5 كىشىگىلا ھەقسىز تارقىتىلىدىغان ئۇسلۇب تارقىتىلدى

ۋاقتى124 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئۇسلۇب | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 07ئاي 06كۈنى | : 631 قىتىم كۆرۈلدى°

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار، ئالدىنقى قىتىم مەن بىر ئۇختۇرۇش چىقارغان، ئاشۇ ۋەدەمگە ئاساسەن بۈگۈن بۇ ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاخىرى بىر چىرايلىق ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، ئەمدى بۇ ئۇسلۇب نىمىشقا 5 ئادەمگىلا تارقىتىلىدۇ دەپ سۇئال بولۇشىمۇ مۇمكىن، بۇنىڭ سەۋەبى: بۇ ئەسلى ھەقىلىق ئۇسلۇب، بۇ مۇكاپاتقا داخىل بولغانلار بولسا 5 كىشىدىن 4 كىشى بلوگىمنىڭ دائىملىق زىيارەتچىلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى ئاندىن بىر كىشى بولسا تاساددىپى بۇ تىمىغا ئۇچىرشىپ قالغان كىشى بولۇپ ھىسابلىنىدۇ، بۇنى بىز مىنى قوللىدىڭىز مەنمۇ سىزنى قوللىدىم رەھمىتىمنى بىلدۈردۈم !

دىمەك ئەمدى بۇ مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلەر مىنى ئىزچىل قوللاپ كىلىۋاتقان كىشىلەر، بۇنداق دىگىنىم شۇ 5 كىشىلا ئەمەس مىنى قوللاۋاتقانلار خىلىلا كۆپ، دوستلارغا رەھمەت ئىيتىمەن! لىكىن مۇشۇلار ئارىسىدىن يەنىمۇ بەكراق قوللاپ  بلوگىمغا دائىم نەزەر سىلىۋاتقان كىشىلەر بولۇپ ھىسابلىنىدۇ شۇڭا بۇ 5 كىشى بۇ مۇكاپاتقا داخىل بولالىدى دىگەن گەپ !

ئەمدى ئۇسلۇبنىڭ تارقىتىلىش يولى: مۇشۇ تىمىغا 5 – ئورۇنغىچە ئىنكاس يىزىشقا ئۈلگۈرگەن كىشىگە 5 كىشىگە تارقىتىلىدۇ ئاندىن كىيىن ئۇسلۇب بىتىمگە يوللىنىپ ھەقلىق ئۇسلۇبلار قاتارىغا تىزىپ قويۇلىدۇ.

ئۇسلۇب تاپشۇرۋىلىش ئۇسۇلى: مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس يازغان 5 كىشى چوقۇم ئىسىم ئىلخەت توربەت ئادرىسى يازىدىغان كۆزنەككە ئۆزىنىڭ بلوگىنىڭ ئادرىسىنى ۋە ئىلخەتنى تولدۇرۇپ ئىنكاس يازغان بولۇشى كىرەك ، بۇنداق بولغاندا مۇكاپات ئىگىلىرىنىڭ ئالمىشىپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.

ئىنكاس يىزىشقا ئۈلگۈرگەن 5 كىشى مەن بىلەن بىۋاستە ئالاقىلاشسا ئۇسلۇب بلوگىغا قاچىلاپ بىرىلىدۇ

ئۇسلۇب ئالاھىدىلىكى: بىر خىل خاتىرە تۈسىنى ئالغان بولۇپ بلوگىغا   تور خاتىرسى، تور پۈتۈكلىرى ، دىگەندەك خاتىرە سۈپىتىدە ئىسىم قويۇپ بلوگ يىزىۋاتقانلارغا  تىخىمۇ ماس كىلىدۇ.

سىنالغان تور كۆرگۈلەر: IE6 IE7 IE8 firefox

ئۇسلۇب رەسىمىنى كۆرۈپ باققايسىلەر!

 

 

 

ئۇسلۇبقا ئىرىشكەن دوستلارغا ئۇسلۇب تارقىتىلىپ بولغاندىن كىيىن مۇشۇ ئۇسلۇب تارقىتىلغان تىما ۋۇ مۇشۇ تىمىغا خالىسا كۆرۈش ئادرىسى قىلىپ چىقىرىپ قويىمىز!

ئۇسلۇبقا ئىرىشەلمىگەن دوستلارنىڭ خاپابولماسلىقىنى شۇنداقلا داۋاملىق بلوگىمىزنى زىيارەت قىلىپ تۇرشىنى سەمىگە سالىمىز، مەن يەنە كىيىن مۇشۇ ئۇسۇلدا يەنە ئۇسلۇب تارقىتىمەن، كىيىنكى قىتىملىق ئۇسلۇب بەلكىم بۇنىڭدىنمۇ ئسىل بولۇشى مۇمكىن ، شۇڭا  نەزىرىڭىز داۋاملىق بلوگىمدا بولغاي! كىيىن دىسەم نەچچە ئايدىن كىيىنمىكىن دەپ قالماڭ كىم بىلىدۇ ئەتىلا يەنە بۇ قىتىمقىدەك ئۇختۇرۇش قىلمايلا يەنە ئۇسلۇب تارقىتامدىم تىخى!

ئاخىردا ئۇسلۇبقا ئىرىشكەن ۋە ئىرىشەلمىگەن دوستلارنىڭ نەچچە سائەتلەپ ئولتۇرۇپ تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇبنىڭ ئەجىرگە 1 مىنۇت ۋاختىنى چىقىرىپ ئۈنۈملۈك بىر قىتىم ئىلان چىكىپ قويۇشىنى چىن دىلىمدىن ئۈمىد قىلىمەن! مىنى قوللىسىڭىز مەنمۇ قاراپ تۇرمايمەن، ماڭا بىرنى 1 مىنۇت ۋاختىڭىزنى چىقارسىڭىز بەلكىم مەن سىز ئۈچۈن 10 مىنۇت ۋاختىمنى چىقىرىشىم مۇمكىن!

ئاخىردا دوستلارغا دەيدىغىنىم بىر بىرىمىزنى قوللايلى! ياشنىسۇن ئۇيغۇر بلوگچىلىقى! ياشىسىۇن ئۇيغۇر تورچىلىقى!

ئىلان چىكىپ قويۇشنى ئۇنۇتىمىغايسىز ھى ھى!

无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

تەلەي +1

ئىلان دىمەك ئۇچۇر بايلىق دىمەك

ئاللىبۇرۇن20تال گۈل بۇ يازمىغا تاشلىنىپ بولدى

  • نەقىش ئىيتىدۇلەركى:2011/07/06 12:36 سەھەر جاۋاب

    مىنىڭچە يىقىندىن بىرى سىز تارقاتقان ئۇسلۇپلار ئىچىدىكى ئوزگىچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئۇسلۇپ بولۇپ چىقىپتۇ بۇ . بىراق ئىنكاس يىزىش ئورنىنىڭ خەتلىرى سەل كىچىكمۇ قانداق ؟

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/07/06 4:50 كەچ جاۋاب

      مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ ئۇسلۇبنى بىرەي

  • سىرداش ئىيتىدۇلەركى:2011/07/06 8:39 سەھەر جاۋاب

    مەنچە ھازىر تەرجىمە قىلىۋاتقان ئۇسلۇبىڭىز فەچەت كۆرۈندى ماڭا!!! :|

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/07/06 10:42 سەھەر جاۋاب

      ئۇئۇسلۇبنىڭ پۈتۈپ چىقىشىغا خىلى ئىش كىتىدۇ پۈتۈپ چىققاندىن كىيىن ھەقلىق شۇنداقلا باھاسى خىلى قىممەت بولۇپ چىقىدۇ، شۇڭا ئۇ ئۇسلۇبنىڭ بىكارلىق بىرەمدىكىن دەپ تاما تۇتماڭ :mrgreen:

  • پالۋان ئىيتىدۇلەركى:2011/07/06 3:33 كەچ جاۋاب

    پچەت ئۇسلۇب ئىكەن، ئەمدى ماڭىمۇ بىرەرسىز؟ :mrgreen: :idea:

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/07/06 4:51 كەچ جاۋاب

      ئەلۋەتتە بىرىمەن مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ 149672646 بۇ توپتىن مىنى ئىزدەڭ

  • پالۋان ئىيتىدۇلەركى:2011/07/06 3:35 كەچ جاۋاب

    مەنغۇ بۇ بىلوگقا داۋاملىق كىرىپ تۇرىۋاتىمەن :mrgreen:

  • مەن كىم؟ ئىيتىدۇلەركى:2011/07/06 4:10 كەچ جاۋاب

    بۇ ئۇسلۇب بەك ئۆزگىچە چىقىپتۇ. مەن ياقتۇردۇم. لىكىن مەن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ كۆرۈپ قالدىم . ماڭا نىسىپ بولماس ھەقىچان، :lol: . سىزنى قوللايمەن .تېخىمۇ ياخشى ئۇسلۇبلارنى بارلىققا كەلتۈرشىڭىزگە تىلەكداشمەن. :cool:

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/07/06 4:46 كەچ جاۋاب

      مۇشۇ تىمىغا 5- بولغىچە ئىنكاس يىزىشقا ئۈلگۈردىڭىز بۇ ئۇسلۇبنى بىرىشكە بولىدۇ مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭ 149672646 بۇ توپتىن مىنى ئىزدەڭ

  • نۇرلۇق ئىيتىدۇلەركى:2011/07/06 5:48 كەچ جاۋاب

    مەن 6-قەۋەتتە ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلاي، گەرچە ماڭا تەگمىسىمۇ، ئەلشاتنىڭ بىزگە بېرىۋاتقان بىلىمى كۇپايىدۇر. رەھمەت. :idea:

  • قىزىل دەريا ئىيتىدۇلەركى:2011/07/06 6:13 كەچ جاۋاب

    بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ. :mrgreen:

  • ئىزدەن ئىيتىدۇلەركى:2011/07/06 11:17 كەچ جاۋاب

    ئۇسلۇب ھەقىقەتەن تور پۈتۈك يازىدىغانلارغا ماس كېلىدىكەن. ئۇسلۇب ئۆزلەشتۈرۈش ھەقىقەتەن تەس. مەنمۇ ھازىرقى ئۇسلۇبنى خېلى تەسلىكتە ئۆزلەشتۈردۈم….

  • مەرىپەت ئىيتىدۇلەركى:2011/07/07 3:29 كەچ جاۋاب

    ماڭا يوقما؟ كۆپرەك ئادەمگە ئەۋەتكەنگە ئازلاپ قالمىغاندىكىن ماڭىمۇ ئەۋەتىۋىتىڭە. :twisted:

  • بىلىمدان ئىيتىدۇلەركى:2011/07/07 8:06 كەچ جاۋاب

    ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن جاپا چەكتىڭىز

  • نۇرئىسلام ئىيتىدۇلەركى:2011/07/17 11:34 سەھەر جاۋاب

    ماڭىمۇ ئەۋەتىپ بەرسىڭىز .

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/07/17 11:47 سەھەر جاۋاب

      ../uslub/?p=167 بۇ يەردىن چۈشۈرۋىلىڭ

  • Mr.Fan ئىيتىدۇلەركى:2011/07/26 3:32 كەچ جاۋاب

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
    مۈمكىن بولسا بۇ ئۇسلۇبتىن تەڭ بەھرىمەن بولغان بولساق…
    يېقىندا بىر دوستۇمغا بىر بىلوگ سۇپىسى تەييارلاپ بەرگەن ئىدىم بۇ ئۇسلۇب ناھايتىمۇ ماس كەلگۈدەك .. ھەقلىق سېتىۋالساممۇ بولىدۇ.
    مىنىڭ QQ نومۇرۇم: 393156579

  • Mr.Fan ئىيتىدۇلەركى:2011/07/26 3:34 كەچ جاۋاب

    (تۇنجى يازغان ئىنكاسى مەزمۇنى ئازراق خاتا يېزىلىپ قاپتۇ ، سىزنىڭ باش بېتىڭىزنىڭ ئۇسلۇبىنى دىمەكچى ئىدىم)
    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
    مۈمكىن بولسا بۇ ئۇسلۇبتىن تەڭ بەھرىمەن بولغان بولساق…
    يېقىندا بىر دوستۇمغا بىر بىلوگ سۇپىسى تەييارلاپ بەرگەن ئىدىم بۇ ئۇسلۇب ناھايتىمۇ ماس كەلگۈدەك ..
    مىنىڭ QQ نومۇرۇم: 393156579

  • ئۆزقان ئىيتىدۇلەركى:2011/09/06 2:16 كەچ جاۋاب

    بىلوگلىرىڭىز ياخشىكەن. بولۇپمۇ گولەن ئەپەندىگە ياساپ بەرگەن بىلوگىڭىز بوپ قويىدىكەن. بولسا ماڭىمۇ شۇنداقراق بىلوگدىن بىرەرنى تەييارلاپ بەرگەن بولسىڭىز. مەن ئۇيغۇر فولكلور بىلوگى قىلاي دىگەن. :cool: :cool:

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/09/07 9:00 سەھەر جاۋاب

      بولىدۇ، مىنى QQ ئارقىلىق ئىزدەڭ! QQ:464243056 ( مىنى قوشقاندا مۇلازىمەت دەپ ئەسكەرتىش بىرىڭ)

ئىنكاس يازغانلىق ئالىيجانابلىق دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە!

نام شەرپىڭىز | شەرت* |

ئىلخەت | شەرت* |

توربىتىڭىز | خالىسىڭىز يىزىڭ |

ئىنكاس مەزمۇنى | شەرت* |

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ctrl+k نى بىسىپ لاتىنچىگە ئالماشتۇرۇپ يىزىشقا بولىدۇ

CommentLuv badge