سەنئەت دىگەن يەنىلا سەنئەت دە! تاۋۇز سەنئىتى
ۋاقتى64 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: پەچەت بىلىملەر | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 09ئاي 05كۈنى | : 508 قىتىم كۆرۈلدى°
سەنئەت دىگەن ئاجايىب بىر دۇنيا ئىكەن، بىز شۇ دۇنيادا شۇ سەنئەتلەردىن ھوزۇر ئىلىپ ياشايدىكەنمىز. بۇ سەنئەتلەر ھەرخىل نەرسىلەردىن ھەرخىل تەبىقىدىكى كىشىلەر تەرپىدىن ھەرخىل سەنئەتلەر دۇنياغا كىلىدىكەن،
ۋۆۋەندە بىر كىشى تاۋۇز ئۈستىگە شۇنداق چىرايلىق .ئەتتىرگۈلنى ئويۇپ چىقىپتۇ، ھەم سىزگە ئويۇش ئۇسۇلىنى ئۈگىتىدىكەن، بۇنى ئۈگىنىۋىلىپ ئۆيىڭىزگە مىھمان كەلگەندە مۇشۇنداق ئويۇپ داستىخاننىڭ ئوتتۇرسىغا تىزىپ قويسىڭىز، پاھ پاھ پاھ! ئالامەت! مىھمانلىرىڭىزنىڭ كۆزىدىن ئوت چاقناپ كىتىدۇ دە! ئۈگىنىپ قويۇشقا تىگىشلىك ئىش ئىكەن!
强大的西瓜雕刻艺术。
قارىماققا شۇنداق ئاددىيدەك قىلىدۇ، قۇراللارمۇ كۆپ ئەمەسكەن. مەن بىر سىناپ باقاي، ئەگەر مۇۋەپپىقىيەت قازىنالىسام، نەتىجەمنى تورداشلارغا كۆرسىتىمەن.
ياخشى باشلىنىش!
مەن سىناپ باقاي دەپ قاملاشتۇرالمىدىم، 3 تاۋۇزنى بىكار قىلىۋەتتىم ئەمەسمۇ! قارىماققا ئاساندەك قىلغان بىلەن ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن.
تاۋۇز تاللىغاندا شاپىقى قىلىقن كاۋىدەك بىرخىل تاۋۇزلار بار شۇنداق تاۋۇز تاللىسا بولغىدەك
مەن ئىككى تاۋۇزنى سىناپ باقتىم، ئىككىلىسى پىچاقنى كۆرۈپلا ۋاككىدە يېرىلىپ كەتتى
ھازىرقى تاۋۇزلارمۇ ئەقىللىق بوپ كەتتى، مەخسەت چۈشىنىدۇ، پىچاقنى ئەكىلىپ بولغىچە پىچىدىغانلىقىنى بىلىپ يىرىلىۋالغان گەپ، ئۆزىنى سورىغان قازى ئالدىغا بارماپتۇ دىگەن ماقال تەمسىلنى ئۇلارمۇ بىلسە كىرەك !
بۇندىن كىيىن تېخىمۇ ئەقىللىقلىشىپ كىتىپ پىچاي دىگەن ئويغا كىلىپ بولغىچە يېرىپ تەييار بولامىكى!
ھۇ………. ئۇنداق بولسا چاتاق چىقىدۇ، بىچارا تاۋۇزچىلارنىڭ ئالدىدىن ئۆتكىلى بولماي قالارمىكىن بولمىسا………………..
توۋا مۇنداق ئىشمۇ باركەن-ھە؟