ئەقىللىق ، يىراقنى كۆرەر خەلقىمىز گۇللەرنىڭ مۇھىتنى ساپلاشتۇرۇش ،يۇقۇملۇق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشتەك ئۆزگىچە رولىنى خېلى بۇرۇنلا بايقىغاچقا ،ھويلا -ئارام ئەتراپىغا ،كىشىلەر كۆپ يىغىلىدىغان جايلارغا رەڭگارەڭ گۈللەرنى ئۆستۈرۈپ ئادەتلەنگەن .دانىشمەنلەر ، ئاق رەڭدە ئېچىلغان گۇللەرنىڭ پۇرىقىنىڭ تىنىچلاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ؛ سېرىق رەڭدە ئېچىلغان گۈللەرنىڭ پۇرىقىنىڭ دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش،ئىشتىھا ئېچىش تەسىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ؛ قىزىل رەڭدە ئېچىلغان گۈللەرنىڭ پۇرىقىنىڭ قاننى جانلاندۇرۇش ، بەدەننى قۇۋەتلەش تەسىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ؛ ھاۋا رەڭدە ئېچىلغان گۇللەرنىڭ پۇرىقىنىڭ قىزىتما ، ھارارەتنى پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى ؛ بېغىرەڭ ئېچىلغان گۇللەرنىڭ پۇرىقىنىڭ ھامىلدار ئاياللارغا قارىتا تىنىچلاندۇرۇش تەسىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى؛ سۇس كۆك رەڭدە ئېچىلغان گۈللەرنىڭ پۇرىقىنىڭ تىنىچلاندۇرۇش ، قىزىتما پەسەيتىش تەسىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەن . قىزىلگۈل : قىزىل گۈلنىڭ مېڭە، يۈرەكنى قۇۋەتلەش ، يۇقۇملىنىشقا قارىشى تۇرۇش ،تىنىچلاندۇرۇش ، ئاغرىق پەسەيتىش رولى بولۇپ ، ئۇنىڭ خۇش پۇراق ھىدى ئارقىلىق مېڭە ، يۈرەك كېسەللىكلىرىنى داۋالىغىلى ، ئۇيقىسىزلىق،نېرۋا ئاجىزلىق قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . ئەتىرگۈل :ئەتىرگۈلنىڭ يۇقۇملىنىشقا قارشى تۇرۇش ، مىكروب يوقىتىش تەسىرى كۈچلۈك بولۇپ ،ھاۋادىكى كېسەللىك ۋىرۇسلىرىنى تېز سۈرەتتە تىزگىنلەيدۇ . ھەشىقپىچەك ): نامازشام گۈلى ) ھەشىقپىچەك گۈلىنىڭ پۇرىقىدىن بىر قىسىم ھاشارەتلەر قاچىدىغان بولغاچقا ،ھويلا -ئارام ئەتراپىدا بۇ گۈلنى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق ،زىيانلىق ھاشارەتلەرنىڭ چېقىۋېلىشىدىن مۇداپىئە كۆرگىلى بولىدۇ . نېلۇپەر گۈلى : نېلۇپەر گۈلىنىڭ ھارارەت پەسەيتىش ،مېڭە ،يۈرەك ،جىگەرنى قۇۋەتلەش تەسىرى بولۇپ ، ئۇنىڭ بىلەن قىزىتما ، ئۇيقۇسىزلىق يۈرەك سانچىقى ۋە سوزۇلما خاراكتېرلىق جىگەر ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . رەيھانگۈل : بۇ گۈلنىڭ مېڭە ،يۈرەكنى قۇۋەتلەش ،قاننى جانلاندۇرۇش تەسىرى بولۇپ ،ئىچى تىت-تىت بولۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ ، پۇرىقى بىلەن قاننى جانلاندۇرۇپ،مېڭە،يۈرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىشىنى ئىلگىرى سۇرگىلى ، بۇ ئارقىلىق مېڭە ،يۈرەكنى ۋە باشقا ئەزالارنى قۇۋەتلەش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ . مودەنگۈل : بۇ گۇلنىڭ ئۇيقۇ كەلتۈرۈش ،نېرۋىنى قۇۋەتلەش ،ھارارەت پەسەيتىش تەسىرى بولۇپ ، ئۇيقۇسىزلىق ،نېرۋا ئاجىزلىق ،باش ئاغرىقى ، سىل ، بۇرۇن قاناش ،سەزگۈرلۈك ئېشىپ كېتىش ،قىزىتما قاتارلىق كېسەللەكلەرنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |