدەننى تېخىمۇ ئېغىر ھېس قىلدۇرىدۇ. بەزى ھامىلىدار ئاياللار ئازراق ھەرىكەت قىلسىلا بەل ۋە مۈرە قىسمى تېلىپ قالغاندەك، ھەتتا سىرقىراپ ئاغرىغاندەك ھېس قىلىدۇ. بەزى ھامىلىدار ئاياللاردا كۆزى قۇرغاقلىشىدىغان، نۇردىن قورقىدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ، بۇلارنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال ئەنسىرىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق. ئەگەر ھامىلىدار ئاياللاردا دائىم باش قايىدىغان ئەھۋال كۆرۈلسە دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك، بۇ كەمقانلىقنىڭ بېشارىتى بولۇشى مۇمكىن.