ماگنىي ماگنىي يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ۋە يۈرەك مۇسكۇلى ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشكە ياردەم بېرىدۇ . كۆك پۇرچاق، دادۇر، كۆممىقوناق،پالەك قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە ماگنىي مول بولىدۇ . ۋىتامىنC ۋىتامىن C زىيانلىق ماددىلارنىڭ بەدەنگە تەسىر كۆرسىتىشنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ . سىنك ئەرلەرنىڭ جىنسى ئىقتىدارى ۋە پەرزەنت كۆرۈش ئىقتىدارى يېتەرلىك مىقداردىكى سىنككە ئېھتىياجلىق بولۇپ،دېڭىز مەھسۇلاتلىرى،ھايۋانات جىگىرى،موگو،گازىر ۋە دادۇر قاتارلىقلارنىڭ تەركىبىدە سىنك بىر قەدەر مول . تالالىق يېمەكلىكلەر تالالىق يېمەكلىكلەرنى مۇۋاپىق ئىستىمال قىلىش ئارقىلىق ئۈچەي راكى، تاجىسىمان ئارتېرىيە قېتىشىش، دىئابېت كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ قوزغىلىش نىسبىتىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ . شۇڭا ئەرلەر قوناق، تېرىق، تاتلىقياڭيۇ، شۇنداقلا ھەرخىل مېۋە ۋەيېڭى كۆكتاتلارنى كۆپرەك ئىستېمال قىلىپ بېرىشى كېرەك . |