ئەدەپ-ئەخلاق ۋە ياشلار
ئەدەب-ئەخلاق ئادىمىيلىكنىڭ مۇھىم بىر شەرتى. ئەدەب بىلەن ئەخلاق مەنىداش ۋە قولداش سۆزلەردۇر. ئەدەبنى بىلگەن ئەخلاقلىق بولىدۇ، گۈزەل ئەخلااق ئىگىسى ئەدەبلىك بولىدۇ. ئادەتتە كىشىلەر ئەدەبنى بىلمەيدىغان ئەخلاقسىزنى «ئادەم قېلىپىدىن چىققان» دەپ ئەيىبلەيدۇ. ئىنسان تىل-تەپەككۇر ۋە ئەدەب-ئەخلاق بىلەن ھايۋاندىن پەرقلىنىدۇ. ئەدەب-ئەخلاقمۇ قانۇنغا ئوخشاشلا جەمئىيەتنىڭ مەھسۇلى، شۇنداقلا، ئەخلاق ئادەمنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى گۈزەللىكىنىڭ سىمۋولى. بىر مىللەتنىڭ ئۇزاق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا پەيدا بولغان ئەدەب-ئەخلاقى شۇ مىللەت مەۋجۇتلىقىنىڭ ئىپادىسى. مىللىي ئەدەب-ئەخلاقىنى ئۇنتۇغان ئادەم ئۆزىنى ۋە ئاخىرى مىللىتىنى ئۇنتۇيدۇ. ئۆزىنى ئۇنتۇغان ئادەم تارىخىنى ۋە ئۆزىنىڭ بارلىقىنى ئۇنتۇغان بولىدۇ. تارىخ ئۇنتۇلىدىكەن، ئۇ تارىخ ئۆزگىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدۇ. ئۇنداقتا، سىزنىڭ تارىخىڭىز ئۆزگىنىڭ چۈشەنچىسى بويىچە خاتىرىلىنىدۇ ۋە خاھىشى بويىچە داۋام قىلىدۇ. ئۆتكەن دانالار، ئەدىبلەر ئۇزاق زامانلاردىن بۇيان داۋام قىلىپ كەلگەن ھاياتىي تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلاپ، ئەدەب-ئەخلاق توغرىسىدا نۇرغۇن رىسالىلەرنى يازغان. جۈملىدىن ھەزرىتى نىزامىدىن ئەلىشىر نەۋائىي «مەھبۇبۇل قۇلۇب» («كۆڭۈلنىڭ سۆيگۈنى») دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق تەلىم بەرگەن: «ئەدەب-ئەخلاق كىشىلەرنى بىر-بىرىگە مېھرىبان ۋە دوست-ياران قىلىدۇ. ئەدەب-ئەخلاق ئۇرۇقىنى چاچقان كىشى ناھايىتى قىممەتلىك ھوسۇل يىغىدۇ. ئەدەب-ئەخلاقلىق ئادەم ھەرقانداق كىشىگە يېقىملىق كۆرۈنىدۇ-دە، ئىززەت-ھۆرمەتكا سازاۋەر بولىدۇ». دېمەك، ئەدەب-ئەخلاق ئادىمىيلىكنىڭ ئاساسى. |