تىۋىپ ۋە تىۋىبەلەر بۇ ئۇكۇمىزنى بىر داۋالاپ باقامدۇق؟

يوللانغان ۋاقتى 2012-04-30 17:44 كۆرۈلۈشى:409 قېتىم

بۈگۈن بىر ئايالنىڭ يىغىسى يۈرۈكۈمنى ئەزدى. ھالغا يىتەي دىسەم كۈزۈم تازا يەتمىدى. قېنى بىر ئورتاقلىشىپ باقايلى.
بىمارنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى: بىمار  10 ياش، ئوغول، 8 يىل بۇرۇن يەنى 2 ياش ۋاختىدا يىقىلىپ چۈشۈپ شۈك ئالامىتى كۈرۈلگەن بۇلۇپ ئاتا-ئانىسى سەلقاراپ تەكشۈرتمىگەن. 7 ئايدىن كىيىن بالىدا تارتىشىش، ھەس – ھۇشىنى يۇقۇتۇش ئالامىتى كۈرۈلگەن بۇلۇپ ھەرقايسى دەرجىلىك دوختۇرخاندا تەكشۈرۈش ۋە داۋالاش نەتىجىسىدە ياخشىلانغاندەك بولغان. لىكىن ئىقتىساد مەسلسى تۈپەيلىدىن داۋالىتالماي قالغان. بالا گەرچە 10 ياشقا كىرگەن بولسىمۇ لىكىن ئەقلى ئىقتىدارى شۇ 2 ياشلىق بادەك بۇلۇپ ئانا، دادا دىگەن گەپتىن باشقىنى بىلمەيدۇ. تۇمۇرنى تۇتقاندا بالنىڭ مىزاجى سەۋدانى ئاساس قىلغان، لىكىن ئاغزىدىن شۇلگەي ئېقىپ تۇرىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە ‹ مىڭە قانتۇمۇرلىرى تارايغان ھەم بىر غول قانتۇمۇر چاپلىشىپ قالغان› دىيىلگەن.  ئىقتىساد تۈپەيلى بۈگۈنگە قەدەر داۋالنالمىغان بالنىڭ ئانىسى يېقىندا مەن داۋالغان بىر بىمار ئارقىلىق مىنى ئىزلەپ كىلىپ بالسنى داۋالاتقۇسى بارلىقنى ئېيتىپ يىغلاپ كەتتى. ‹ مۇمكىن بولسا داۋالاپ بەرسىڭىز، بۆرىكىمنى سېتىپ بولسىمۇ بۇ بالامنى ساقايتسام دەيمەن› بۇ بىر ئانىنىڭ بالغا بولغان مىھرى يىغىنچاقلانغان سۆز بولسا كىرەك.

ئەلسىھەت مۇنبىرى ئېچىلدى!

يوللانغان ۋاقتى 2012-04-01 06:11 كۆرۈلۈشى:346 قېتىم

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر

مەن ئەلسىھەت 2012.1.13 كۈنى قىزىقىش بىلەن ئەلسىھەت ئۇيغۇر تىبابەت بىلوگىنى ئاچقاندىن كىيىن دوسلارنىڭ قوللىشى ۋە ياخشى باھاسىغا ئىرىشتىم. شۇنداقلا بىر قىسىم تورداشلار ئەركىن پىكىرلىشدىغان، ھەقسىز مەسلىھەت بىرىش ۋە ئۇيغۇر تىبابەت نوختىسىدىن ھاجەتمەنلەرگە مەسلىھەت بىرىدىغان بىر سەھنە ھازىرلاش توغرىسىدا تەكلىپ بەردى.
مەنمۇ كۆپ ئويلۇنۇپ ئاخىردا شۇنداق بىر سەھنە ھازىرلىماق بولدۇم. لىكىن تور بىلىملىرى توغرسىسىدىكى بىلىمىمنىڭ كەمچىللىكى تۈپەيلدىن بۇ ۋەزىپە ئېغىر توختىتى. جۇلا سەنئەت تورنىڭ قۇرغۇچىسى جۇلا ئەپەندىمنىڭ يېقىندىن ياردەم قىلىپ بوشلۇق ۋە ئىسىم مەسىلىلىرنى ھەل قىلىپ بىرىشى ۋە مۇنبەر سېستىمىسىغا پىشقان ئاتامانلارنىڭ تېخنىكىلىق يىتەكلىشى نەتىجىسىدە بۇ ئىشلارمۇ تۈگەپ بۈگۈن مۇنبەر رېسمى يۇسۇندا

ئەلسىھەت بىلوگى ئەسلىگە كەلدى!

يوللانغان ۋاقتى 2012-03-27 12:20 كۆرۈلۈشى:244 قېتىم

تورداشلار ياخشىمۇ سىلەر ؟ بىلوگۇم ئېچىلىپ ھازىرقىچە بىرنەچچە قېتىم توختاپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئۇزۇنراق توختىغان ۋاختى بۇ قېتىمقىسى بۇلۇپ ئىسىمغا icp بىجىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىسىمنى باشقا بوشلۇققا ئۇلاپ تۇرغان ئىدۇق. مانا بۈگۈن icp چىقىپتۇ. سىلەرمۇ بەلكىم بىلوگىمنى سېغنغانسىلەر. لىكىن مەن بەك سېغندىم. ھەرقېتىم تىلفۇنۇمغا ئۇچۇر كەلسە icp ئۇچۇرى بولسا ئىدى دەپ ئۈمۈت بىلەن قارايمەن. بۈگۈن كۈتكەن ئۇچۇرۇم ئاخرى كەلدى. ھاياجاندىن ئىشخاندا توۋلىۋەتتىم ھەم ئىشتىن چۈشۈش ۋاختىنى سىكىنۇت ساناپ دىگەندەك ئاران تولدۇرۇپ ئەسلىدىكى بوشلۇققا ئىسىمنى باغلاپ بىلوگۇمنى ئەسلىگە كەلتۈردۈم.
مۇشۇ يازما ئارقىلىق ئىسىمنىڭ icp رەسمىيتى ئۈچۈن كۈچ چىقارغان ئاغىنەم جۇلا ئونۋىرسال سەنئەت تور بىتىنىڭ قۇرغۇچسى جۇلا ئەپەندىمگە ئالاھدە رەخمەت ئېيتىمەن. جۇلا ئەپەندىمنىڭ ياردىمدە يېقىندا تورداشلارنىڭ مەسلىھەت سۇراش ۋە پىكىر ئالماشتۇرشىغا قۇلاي بولغان ئەلسىھەت مۇنبىرى ھۇجۇتقا چىققۇسى. تورداشلارنىڭ بۇرۇنقىدەكلا ئەلسىھەت بىلوگنى قوللىشنى ئۈمۈت قىلىمەن.
دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرغان بىكەت ۋە بىلوگىلاردىن ئۇلىنىشنى ئېلىۋەتكەن ئاتامانلار بولسا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قۇيىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن. ھەپتە ئاخرغىچە ئۇلىنىشنى ئەسلىگە كەلتۈرمگەن بىكەتلەرنىڭ ئۇلىنىشنى ئۈچۈرىمەن. دوسلارنىڭ توغرا چۈشنىشنى ئۈمۈت قىلىمەن.

يىمەك – ئىچمەككە قاتتىق دىققەت قىلىلى!

يوللانغان ۋاقتى 2012-03-09 08:50 كۆرۈلۈشى:571 قېتىم

ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ئەلسىھەت بىلوگنىڭ كونا، يېڭى ئۇقۇرمەنلىرى ياخشىمۇ سىلەر؟ ئەلسىھەت بىلوگى سىلەرنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ! بىلوگ نورماللاشقاندىن كىيىن بىر تىما يېزىپ قۇياي دەپ ئۈلۈش كۈنى بېشىمدىن ئۆتكەن بىر ئىشنى يېزىپ چىقىشىم. قانى تورداشلار بۇنىڭغا نىمە دەيدىكىن؟ ئورتاقلىشىپ باقىلى.
ئۈلۈش كۈنى ئاچچىق چۈچۈككە ناھايتى ئامراق بىر تۇنۇشۇم كىرىپتۇ. تۇماي قۇرۇق ھۆ قىلىپ تۇرىدۇ. بۇنى كۈرۈپ ئاشقازنى بىئارام بولغان چېغى دەپ ئويلاپ ھۆ پەسەيتكۈچى دورلارنى بەرسەممۇ ھىچ ئۈنىمى بولمدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە كىرگەن ئانسىدىن سەۋەبنى سورسام ‹توردىن بىر نەرسە كۈرۈۋېتىپ تۇيۇقسىز مۇشۇنداق بوپ قالدى› دىدى. بۇنى ئاڭلاپ نىرۋىنى تىنچلاندۇرغۇچى دورلاردىن بىرىپ يېرىم سائەتلاردىن كىيىن ئىسىگە كەلدى. ۋە ماڭا بىر نەرسە كۆرسەتمەكچى بوپ چ چ نى ئېچىپ ساقلاپ قويغان بىر نەرسىنى چۈشۈرۈپ كۆرسەتتى…..

ئەلسىھەت تورداشلاردىن كەچۈرۈم سۇرايدۇ!

يوللانغان ۋاقتى 2012-03-09 05:03 كۆرۈلۈشى:308 قېتىم

ئەسىلامۇ ئەلەيكۇم تورداشلار، ياخشىمۇ سىلەر؟
نەچچە كۈندىن بۇيان ئەلسىھەت بىلوگىغا كىرەلمەي تازا ئاچچىقىڭلا كەلگەندۇ؟ بۇ نىڭ سەۋەبى بوشلۇق توختاپ قالدى. نىمە سەۋەپتىنلىكى ئېنىق ئەمەس، لىكىن بوشلۇق تەمىنلىگەن شىركەت مەن بىلەن بىلنۇر ئىستودىيسىنىڭ قۇرغۇچىسى بىلنۇرنى قائىدىگە خىلاپلىق قىلدى دەپ بوشلۇقنى توختۇتۇپ قۇيۇپتۇ. شۇ سەۋەپتىن بىر مۇلازىمىتىردىن بوشلۇق ئالغان ئوتتۇز نەچچە بىلوگ تەڭ توختاپ قالدى. بۇنىڭ سەۋەبى تېخى ئىنىق بولمسىمۇ بارلىق بىلوگىر دوسلاردىن تۈۋەنچىللىك بىلەن كەچۈرۈم سۇرايمەن.
ئەلشات ئەپەندىمنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن بوشلۇق ئەسلىگە كەلدى. ھەمدە ئەلسىھەت بىلوگى يېڭى بوشلۇققا كۈچۈرۈلدى. بۇ جەرياندا ئەلشات ئەپەندىمنى كۆپ ئاۋارە قىلدىم. ئەلشات ئەپەندىم جاپا چەكتىڭىز، سىزنى جاپاغا سېلىپ قويدۇم، بىزنى كەچۈرۈڭ، ھەم قىلغان ياردىمىڭىزگە كۆپ رەھمەت……

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئۇقتۇرۇش | ئىنكاس سانى: 4 | تولۇق ئوقۇش

قوغدالغان: پۇل تاپقۇڭىز بامۇ؟

يوللانغان ۋاقتى 2012-02-20 00:37 كۆرۈلۈشى:442 قېتىم

بۇ يازما پارولدا قوغدالغان. بۇنى كۆرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ئورۇنغا پارولىڭىزنى كىرگۈزۈڭ:

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئۇقتۇرۇش, تاغدىن-باغدىن, جەمىيىتىمىز | ئىنكاس سانى: ئىنكاسنى كۆرۈش ئۈچۈن پارول كىرگۈزۈڭ. | تولۇق ئوقۇش

تورداشلار بىزنى كەچۈرۈڭلار

يوللانغان ۋاقتى 2012-01-31 16:18 كۆرۈلۈشى:268 قېتىم

ئەسسەلامۇ ئەسسالام تورداشلا. بىكىتىمىز يېڭى قۇرۇنلغانلىقى ئۈچۈن تىببىي مەزمۇندىك تىمىلارنى ئۇمۇمى كۇرەرمەنلىرىمىز ئورتاق ھالدا بىلمىگەنلەر بىلىۋالغۇدەك بىلىدىغانلار بولسا تېخىمۇ ئىچكىرلىگەن ھالدا چۇشۇنۇۋالغۇدك بىزمۇ كەمرەك بىلىپ قالغان يەرلىرىمىز بولسا بىزدىن يۇقۇرى مەلۇماتقا ئىگە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ شۇنداقلا ئۇستازلىرىمىزنىڭ كەم قالغان يەرلىرىنى تۇلۇقلاپ بەرسە بىلمەي قالغان ۋە بىلەلمىگەن ھەر بىرلىرىمىزنىڭ ئورتاق پايدىلىنىشى ئۇچۇن ئەتراپلىق قىلىپ رەتلەپ يوللىماقچى ئىدۇق

ھالقىلىق سۆز: | تۈرى: ئۇقتۇرۇش | ئىنكاس سانى: 0 | تولۇق ئوقۇش

ئۈستىگە قايتىش | بىز ھەققىدە | ئالاقىلىشىڭ | ئىلان ھەمكارلىق | بلوگ خەرىتىسى | دوستانە ئۇلىنىش | يازما ھوقوقى | ئۇسلۇب لاھىيلىگۈچى
1111111111111