alimama دا ئالاھىدە ھەقسىز ئىلان ئىشلەش

ۋاقتى6 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: پەچەت بىلىملەر | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 10ئاي 01كۈنى | : 223 قىتىم كۆرۈلدى°

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار نەچچە كۈندىن بىرى باشقا بىر توربىكەت قۇرىمەن دەپ شۇنىڭ بىلەن بولۇپ بلوگقىمۇ قارىيالماي نەچچە كۈن يازما يوللىماپتىمەن، شۇڭا بۈگۈن ھەممە كىشىگە ھەقىقى نەپ يەتكۈدەك بىر يازما يازاي دەپ بۇ يازمىنى يىزىپ ئولتۇردۇم، قىنى ئۇنداقتا نەزىرىڭىز يازمىمىزدا بولغاي، ئىلان ئۈنىمى مانا مۇنداق ۋە بۇنىڭدىنمۇ نوچى ئىشلىيەلەيسىز.

بۇ alimama شىركىتىنىڭ ئالاھىدە ئىلان ئىشلەش كۆزنىكى بولۇپ بۇنى ئاساسلىق مۇشۇ توربىكەتنىڭ ئەزالىرىغا ياخشى ئىلان ئىشلەپ توربتىدىكىكى مەھسۇلاتلىرىنى ياخشى سىتىش ئۈچۈن ئالاھىدە قىلىپ ياسىغان توربىكەت بولۇپ بۇ توربىكەتكە قوشۇلغان بۇ ئىلان ئىشلەش ئىختىدارلىرى خىلى دىتاللاردىمۇ يوق، ھەقىقەتەن ئىلغار دىيىشكە بولىدۇ، قىنى ئەمىسە باشلايلى.

1- بۇ توربىكەتكە كىرىڭ http://banner.alimama.com

توربەتكە كىرسىڭىز ئۈستىدە ئىككى خىل تاللاش بار يەنى رەسىمدىكىدەك

جۈزە رەڭ رەڭلىكى تەييار ئىشلەپ قويغانلىرىدىن پايدىلىنىشنى كۆرسىتىدۇ، كۆك رەڭدىكىسى بولسا ئۆزىمىز لاھىيلەشنى كۆرسىتىدۇ.

تەييار ئۇسلۇبنى ئىشلىتىمەن دىسىڭىز

رەسىملىك لايىھەلەر خەتلىك لايىھەلەر ۋە شۇنىڭدەك ھەرخىل كەسىپكە ماس كىلىدىغان تۈرلەرنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ، شۇ يەردىن ئۆزىڭىزگە خاس تىپنى بىسىپ ئۆزگەرتىپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ

(تەۋسىيەرىمىز ئۆزىمىز لاھىيلەش)

باسقانداىن كيىن سىزگە قانچىلىك چوڭلۇقتا ياسايسىز دەپ ئىلان رازمىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ، ئۆزىڭىزگە لازىملىق رازمىرنى باسقاندىن كىيىن ئىلان ئىشلەش بىتىگە كىرىدۇ.

بۇ يەردەخەت قوشۇش رەسىم ۋە سىن بەلگە ۋە ئىقتىدار قوشۇش ۋە ساقلاش كۇنۇپكىلىرى بار، سىز مۇشۇ يەردىن ھەرخىل ئۈنۈملەرنى قوشۇپ لاھىيلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

لاھىيلەپ بولغاندىن كىيىن ساقلاشنى باسسىڭىز تۆۋەندىكىدەك ئورۇن كۆرۈنىدۇ ۋە ئىشلىگەن ئىلانىڭىزنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنىدۇ.

ساقلاش دىگەننى باسىسىز. بىر بەت ئىچىلىدۇ، بۇ يەردىن سىز بۇ ياسىغان ئىلانىڭىزنى رەسىم قىلىپ ساقلىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ، ياكى swf فىلاش شەكلىدە كومپىيۇتىرغا چۈشۈرۋالسىڭىزمۇ بولىدۇفىلاش ئادرىسىنى ئىشلىتىپ بىرە يەرگە قىستۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ، html ئادرىسىنى كۆچۈرۈپ مىنىڭكىدەك بوگقا قويسىڭىزمۇ يازمىغا قىستۇرسىڭىزمۇ بولىدۇ.

بلوگ يان سىتونىغا قويىمەن دىگۈچىلەر بولسا ئىلاننى يان سىتونغا ماس كىلگۈدەك ئىشلەپ ۋىجىتلار رايۇنىغا كىرىپ تىكىست دىن بىرنى سۆرەپ يان سىتونغا تاشلاپ ئىچىگە html كودىنى كۆچۈرۈپ ساقلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ. قانداق ئاسانمىكەن، بۇنى چوقۇم قىلالايسىز. بۇنىڭدەك ئاددى ئالاھىدە ئىلان ئىشلەش دىتالى ياكى ئۇسۇلنى باشقا يەردىن تاپالمايسىز.

يازما يارىغان بولسا ئىلان چىكىپ قوللاپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

تەلەي +1

ئىلاندىمۇ ئەڭ سەرخىل ئۇچۇر چىقىدۇ

ئاللىبۇرۇن5تال گۈل بۇ يازمىغا تاشلىنىپ بولدى

  • ھارماس ئىيتىدۇلەركى:2011/10/01 9:15 كەچ جاۋاب

    دىۋان… :idea: ئېسىل ئوقەت بۇ ياخشى پايدىلىنالىسىلا… :cool:

  • ئۇزۇق ئىيتىدۇلەركى:2011/10/02 8:35 سەھەر جاۋاب

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    گۇگۇل ئىلانىڭىزدا بىر ئۇرۇس قىزى كۈزىنى پارقىرتىپ بىر مۇرىسىنى چىنەپ ئوتتىرامدۇ قانداق؟

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/10/02 11:54 سەھەر جاۋاب

      بۇ ئىلاننى ئالمىشىپ كىتەر دىسەم ئەجەپ قونداققا چىققان توخودەك ئولتۇردى، ئەمدى چەكلىۋەتمەي بولمىدى

  • مۇرشىد ئىيتىدۇلەركى:2011/10/03 1:16 سەھەر جاۋاب

    ئەسسەلامۇ-ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭلا ئەلشات قېرېنداش ئەلشات ئۇزۇندىن بېرى مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تورتۇرايىڭىزنى پات-پات زىيارەت قىلىپ تۇرالمىغان . بۇ ئىشلار مۇ بىر قۇر ئىزىغا چۈشتى .
    مەخسەتكە كەلسەك بىكىتىڭىزنى ناھايتى نادىر تىمىالار بىلەن بىزىۋېتىپسىلەر ھەممىسى دىگۈدەك بىزلەر ئۈچۈن پايدىلىقكەن كۆزتەگمىسۇنبۇندىن كىيىن ئۈزلىكسىز تېرىشىڭلار . ئەمسە مەن چىقاي بىزتەرەپكىمۇ ئۈتۈپ قۇيارسىلە .. :shock: :smile:

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/10/03 2:39 سەھەر جاۋاب

      بولىدۇ.ئەمدى پات پات كەپ تۇرغايسىز!

ئىنكاس يازغانلىق ئالىيجانابلىق دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە!

نام شەرپىڭىز | شەرت* |

ئىلخەت | شەرت* |

توربىتىڭىز | خالىسىڭىز يىزىڭ |

ئىنكاس مەزمۇنى | شەرت* |

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

CommentLuv badge