قەھۋەنى ئاز ئىچىش كۈندە بىر-ئىككى ئىستاكان قەھۋە ئىچىش سالامەتلىككە پايدىلىق ، لېكىن ئالتە –يەتتە ئىستاكان ئىچىشكە ھەرگىز بولمايدۇ . بولمىسا سۇسىزلىنىش كېلىپ چىقىش بىلەن بىللە، يەنە قان بېسىمىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ . بۇنىڭدىن باشقا ، گازلىق ئىچىملىكلەرنىمۇ ئاز ئىچىش كېرەك . بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقاش ماشىنا ھەيدىگەندە ياكى ماشىنىدا ئولتۇرغاندا بىخەتەرلىك تاسمىسى تاقىۋالغانلىق ھېچقانچە ئاۋارە ئىش ئەمەس ، بەلكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلغاندىن باشقا ، يەنە قاتناش جەرىمانىسى تۆلەپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . سۇ ئىچىشكە سەل قارىماسلىق قورساق ئاچقاندەك ھېس قىلغان ۋاقىتتا ، ئۇسسىغاندا كۈندە نەچچە ئىستاكان سۇ ئىچىشنى ئۇنتۇماسلىق كېرەك ، بەدەننىڭ سۇسىزلىنىشى ھارغىنلىق ۋە غەمكىنلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا دائىم سۇ ئىچىپ تۇرۇش كېرەك . كۆپ ئاچچىقلانماسلىق ئاچچىقلىنىش قان بېسىمىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆرلەپ كېتىشى ، جىسمانىي كۈچ ۋە ئىقتىدارنىڭ تېز ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەگەر ئاچچىقلىنىش ئادەتكە ئايلىنىپ قالسا ، چوقۇم كەيپىياتىنى قاتتىق كونتىرول قىلالايدىغان ياخشى ئۇسۇلنى ئىگىلىۋېلىش كېرەك . زېھنىنى ‹‹تۈتۈنسىز ئوت›› ئۈچۈن سەرپ قىلىپ يۈرمەي ، ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ مۇھىم بولغان ئىشلارنى ئىزدەپ قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ ياخشى ئامال . باش ئاغرىقىغا سەل قارىماسلىق باش ئاغرىش كىشىلەردە پات-پاتلا كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ . لېكىن كۈندە ئاغرىسا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ ، سەۋەبىنىڭ تۇرمۇش ياكى خىزمەت بېسىمىدىنمۇ ، كۆرۈش قۇۋىتىنىڭ ئاجىزلىقىغانلىقىدىنمۇ ۋە ياكى يېمەك-ئىچمەكتىنمۇ ، دېگەنلەرنى ئېنىقلاپ چىقىپ ، تېگىشلىك بىر تەرەپ قىلىش كېرەك . باشقىلارنىڭ پايدىلىنىش قورالى بولۇپ قالماسلىق باشقىلار قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى شۇلارنىڭ ئورنىغا قىلىپ بېرىپ ، باشقىلارنىڭ پايدىلىنىش قورالىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ، رەت قىلىش توغرا كەلسە دادىللىق بىلەن ياق دېيىش كېرەك ، بۇز ئۆزىنى ئازاد قىلىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى . ھورۇنلۇق قىلماسلىق ھورۇنلۇق سالامەتلىككە ئېغىر زىيانلىق ، دائىم سىرتقا چىقىپ ھەرىكەت قىلىپ تۇرۇش كېرەك ، ھېچبولمىغاندا 20~30 مىنۇت سەيلە قىلىشنىڭ ئۆزىمۇ سالامەتلىككە ناھايتى پايدىلىق . ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلماسلىق ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ ئۇزۇقلۇق قىممىتى بولمايدۇ ، لېكىن ئىسسىقلىق مىقدارى يۇقىرى بولغان ياغ كۆپ بولىدۇ ، دائىم ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى ئىستېمال قىلىش بەل ئايلانمىسىدىكى قان تومۇرلارنىڭ توسۇلۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |