پەچەت شوخ ئۇسلۇبتىن بىرسى تارقىتىلدى

ۋاقتى150 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئۇسلۇب | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 06ئاي 10كۈنى | : 884 قىتىم كۆرۈلدى°

ئالدىنقى قىتىم تۇنجى ئۇسلۇب تارقىتىشىم بولغاچقا ئۇ ئۇسلۇبنىڭ كۆپ يەرلىرىدە خاتالىقلار بار ئىكەن ئۇيغۇربەگ نىڭ خاتالىقنى كۆرسىتىپ بىرىشى بىلەن ئۇ ئۇسلۇبمۇ مۇكەممەل قىلىنىپ قايتا تارقىتىلدى. بۇ قىتىم شۇ تەجىربە خاتالىقلاردىن ساۋاق ئىلىپ بۇ ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىپ چىقتىم، ھىسابتا ياساپ چىقتىم دىسەممۇ بولىدۇ. چۈنكى بۇ ئۇسلۇبنىڭ ئەسلى ئۇسلۇبى بىر خىل رەتسىز ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن . يەنە كىلىپ يۆلىنىشىنى سولدىن ئوڭغا قىلغاندا ئۇسلۇب ئوڭتەي توڭتەي بوپ كەتتى. شۇنداق بولسىمۇ يەنە تىرىشىپ شۇنچىلىك تەستە بۇ ئۇسلۇبنى تەرجىمە قىلىپ چىقتىم. ئەسلىدىكى پىلاندا ھەقلىق تارقىتىش ئىدى. لىكىن يەنىلا ھەقسىز تارقىتىشنى قارار قىلدىم. قىنى ئەمىسە ئۇسلۇبقا مەرھەمەت

ئۇسلۇبنىڭ ئالاھىدىلىكى:

رەڭلىرى سۈزۈك . ئاددى، جۇشقۇن بىر خىل شوخلۇق چىقىپ تۇرىدۇ.  بۇنى شوخ شاش ياش باللا ئىشلىتىشكە ماس كىلىدۇ دىگەندەك. تىما يوللاپ رەسىم ياساشقا ۋاختى يەتمەيدىغانلارغا تىخخمۇ ماس كىلىدۇ،( قىرىلارغا ماس كەلمەيدۇ دىگەندەك)ھى ھى!

ئاستىدىكى نەشىر ھوقوقىنى ساقلاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.

ئالدى بەتتىن پۈتۈن بىر كۆرۈنۈش. رەسىمنى چوڭايتىپ كۆرۈڭ

 

ئارقە بەتتىن بىر كۆرۈنۈش

 

 

چۈشۈرۈڭ

无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

تەلەي +1

ئىلان دىمەك ئۇچۇر بايلىق دىمەك

ئاللىبۇرۇن15تال گۈل بۇ يازمىغا تاشلىنىپ بولدى

  • تۇران تېكىن ئىيتىدۇلەركى:2011/06/10 9:15 سەھەر جاۋاب

    ئۇسلۇبلىرىڭىز باغانچە ئۆزگىچە بۇلۇۋاتىدۇ جۇمۇ! ئادەمنىڭ كۆزىنى قىزارتىپ!

  • sayram ئىيتىدۇلەركى:2011/06/10 10:39 سەھەر جاۋاب

    بەك پەيزى ئۇسلۇپلار ،ئەمدى ئۇسلۇپسىز قالمايدىغان بولدۇق ،داۋاملىق تېرىشىڭ دوستۇم ،بىز داۋاملىق كېلىپ تۇرىمىز :

  • يىتەكچى ئىيتىدۇلەركى:2011/06/10 2:01 كەچ جاۋاب

    بەك تەشنا بولغان ئىدىم ئەمدى تارقىتىپسىز بۇ ئۇسلۇپنى ،رەھمەت سىزگە!

  • يىتەكچى ئىيتىدۇلەركى:2011/06/10 2:03 كەچ جاۋاب

    بولۇپمۇ ھەقسىز تارقاتقانلقىڭىزدىن تولىمۇ خۇش بولدۇم،دىسە،بەك كۆپ ۋاقتىڭىز كەتتى بولمىسا ھە ! ماڭا دىگەن ۋاقتىڭىزغا قاراپ شۇنداق دىدىم قىنى بىر ئىشلىتىپ باقايچۇ؟بۇرۇنلا بەك شاش كۈرۈنگەنتى بۇ ئۇسلۇپ ماڭا !

  • يىتەكچى ئىيتىدۇلەركى:2011/06/10 2:22 كەچ جاۋاب

    ۋاي ئەلشات ئەپەندى،تارقاتماقچى بولغان ئۇسلۇبىڭىز ئالمىشىپ قالدىمۇ قانداق؟بۇ چۈشۈرۈپ قاچلىغان ئۇسلۇپنىڭ ھىچ بىر يىر ،مۇنۇ سۈرەتتىكى ۋە مەن كۆرگەنگەن ئۇسلۇپقا ئوخشىمايلا قالدىغۇ ؟
    ئامال بار مۇ يا؟

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/06/10 2:25 كەچ جاۋاب

      كەچۈرسىز راستىنلا ئالمىشىپ قاپتۇ 5 مىنۇتتىن كىيىن قايتا چۈشۈرۋىلىڭ

  • پالۋان ئىيتىدۇلەركى:2011/06/10 2:29 كەچ جاۋاب

    ماڭا ئۇسلۇب قاچىلاشنى ئۈگىتىپ قويغان بولسىڭىز؟
    چ چ:1379861409

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/06/10 4:01 كەچ جاۋاب

      ئۇسلۇب قاچىلاش ناھايتى ئاددى ، ئارقا بەتتىن ئۇسلۇبلا- ئۇسلۇبلارنى قاچىلاش- يۈكلەش – ئۇسلۇبنى تاللاپ بىرىپ ھازىر قاچىلاشنى باسسىڭىز بىر ئاز ساقلىسىڭىز قاچىلىنىدۇ ئاندىن قوزغىتىشنى باسسىڭىز بولىدۇ

  • نەقىش ئىيتىدۇلەركى:2011/06/10 3:21 كەچ جاۋاب

    بۇ ئۇسلۇپمۇ بولدىغان ئۇسلۇپلسردىن ئىكەن رەتلىك، پاكىز چىقىپتۇ

  • ھونزادە ئىيتىدۇلەركى:2011/06/10 7:34 كەچ جاۋاب

    مەنمۇ چۈشۈرۋالدىم،ئەلشات شۇ كۈنلەردە بەك تىرىشچان بۇلۇپ كىتىپ بارسىز جۇمۇ،ياشاپ كىتىڭ.

  • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/06/10 8:08 كەچ جاۋاب

    بۈگۈن ئۇيغۇربەگ پەتىۋا چىقارغىلى كەلمەپتىغۇ ، قارىغاندا ئۇسلۇبتا مەسىلە يوق ئىكەندە

  • سەرخۇش ئىيتىدۇلەركى:2011/06/11 12:42 كەچ جاۋاب

    ئەلشات، بۇ ئۇسلۇب بەك چىرايلىق، شوخ ئۇسلۇب ئىكەن. ماڭا يارىدى. مۇشۇ ئۇسلۇپنى نىمىشقا بۇرۇن كۆرمىگەندىمەن. سەرخۇش بىلوگىنى ياخشى ئىشلەپ بەردىڭىز. قوللاپ قويارسىز. كۆپ- كۆپ يول كۆرسىتەرسىز.

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/07/13 1:15 سەھەر جاۋاب

      مىنىقوللىغانلارنى مەنمۇ قوللايمەن، :smile: ئەلدىن ئەلگە نەپ! نەپ چىقمىسا قوڭىغا تەپ، دەپتىكەن

  • ئاقدۆڭ ئىيتىدۇلەركى:2011/07/12 11:20 كەچ جاۋاب

    ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىپ ھارمىدىڭىزمۇ؟ھېلىمۇ سىز نۇرغۇن ئۇسۇلۇبلارنى تارقاتتىڭىز.بولسا wordpress تارقاتقان ئۇسۇلۇبلارنىڭ ھەمىسىنى چالا قويماي تەرجىمە قىلىپ چىقايسىز.مەنمۇ چالا قويماي چۈشۈرىۋېرىمەن.بۇ ئۇسلۇبنىمۇ چۈشۈرىۋالدىم.رەخمەت سىزگە .
    بۇ بۇرادەر دائىم ئۇسۇلۇبلارنى تىمىسقىلاپ يۈرۈيدىكەن دەپ قالماڭ.چۈنكى مەن كۈندە سىز تارقاتقان ئۇسۇلۇبلانرى ئالماشتۇرۇپ ئىشلىتىپ، ئۆزگىرىشچان بىلوگ خاراكتىرىنى يارىتىمەن. :grin:

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/07/13 1:17 سەھەر جاۋاب

      wordpress تارقاتقان ئۇسۇلۇبلارنىڭ ھەمىسىنى چالا قويماي تەرجىمە قىلىپ چىقايسىز. ماۋۇ ئالامەت گەپ بولدى، wordpress نىڭ نەچچە يۈزمىڭ ئۇسلۇبىىن تەرجىمە قىلىپ چىقامدىم، مىنى چارچاپ ئۆلسۈن دەيدىكەنسىز دە

ئىنكاس يازغانلىق ئالىيجانابلىق دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە!

نام شەرپىڭىز | شەرت* |

ئىلخەت | شەرت* |

توربىتىڭىز | خالىسىڭىز يىزىڭ |

ئىنكاس مەزمۇنى | شەرت* |

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ctrl+k نى بىسىپ لاتىنچىگە ئالماشتۇرۇپ يىزىشقا بولىدۇ

CommentLuv badge