يان سىتونغا سۈرەتلىك فىلىم ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى

ۋاقتى84 كۈنبۇرۇن | ئاپتور: ئەلشات | سەھىپە: پەچەت بىلىملەر | يوللانغان ۋاقتى:2011يىل 08ئاي 15كۈنى | : 550 قىتىم كۆرۈلدى°

ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم دوستلار: سىلەر بەلكىم بەزەن دوستلىرىمىزنىڭ بلوگىدا يان سىتونغا سۈرەتلىك فىلىم ئورۇنلاشتۇرۋالغىنىنى كۆرگەن بولۇشىڭلار مۇمكىن،ھەيران قالماڭلار ! قانداق چىقىرىدىغاندىمىز دەپ باش قاتۇرۇپمۇ كەتمەڭلار، ئەمەلىيەتتە بۇ ناھايتى ئاسان ئىش، بۈگۈن بۇنى قانداق چىقىرىش توغىرسىدا  ئازراق بىلجىرلىماقچى، قىنى ئاڭلاپ بىقىڭلار.

مەنمۇ ئالدىنقى كۈنى بۇ ئۇسۇل كاللامغا كەلمەي قىستۇرما رايۇنىدىن قىستۇرما ئىزدەپ قاچىلاپ يۈرۈپتىكەنمەن، بۈگۈن تۇرۇپلا يىشودەك كاللامغا بۇ ئۇسۇل كىلىپ قالدى قارىسام بوپ قالدى ، شۇڭا مۇشۇ ئۇسۇلنى ئىزدەپ يۈرگەن دوستلارغا ئاسان بولسۇن دەپ يوللاپ قويدۇم.

ئاۋۋال بىز چىقارماقچى بولغان ناخشىنىڭ html ئادرىسىنى كۆچۈرۈپ ئالىمىز، ئاندىن ئارقا بەتتىن كۆرۈنۈش←ۋىجىتلار  مۇشۇ يەرگە كىرىپ  ياندىن  تىكىست دىگەن كۆزنەكتىن بىرنى يان سىتونغا سۆرەپ ئەكىلىمىز ئاندىن سىز چىقارماقچى بولغان ناخشىنىڭ بايا كۆچۈرۋالغان html ئادرىسىنى تىكىست كۆزنىكىنىڭ ئىچىگە چاپلاپ ساقلىۋەتسىڭىزلا بولدى، قانداق ئاسانمىكەن، سىز بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق html ئادرىسى بار ھەرقانداق نەرسىنى مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق يان سىتونغا چىقىرىشقا ۋە ياكى يازمىغا قىستۇرالايسىز، مۇزىكىنى قانداق چىقىرىمىز دەپ باش قاتۇرۇپ يۈرگەنلەرمۇ بۇ ئۇسۇلنى ئويلىشىپ بىقىڭلار، بەزەن مۇزىكا قويغۇچلارنىڭ مۇشۇنداق html ئادرىسى بولىدۇ، شۇنى قويساڭلارمۇ چىقىۋىرىدۇ،

ناخشىنىڭ html ئادرىسىنى قانداق ئالىمىز دەپ سوراپمۇ ئولتۇرماڭلار، بۇنىمۇ بىلمەيدىغانلار ئۈچۈن  ( بىلىدىغانلار بۇنچىلىك نەرسىنى دىمىسىمۇ بىلىمىز دەپ تىللاپ كەتمىسۇن يەنە) دەپ بىرەي،كۆپىنچە ناخشا بەتلىرىHtml swf  ئادرىسىنى تەمىنلەيدۇ، بەزەن بىكەتلەر تەمىنلىمەيدۇ، شۇڭا تەمىنلەيدىغان بىكەتنىڭ ناخشىسىنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، Html ئادرىسىنى ئىلىش ئۈچۈن ناخشا چىقىۋاتقان كۆزنەكنىڭ ئاستىغىراق قارىسىڭىز 分享 دەپ (ئورتاقلىشىش)  دەپ بىر خەنزۇچە خەت بولىدۇ، شۇنى باسسىڭىز چىقىدۇ

قانداق ئاسان ئۇسۇلمىكەن، ھى ھى! ئەمەلىيەتتە Wordperss ناھايتى ئاسان، پەقەت بىز ئىزدەنمەسلىكتىن جاپا تارتىپ قالىمىز شۇ.

无觅相关文章插件,快速提升流量

يازما سىزگە يارىغان بولسا ئۇلانما تورىغا تەۋسىيە قىلىڭ

تەلەي +1

ئىلان دىمەك ئۇچۇر بايلىق دىمەك

ئاللىبۇرۇن9تال گۈل بۇ يازمىغا تاشلىنىپ بولدى

  • تۇران تېكىن ئىيتىدۇلەركى:2011/08/15 9:18 سەھەر جاۋاب

    بۇ ھۇنەرنى سىزدىن سوراي دەپ تۇرغان ئىدىم، بىر دەمدىلا يوللاپ بوپسىز، كەڭ قورساقلىقىڭىزغا ئاپىرىن!!!

  • ئۆزقان ئىيتىدۇلەركى:2011/08/15 11:14 سەھەر جاۋاب

    ئەلشاتباي، بۇ شاخقا چىقىپ ئاق ئۈژمە تېرىپ يېگەندەك ئاسانلا بىر ئىشكەنغۇ ئەسلى! :mrgreen:

  • ئاقدۆڭ ئىيتىدۇلەركى:2011/08/15 12:17 كەچ جاۋاب

    شۇنداق ئالدىراش بولسىڭىزمۇ بىلوگ بىلىملىرىنى يوللاشنى ئۇنۇتماپسىز.كۆپچىلىك نامىدىن سىزگە كۆپ رەخمەت.
    تەلەپ:بىلوگقا ھەرخىل ئېلانلارنى قويۇش بىلىملىرىنىمۇ يوللاپ قويسىڭىز.جاپا سالىدىغان بولدۇم.سىزگەە رەخمەت. :grin:

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/08/15 1:06 كەچ جاۋاب

      مەنچە بۇ سۆزلىگۈدەك ئىش ئەمەس دەپ ئويلايمەن، ئىلان قويۇش خۇددى مۇشۇ سۈرەتلىك فىلىم قويغاندەك ئىش

  • ھونزادە ئىيتىدۇلەركى:2011/08/15 1:15 كەچ جاۋاب

    مۇشۇنداق ياخشى تېمىلارنى كۈندە يوللاپ تۇرىڭە بولسا،تاما-تاما كۆل بۇلار دىگەندەك بولاتتى.

  • ئاقدۆڭ ئىيتىدۇلەركى:2011/08/15 3:10 كەچ جاۋاب

    مەنمۇ تەپسىلىي كۆرمەي قالدىممۇ. :twisted:

  • ئاقدۆڭ ئىيتىدۇلەركى:2011/08/15 4:08 كەچ جاۋاب

    ئلشات ئەپەندىم.مەن مۇشۇ ئاسان ئۇسلنى مىڭ تەستە قىلسام سىزنىڭ بىلوگىڭىزدەك ئىخچام كۆرۈنمەي،كېلەڭسىز چىقىۋالدى.بۇنىڭغا ئامال بارمۇ؟ :oops:

    • ئەلشات ئىيتىدۇلەركى:2011/08/15 7:14 كەچ جاۋاب

      فىلىمنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنى توغرا تەڭشەش

  • نەقىش ئىيتىدۇلەركى:2011/08/17 1:14 سەھەر جاۋاب

    ئەلشاتجان قارىم مولھوسۇللىق بىلوگگىرلاردىن بولۇپ قالدى
    سىزگە كوپ رەخمەت

ئىنكاس يازغانلىق ئالىيجانابلىق دەپ يازغانمەن ھىكمەت خاتىرەمگە!

نام شەرپىڭىز | شەرت* |

ئىلخەت | شەرت* |

توربىتىڭىز | خالىسىڭىز يىزىڭ |

ئىنكاس مەزمۇنى | شەرت* |

icon_wink.gif icon_neutral.gif icon_mad.gif icon_twisted.gif icon_smile.gif icon_eek.gif icon_sad.gif icon_rolleyes.gif icon_razz.gif icon_redface.gif icon_surprised.gif icon_mrgreen.gif icon_lol.gif icon_idea.gif icon_biggrin.gif icon_evil.gif icon_cry.gif icon_cool.gif icon_arrow.gif icon_confused.gif icon_question.gif icon_exclaim.gif 

ctrl+k نى بىسىپ لاتىنچىگە ئالماشتۇرۇپ يىزىشقا بولىدۇ

CommentLuv badge