جەمئەت تەرەققىياتى ۋە تۇرمۇش رىتىمىنىڭ تىزلىششى ،بۈگۈنكى كۈندە جەمىيەتنىڭ ئاساسلىق تايانچىسى ۋە ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى بولغان ئەرلەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپلا قالماستىن ،ئائىلەنىڭ تايانچ ۋە غەمگۇزارى بولغان ئاياللارغىمۇ ئاز بولمىغان بېسىملارنى ئېلپ كىلۋاتىدۇ .شۇ سەۋەپتىن بولسا كىرەك ئائىلىدە ئەر - ئاياللارنىڭ بىر - بىرىگە بولغان كۆڭۈل بۈلىشى يىتەرلىك بولماي قېلىپ ئائىلە تەڭپۇڭسىزلىقى كىلىپ چىقىۋاتىدۇ .بۇنىڭ بىلەن مۇستەھكەم ئۇۋىلار بۇزۇلۇپ ، ئىللىق ئائىلە مۇزلاپ ،كۈنسىرى كۈپۈيۋاتقان ، مەسئۇليەتسىز ئاتا - ئانىلارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان يىتىم باللارنىڭ يۈرىگى "سوغوق "تىن تىترەۋاتىدۇ . بۇنىڭغا نىمە دىگۈلۈك ؟سىزنىڭچە مەسئۇلىيەت - ئۇ بىر پۇتبۇلمىدۇ ؟ مەيلى ئەر مەيلى ئايال بۇلايلى ،ئائىلىدىكى مۇشۇنىڭدەك ئېغىر جاۋاپكارلىقنى بىر - بىرىمىزگە قارتىپ تىپىۋەتسەكلا يەڭگىللىشىپ قالامدىكەنمىز ؟ ئۇنداق قىلمايلى ، پەرزەنتلەرنىڭ پەرۋىشچىسى -ئاتا - ئانىلار ! بۇلۇپمۇ ئاياللار !ئائىلە ۋە پەرزەنتلىرىمىز ئالدىدا بىزنىڭ مەسئۇلىيتىمىز ۋە جاۋاپكارلىقىمىز ئېغىر .بىز بۇنى بىلىشىمىز كىرەك ! (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |