ئەلشاتنىڭ تۇنجى WP ئۇسلۇبى تارقىتىشى

ۋاقتى156 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: ئۇسلۇب | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 06ئاي 03كۈنى | : 1,002 قىتىم كۆرۈلدى°

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار كەمىنە نەچچە كۈندىن بىرى مۇشۇ ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنى ئۈگىنىمەن دەپ ئالدىراشلا يۈرۈپ بلوگقا تۈزۈكمۇ قاراپ بولالمىدىم ، مانا مۇشۇ ئىزدىنىشلىرىمنىڭ مەھسۇلى بولغان تۇنجى قىتىملىق ھەقسىز ئۇسلۇبنى تارقىتىپ تۇرۇپتىمەن. راستىنى دىسەم بۇ مىنىڭ تۇنجى قىتىملىق تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇبىم ئەمەس بۇ ئۇسلۇبتىن بۇرۇن 3 كىشىگە ھەقلىق ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىپ بىرىپ بولدۇم. ماڭا تەرجىمە قىلغان ئۇسلۇبلىرىمنىڭ ئارىسىدا ھەممىدىن بەك يارىغىنى ئالىم بىز بلوگىنىڭ ئۇسلۇبى بەك يارايدۇ.ھى ھى. بۇندىن كىيىنمۇ يەنە نادىر ئۇسلۇبلارنى تەرجىمە قىلىشقا تىرىشىمەن . بولدى گەپنى ئاز قىلىپ نەخ گەپكە كىلىپ ئۇسلۇبنى تارقىتاي. ئۇسلۇب كەمىنە ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبتىن جىق پەرىقلەنمەيدۇ ئۇسلۇب ئاپتورىمۇ مىنىڭ ئۇسلۇبىمنىڭ ئاپتورى شۇ. مەن ئىشلىتىۋاتقان ئۇسلۇبنى ئىشلىتىۋاتقانلار بۇ ئۇسلۇبنى ھىچ بىر قىيبالمايلا ئىشلىتىپ كىتىدۇ چۈنكى ئارقا بىتى مۇشۇ ئۇسلۇبنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن ئوخشاش.
بۇ كەمىنىنىڭ تۇنجى ھەقسىز ئۇسلۇب تارقىتىشى شۇنداقلا يىڭى ئۈگىنىۋاتقان بولغاچقا ھەرخىل خاتالىقلاردىن ساقلىنىپ بولالمايدىكەنمەن شۇڭا خاتا بولۇپ قالغان يەرلىرى بولسا كەچۈرۋىتەرسىلەر.

ئەسكەرتىش: ئۇسلۇبنى ئىشلەتكەندە ئاستىدىكى ئاپتورلۇق نامىنى چىقىرۋەتمەي ئىشلىتىڭ.

كۆرۈنۈش  رەسىمنى باسسىڭىز چوڭىيدۇ

ئۇيغۇر بەگ ئەپەندىنىڭ كۆرسىەتمىسى بىلەن كۆپ جايلاردىكى خاتالىقلار تۈزىتىلىپ قايتا تارقىتىلدى

چۈشۈرۈڭ

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

تەلەي +1

ئىلان دىمەك ئۇچۇر بايلىق دىمەك

ئاللىبۇرۇن25تال گۈل بۇ يازمىغا تاشلىنىپ بولدى

  • قۇتلۇق بەگ ئىيتىدۇلەركى:2011/06/03 7:10 كەچ جاۋاب

    ئاداش يارايسىلەر ئەمما رەسىمنى چوڭراق قىلىپ كۆرگىلى بولمايكەن

  • بۇلبۇلناز ئىيتىدۇلەركى:2011/06/03 7:31 كەچ جاۋاب

    يەنە قۇرۇق قاپتىمەن دىۋاندىن ، ئەمما ئۇسلۇبىڭىزغا بارىكاللا ، چىرايلىق ئۇسلۇپ بوپتۇ!!!

  • يېڭلىق ئىيتىدۇلەركى:2011/06/03 7:39 كەچ جاۋاب

    قالتىس ئىش بوپتۇ جۇمۇ ، ئاداش! بارىكاللا ….
    ماڭا مۇكاپاتقا بېرىدىغان ئۇسلۇبچۇ ؟ ھى…ھى…ھى…. :roll:

  • كۆكتېكىن ئىيتىدۇلەركى:2011/06/03 7:40 كەچ جاۋاب

    پېچەت چىقىپتۇ، داۋاملىق تېرىشىڭ، ھەم ھەقسىز تارقىتىپسىز، ھەممەيلەن قاتتىق قوللايمىز ئەمما مېنىڭمۇ ئۆگەنگىم بارتى، بۇ ئۇسلۇب تەرجىمە قىلىشنى… :arrow:

    • ئىشەنىچ تورى ئىيتىدۇلەركى:2011/07/02 3:51 كەچ جاۋاب

      ھاي ئەپەندىم قولىڭىزغا قاراڭ خــــــــــو تۆكىلەپ كەتتى.

    • كۆكتېكىن ئىيتىدۇلەركى:2011/07/03 3:01 كەچ جاۋاب

      ئاللا، سەت بولۇپتۇ، مەن رەسىمنى تاللىغاندا خاتا چىكىلىپ كېتىپتۇ، ھەم بۇنى بۈگۈن ئاران بايقاپتىمەن، ئەلشات ئەپەندىم، سىزدىن ئۆزرە سورايمەن. :!:

      • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/07/03 3:09 كەچ جاۋاب

        ۋاي ياقەي، بۇ تىخى مەندىكى مەسىلە بولۇشى مۇمكىن، ھى ھى ھى! رەسىم ئالماشتۇرغاندا، ئىپادە رىسىمىنى ئالماشتۇرغاندا ئىپادە ئالمىشىپ قالغان بولۇشىمۇمكىن :mrgreen:

  • مەدرىس ئىيتىدۇلەركى:2011/06/03 9:38 كەچ جاۋاب

    بارىكاللاھۇ فىيكە. مۇشۇنداق ئەمەلىي ئىشلار بولسا قىلىپ تۇرۇڭلار. بىلىمنى سېسىتىۋەتمەي…………..
    :smile:

  • ئۇيغۇربەگ ئىيتىدۇلەركى:2011/06/03 10:56 كەچ جاۋاب

    دېمو ئادرىسى بولسا تەكلىپ-پىكىر بەرسەم بوپتىكەن!

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/06/03 11:11 كەچ جاۋاب

      بار تەجخربىخانامنىڭ ئادرىسىنى دەپ بىرەي مۇشۇ بىر نەچچە كۈنگىچە تۇرۇشى مۇمكىن كۆرۈش ئادرىسى:../uy/

  • نەقىش ئىيتىدۇلەركى:2011/06/04 12:17 سەھەر جاۋاب

    ئەلشات ئەپەندىنىڭ بۇ نەتىجىسدىن راستىنى دىسەم ناھايتى سويۇندىم ، چۇنكى ئەلشات ئەپەندى blogbus سۇپىسدا ئاساسەن بىلوگ قۇرۇش ۋە كوت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان شۇنداقلا كوپلىگەن تورداشلارغا سىخى قولنى سۇنۇپ ئىرىنمەستىن يىتەكلەپ ماڭغان ئىدى wp قا كوچكەندىن بىرى كۇلدۇرگە دىگەندەك تىمىلارنى ئاساس قىلدى بۇنى مەن (بۇ ۋاقىتلىق ئەھۋال، مۇشۇ جەرياندا wp بىلىملىرنى ئوزلەشتۇرۋاتىدۇ چۇنكى bayliq قانداقتۇر ھەييار ۋە سىھرىگەر ئەمەس بۇنداق ئىشلار ئۇنىڭ خاراكتىرگە ماس كەلمەيدۇ) دەپ ئويلىغان ئىدىم بۇ پەرزىمنىڭ خاتا ئەمەسلىكىگە بۇگۇن ئىشەندىم بۇندىن كىيىن wp توغرىلىق يىڭى تىما يوللانسا دىۋان مىنىڭكى بۇگەندىن باشلاپ كوتۇرە ئالدىم . ۋاقىپ بولغايسىلەر ھە :arrow:

    • تۇران تېكىن ئىيتىدۇلەركى:2011/06/04 12:41 سەھەر جاۋاب

      زامان كۆتۈرە ئالغۇچىلارنىڭ ئەمەس، بەلكى پۈرسەتنى تۇتۇشقا ماھىر بولغۇچىلارنىڭ! :idea:

  • نەقىش ئىيتىدۇلەركى:2011/06/04 1:35 سەھەر جاۋاب

    بىلمەپتۇق جىمۇ (تۇران تېكىن) ئەپەندى ئەسلى شائىر ئىكەندۇق

    • مەدرىس ئىيتىدۇلەركى:2011/06/04 11:22 سەھەر جاۋاب

      يازغىنى شىئىردەك كۇرنۇپ كەتكەن ئوخشىمامدۇ تەخسىر :roll:

      • نەقىش ئىيتىدۇلەركى:2011/06/05 8:44 كەچ جاۋاب

        تەخسىر مەن سىزگە (تۇران تېكىن) نىڭ يازغىنى شىئىر ئىكەن دىدىممۇ؟ :lol:

  • بۇلبۇلناز ئىيتىدۇلەركى:2011/06/04 11:34 سەھەر جاۋاب

    پۇرسەت كۈتۈپ تۇرغانلارغا ئەمەس ،ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئۆتكەنلەرگە مەنسۇپ!!ئۇسلۇپ تەرجىمە قىلىش راستلا بەك نازۇك ئىش ئىكەن ، بولۇپمۇ css قىسمىغا چاخچاق قىلغىلى بولمايدىكەن ، نەچچە كۈن ياقى كۈنۈم css نى تىكىپ سۆكۈش بىلەنلا ئۆتتى دىسە!!! :x

  • بىرلام ئىيتىدۇلەركى:2011/06/09 9:06 كەچ جاۋاب

    بلوگباستىمۇ ئۇسلۇپىڭىزنى تالىشىپ ئىشلەتكەن ،بۇيەردىمۇ بارئىكەن ئۇسلۇپىڭىز ھە جاپا چەكتىڭىز

  • نۇرئىسلام ئىيتىدۇلەركى:2011/07/02 12:28 كەچ جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم .ئەڭ پەچەت يازمىلار نىڭ سۇرەت چوڭلىقى قانچىلىك بولىدۇ .دەپ بەرگەن بولسىڭىز .ئاۋارە قىلدىم.

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/07/02 1:03 كەچ جاۋاب

      190*550 بولىدۇ مىنىڭ ئۇسلۇبىمنىڭ رەسىم چوڭۇلقى بىلەن ئوخشاشقۇ دەيمەن، QQ نىڭ كىسىش قۇرالى ئارقىلىق ئۆلچەپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ

      • نۇرئىسلام ئىيتىدۇلەركى:2011/07/02 8:48 كەچ جاۋاب

        شۇنداق قىلسام ھەم سۇرەت كىچىك چىقىۋالدى . سىز سىناپ بىقىڭە مەن خاتا قىلىپ قالدۇممۇ يە.550*190 قىلغانتىم بول مىسا يەنە سۇرەت كىچىك چىقىۋالدى .

        • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/07/02 11:56 كەچ جاۋاب

          كىچىك چىقپ قالسا چوڭراق قىلىپ ئىشلەڭ QQ نىڭ كىسش قۇرالىدا ئۆلچەپ بىقىڭ

  • ئىشەنىچ تورى ئىيتىدۇلەركى:2011/07/02 3:53 كەچ جاۋاب

    بۇ ئۇسلۇپ بەك چىرايلىقكەن، بىزلەرمۇ قاچان مۇشۇنداق چىرايلىق ئۇسلۇپتا ۋورودپىرەس كە كۆچەمىز

  • ياسىنجان ئىيتىدۇلەركى:2011/07/03 7:32 كەچ جاۋاب

    مەنمۇ قاچان سىلەردەك ئايرىم بىلوگ قۇرالارمەن.

    • نۇرلۇق ئىيتىدۇلەركى:2011/07/06 5:55 كەچ جاۋاب

      قىلاي دېسىڭىز ھەقسىز ياردەم بار.

  • ئاقدۆڭ ئىيتىدۇلەركى:2011/07/12 11:26 كەچ جاۋاب

    بۇ ئۇسلۇبنىمۇ چۈشۈرىۋالدىم.رەخمەت سىزگە .سىز بەكلا تىز تەرجىمە قىلىدىكىەنسىز. :mrgreen:

ئىنكاس يازغانلىق ئالىيجانابلىق دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە!

نام شەرپىڭىز | شەرت* |

ئىلخەت | شەرت* |

توربىتىڭىز | خالىسىڭىز يىزىڭ |

ئىنكاس مەزمۇنى | شەرت* |

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ctrl+k نى بىسىپ لاتىنچىگە ئالماشتۇرۇپ يىزىشقا بولىدۇ

CommentLuv badge