سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

شەيتان دىنى ۋە روك موزىكىسى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-04-22 19:44مەنبە: يازغۇچى:نۇر1 زىيارەت سانى: قېتىم

ئەسكەرتىش :بۇ ماقالىنى مەن ئىلگىرى تور ئوچۇق ۋاقىتتا ئېلان قىلغان .بۇ ماقالىدا ھېچقانداق سىياسى مۇددىئا ۋە قۇتراتقۇلۇق مەزمونلار يوق .ئەگەر تور بىكەت مەسئوللىرى خالىمىسا تەستىقتىن ئۆتكەزمىسىمۇ بولىدۇ .لېكىن بۇ ماقالىنى باشقىلارغا تەۋسىيە قىلىپ قويىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مەن  ماقالىنى باشلاشتىن ئىلگىرى شەيتان دىنى توغرىلىق قىسقىچە مەلۇمات بىرىپ ئۆتەي . شەيتانغا چوقۇنۇشنىڭ تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن .شەيتان ئىنساننى جەننەتتە ئازدۇرغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىر بۆلەك ئىنسانلار ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى ئارقىلىق ئەۋەتىلگەن ئاگاھلاندۇرۇشلارغا پەرۋا قىلماي ئەكسىچە گۇناھلىق ھاياتنى ئەزىز بىلىۋاتىدۇ .شەيتان دىنى دەل ئاشۇنداق ئىنسانلارنى مەنبە قىلىپ يوشۇرۇن ھەركەت قىلىۋاتقان كۈچ .بۇ كۈچ ئادەتتە ئىتىقاتى ئۇيغاق ۋە ئاللاھنىڭ دىنىنى ۋە ئەھكاملىرىنى ياخشى چۈشۈندىغان كىشىلەرگە بەك ئاشكارىدور .ھاياتى دۇنياغا بىرىلگەن ۋە ئىبادەتنى تەرىك ئەتكەن كىشىلەرگە يوشۇرۇندور .ئۇلار شەيتانىۋى  كۈچنىڭ تەسىرى ئاستىدا بىخوتتىدور ،ئازغۇنلۇق ئىچىدىدور.
  شەيتان دىنىنىڭ تارىخىنى توغرا  مۆلچەرلەش قىيىن . ئىنسان يەر يۈزىگە ئاللاھ تەرىپىدىن چۈشۈرۈلگەندىن تارتىپ ئاخىرقى پەيغەمبەرگىچە پەيغەمبەرلەرگە قارشى تۇرغۇچى كۈچلەر مەلۇم بىر شەيتانى كۈچنىڭ كونتىروللىقىدا بولغان .ئۇلار بىر خۇداغا ئىتىقات قىلماي شەيتان كەبى بەت باشىرە بۇتلارغا ،كالىلارغا ،جىنىسى ئەزالارغا ،جادىگەرلىككە ،قۇياشقا ...چوقۇنغان .بۇ چوقۇنۇشلار ئېنىقكى شەيتان ئاجىز ئىتىقاتتىكى ياكى بولمىسا كاپىر ئىنساننى ئازدۇرپ سۈنئىي پەيدا قىلغان باتىللىقتىن باشقا نەرسە ئەمەستور .ئەيسا ئەلەھىسسالام ئەۋەتىلگەنگە قەدەر بۇ باتىل چوقۇنۇشلار ھەرخىل كۆرىنىشى چىرايلىق قىياپەتتىكى دىن قىياپەتلىرىدە بىرلىككە كەلسە(مىسىر فىرئەۋىن ،ھىندىستان بىراھمان دىنى ،بۇددا دىنى ،جوڭگو داۋجاۋ دىنى ) بەزى رايونلاردا چىكىدىن ئاشقان دىنى مۇراسىم (ئىپپىتى بۇزۇلمىغان قىزنى ،بوۋاقلارنى تىرىك كۆيدۈرۈپ شەيتانغا نەزىر قىلىش ----- ئافرىقىدا) ،ئۆزىنى ئۇزۇن يىل خورلاش ئارقىلىق مەلۇم ئىقتىدارغا يىتىش( ھىندىستان ---يوگا گۇمپىسى ) ،ئەجداتلىرىغا چوقۇنۇش---- (جوڭگو ) قىياپەتلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان .
ئاللاھ پەيغەمبەرلەر ئارقىلىق بۇ باتىللىقتىن ئىنساننى ئاگاھلاندۇرۇپ تۇرغان. ئەيسا ئەلەھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىرادىسىنى يەھۇدىيلارغا ۋە يەھۇدىي پادىشاسى ھىرودقا خىتاپ قىلغان .لېكىن جاھىل يەھۇدىي پادىشاسى قانلىق قىرغىنچىلىق  ئارقىلىق بۇنىڭغا جاۋاپ قايتۇرغان .يەھۇدىي پادىشاسى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ نەۋرىسى ئىروسالىم ۋالىسى ھىرود مەخپى ھالدا شۇ چاغدىكى بۇتخانە ۋە چىركاۋ قەسىر  سالىدىغان تاشچىلارنى ئەتراپىغا توپلاپ ئەركىن كاسىپلار تەشكىلاتىنى قۇرغان .ئۇلارنىڭ مەقسىتى بارلىق ئاللاھنىڭ ئەقىدىلىرىگە قارشى تۇرۇش يەنى شۇ چاغدىكى ئەيسا ئەلەھىسسالامنىڭ دىنىغا قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنڭغا رەزىل سۈيقەستلەرنى ئىشلىتىپ بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن ئىبارەت .ئۇلارنىڭ ئالاھىدە دىنى مۇراسىملىرى بولغان .جاھىل ئەركىن كاسىپلار ئۇيۇشمىسىنىڭ سۈيقەستىدە ئۇزۇن يىل باسقۇچمۇ باسقۇچ پىلان قىلىش ئارقىلىق ئاللاھنىڭ كىتابى بولغان ئىنجىلغا مەخپى ئۆزگەرتىشلەرنى كىرگۈزۈلگەن .بۇ سۈيقەستلەر ئىنتايىن يوشۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان .ئەڭ دەسلەپكى ئىنجىلنى توپلاپ يازغۇچىنىڭمۇ  بىر يەھۇدىي ئىكەنلىكى ئاشكارە بولغاندا خىرىستىيانلار ئاللىقاچان قەۋىملەر بويىچە ئېزىپ ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدىغان ھالەتكە يەتتى .پەيغەمبەر ئەلەھىسسالام دەۋرىگە كەلگەندە ئىنجىل مەنسۇق قىلىندى سەۋەبى ئايانكى ئىنجىل پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ ساختا ھالاتكە كىلىپ قالغان ئىدى .ئاللاھنىڭ ھەقىقەتلىرى پەيغەمبەر مۇھەممەت مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم ئارقىلق دۇنياغا تارىلىشقا باشلىنىش جەريانىدا يەھۇدىي شەيتان ئىتىپاقداشلىرى ھەرخىل يوللار ئارقىلىق ھەقىقەتنىڭ تارقىلىشىنى بارلىق كۈچىنى ئىشلىتىپ توسۇشقا ھەركەت قىلدى .ئىتقاتسىز ياكى ئىتقادىي ئاجىز ئىنساندىكى نەپسى ئاجىزلىق ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ <ئەڭگۈشتىرى> ئىكەنلىكى ئېنىق .ھازىرقى دۇنيادىمۇ ھەقىقەتنىڭ تارقىلىشى بۇرۇنقىدىنمۇ دەھشەتلىك توسالغۇلارغا ئۇچىرىماقتا.
ھەق ئىسلام  بارلىق تەشۋىقات ۋاستىلىرىنى  كونتىرول قىلىۋاتقان يەھۇدىي ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكىلەر تەرىپىدىن توسۇلماقتا ۋە بۇرمىلانماقتا .بۇ ھەقىقەت ئاشكارىلانغان چاغ ئاللىقاچان ئاللاھ ئىنجىلنى مەنسۇق قىلىپ بولغان ۋە ئاخىرقى پەيغەمبەرنى چۈشۈرۈپ بولغان چاغ بولدى. خوش ھازىرقى زاماندىكى ئازغان  خىرىستىيان ئاشۇنداق بارلىققا كەلدى .كاتولىك دىنىمۇ ۋە ئۇلارنىڭ ۋارىيانتلىرى بولغان نىستورىيان دىنى دىگەندەكلەرمۇ ئاشۇنداق قارا قوللار ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈرۈلدى .ئەمەلىيەت شۇكى بۇ دىنلاردىكى خەلىق زور تۈردە دۇنيا مەئىشەتلىرىگە بىرىلگەن خەلىقلەر بولدى .ئەقىدە ۋە ئىتىقاتتا خاتا يول توتقان بۇ قەۋىملەر زىنا ،ھاراق ،ھارام ،جازانە ئالدىدا كۆزى كور بولدى .ھازىرقى دۇنيانى ئەقىل كۆزىڭىز بىلەن كۈزەتسىڭىز ئەنە ئاشۇنداق ھادىسىىنى بايقايسىز .ھازىر دۇنيادىكى ئىنسانلار    بىر رەزىللىك  ئوق مەركىزىگە كىتىپ بارماقتا .بۇ رەزىل مەركەز بارلىق ئىنسانلارنى شوراپ خۇددى قاينامدەك ئەتراپىغا تاتماقتا .بۇنى خۇددى سېھىرلىك ئۈزۈك كىنوسىدىكى سىھىرلىك كۆزگە ئوخشىتىش مۇمكىن .سېھىرلىك ئۈزۈك ۋە خاررى پورتىر دىگەن كىنومۇ يوشۇرۇن ھالدا شەيتان دىنى سەبىلەر ئاڭىغا كىرگۈزۈشنى پىلان قىلغان كىنو .شۇڭا ئەنگىلىيەدىكى نۇرغۇن جايلاردا بۇ كىنونى كۆرۈش چەكلەنگەن .بۇ فىلىم توغرىسىدىكى تەپسىلاتلارنى تور ئېچىلغاندىن كېيىن گىيوگىلدىن ئاختۇرۇپ تېپىۋېلىشىڭىز مۇمكىن .
خوش گەپ ئۇزۇراپ كەتتى. شۇنداق قىلىپ  ئىسلامدىن باشقا بارلىق دىنلار ساپلىغىنى يوقىتىپ باتىل كۈچكە تەسلىم بولدى .بۇ كۈچ ئېنىقكى زوراۋان ،ئازغۇن ،مەئىشەتخۇمار ،دۇنياخۇمار،شەھۋانى ئىنسانلارنى يىتىشتۈرۈپ چىقتى .لېكىن ئىنساندىكى تۇغما ياراتقۇچىسىنى ئىزدەش پىسخىكىسىنى شەيتان ھەرقانچە قىلىپمۇ توسالمايتتى .ئىتىقات بوھرانىغا ئۇچىرىغان ئىنسانلار ھامان روھىي دۇنياسىنىڭ كەمتۈكلىكىنى ھىس قىلىپ بۇنى مەلۇم ۋاستە ئارقىلىق تولۇقلاشنى ئىستەيدۇ . ئەگەر بۇ تۇيغۇدىن شەيتان پايدىلىنىپ كەتسە قوقۇنۇشلۇق ھادىسىلەر مەيدانغا كىلىش مۇقەررەر ئىدى .كۈتكەندەك بۇ ئىنسانلار ئاللاھنىڭ دىنىدىن قانچىلىك يىراقلاشقانچە دىنسىزلىق پاتقىقىغا شۇنچىلىك پاتتى .بولۇپمۇ غەربتىكى ئازغان خىرىستىيان ئەۋلادى مىدىيالار ئاقىلىق ئۆز دىنىنىڭ بىر ئەرزىمەس ۋە ساختا ھالەتكە كىلىپ قالغانلىقىنى بىلدى.دەل مۇشۇنداق مۇنبەت تۇپراقتا بىر كۆرۈنمەس كۈچ تېخىمۇ ھەيۋەت ھالەتكە كەلدى .بۇ كۈچ تەقسىماتتا سىياسىي ئىتىپاق ۋە روھىي ئىتىپاق ھاسىل قىلدى .سىياسىي ئىتىپاق يېرىم  يوشۇرۇن بولۇپ ئەركىن ماسون دەپ ئاتالدى .بۇ  ئىتىپاق دۇنيانىڭ  ئىقتىسادىي جان تومۇرۇرىنى ۋە سىياسىتىنى كونترول قىلىپ تۇرۇدۇ بۇ بۇ ھەقتىكى تەپسىلەتلارنى سىز تورلاردىن ئىزدەپ بىلەلەيسىز .
يەنە بىر ئىتىپاق بولسا ئوچۇق ئاشكارە ھالدا ئامىرىكىدا شەيتان دىنى نامىدا بارلىققا كەلدى .ئۇ ئازغان دۇنياپەرەس يەنى
 世俗主义 ئىنساننى ئەتراپىغا توپلاپ پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىگىلا چوقۇنۇشقا ۋە ئۆزىگىلا ئىشىنىشكە باشقا بارلىق تاشقى كۈچكە ئىشەنمەسلىككە چاقىرىق قىلدى .ئۇچىغا چىققان شەخسىيەتچىللىك ئىدىيەسىنى ھەربىر ھۈجەيرىگىچە سىڭىدۈرۈش بۈيۈك مەقسىتى ئىدى.چىكىدىن ئاشقان ئەخلاقىي بۇزۇلۇشقا باشلاش باش نىشانىسى ئىدى .شۇنداق شەيتان زامانىۋى دۇنيادىكى ئازغان ياشلارنىڭ سېسىق تەنلىرى ئۈستىدە قەد كۈتىرىپ كۈچىيۋاتىدۇ .بۇ كۈچ ھازىر ھەربىر ياش ئەۋلاتنىڭ ئېڭىغا ئوكول بولۇپ ئۇرۇلىۋاتىدۇ .بۇ كۈچنىڭ مۇداخىسىگە تۈركۈم تۇركۇملەپ ئۇيغۇر ياشلىرىمۇ ئۇچىراپ ئۇنىڭغا مەسلەكداش بولىۋاتىدۇ .مەسىلەن :شەيتان دىنىنىڭ ئاستىرىتتىن پەيدا قىلغان چىكىدىن ئاشقان خۇسوسىي بەدەن ئەركىنلىكى توپىلىڭىدىن مەيدانغا كەلگەن ھەمجىنىسلىق ،زەھەر چىكىش ،ۋە فېيجۇلىيۇ يەنى پاھىشىۋى قىياپەت ،دېسكو موزىكىلىرى. بىرىنچى ئىتىپاق زورلۇق كۈچ ئارقىلىق ئىنسانلارنى دۇنياپەرەسلىككە باشلاشنى مەقسەت قىلسا يەنە بىر ئىتىپاق ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى جەھەتتە چىرىكلەشتۈرۈشنىى مەقسەت قىلىدۇ مانا بۇلار  شەيتان دىنىنىڭ قەد كۆتىرىشىدىكى مۇنبەت تۇپراقتور ئەگەر ئېنگىلىزچە ۋە ئەرەپچە  سەۋىيەرىڭىز بولسا تورلاردىن بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى بىلەلەيسىز .لېكىن جىمغۇر ۋە سىرلىق بولىۋالغان  يەھۇدىيدىن بۇ ئىشنى سورىسىڭىز ئېنىقكى سىزگە ھېقچانداق ئېنىق جاۋاپ بەرمەيدۇ .پەقەت ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى  شاروندەك يۈزى قېلىن يەھۇدىي ھوقوقدار رابىنلىرىلا تەپ تاتماستىن ئىتىراپ قىلدۇ .شارون مىسىر مۇخبىرىنىڭ زامان ئاخىرىغا بارغاندا تاشمۇ زۇۋانغا كىلىپ كەينىمدە بىر يەھۇدىي بار ئات دەيدۇ بۇنىڭغا سەن قانداق قارايسەن دەپ سورىغاندا شارون بۇ ھەق ،لېكىن ئۇ چاغلاردىكى مۇسۇلمانلار ھازىرقى مۇسۇلمانلار  ئەمەس دىگەن. مانا بۇ شەيتان دىنىدور ،ئىنسانلارنى رەزىللىك مەركىزىگە تارتىۋاتقان قارا ئۆڭكۈردو.ر ئەگەر يوقىرىدىكى تەپسىلاتلار توغرىسىدا تېخىمۇ ئىنچىكە پاكىتلارغا ئىگە بولماقچى بولسڭىز ،سۇئالىڭىزنى سورىسىڭىز جاۋاپ بەرسەم بولىدۇ.
   ئەمدى تېمىغا قايتاي تۆۋەندە روك موزىكىسى ۋە شەيتان دىنى توغرىلىق بىر يازمىنى  كۆپچىلىككە سۇناي ياۋگۇن موزىكىسى يەنى روك موزىكىسى بولسا  چەتئەلدىكى مودا موزىكى ئېقىمى .بۇ شاڭگاڭدىكى مودا موزىكىلار بىلەن بىر قاتاردا .ئامىرىكىدىكى جېف گودۋىن ئىسىملىك بىر موناخ ئۆزىنىڭ< ئىبلىسنىڭ ئىشىك باقارلىرى> ناملىق ئەسىرى ئارقىلىق تەتقىقات نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى .(ئەسكەرتىش ،موناخنىڭ ئەسىرىدىن پايدىلىنىشتىكى سەۋەپ بۇ ھەقتە ئىسلامى ماقالىلار ئىنتاين ئاز .ئۇنىڭدىن باشقا ئىبلىس دىنى ئازغۇن خىرىستىيان ياشلىرىنىڭ ئارسىدا پەيدا بولغاچقا پوپلارنىڭ بۇ ھەقتە تەتقىقات قىلىشى تەبىئىي .لېكىن ئىبلىس نىڭ سۈپىتى ئىككى دىندا زور دەرىجىدە ئوخشاش .شۇڭا نەقىل قىلىپ ئېىشلىتىشتا مەسىلە يوق.
 تەتقىقاتتىن قارغاندا شەيتان دىنىغا ئەگەشۈچى موزىكانتلار  ئىككى خىل خەتەرلىك كاللا يۇيۇش ئۇسولىنى ئىشلەتكەن بىرى ئاڭسىز سىڭدۈرۈش ئۇسۇلى بۇ ئۇسول بولسا ئىنساننىڭ تاشقى سىزىمىنىڭ قوغداش تورىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ ئىچىكى سىزىمىنى ھەمدە يوشۇرۇن ئاڭسىز پەرىقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان بىر خىل ئۇسول .
جەريانى بولسا ۋاقىراش ،رېتىمى تېز موزىكا ،ياۋايى  ئاۋازنى تەكرار لاش ،ئەڭ يامىنى بولسا خۇددى جادۇگەرنىڭ جادۇسىدەك ئۈنۈم بىرىدىغان ئەپسانىۋى ياكى ئاللاغا شېرىك سۆز ئىبارىلەرنى كىرگۈزۈش قاتارلىق ئوسوللار ئارقىلىق ئىنسان تىنىدىكى شەيتانىۋى ئىلىمىنتنى قوزغاش ھەمدە تەبىئىي بار بولغان ئەخلاق تېمىدىن ھالقىتىپ ئۆتكۈزۈش .بۇنداق  موزىكىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ئاڭلىغۇچىدا شەيتانغا نىسبەتەن كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللىنىدۇدە پىسخىكىسىدا زور ئۆزگىرىش بولىدۇ.
 1956-يىلى ئامىرىكىدا قۇرۇلغان ئاڭنى كونتىرول قىلىش ئارقىلىق سېتىشنى تىزلىتىش شېركىتى    مۇنداق سىناق ئېلىپ بارغان : كىنو ئىچىدىكى ھەر 15 سىكونىت يېرىگەن كوكا كولانىڭ رەسىمىنى قىستارغان لېكىن ۋاللىدە ئۆتۈپ كەتكەن بۇ رەسىمنى ئادەتتىكى كۆز بىلەن كۆرۈنمەيدىغان قىلىپ قويغان ،كىنو تۈگەپ تاماشىبىنلار تاقالغاندىن كېيىن شۇ نەرسە ئايان بولۇپتۇكى ھەممە كىشىدە كوكا كولا ئىچىش ھەۋىسى قوزغالغان.ئۇندىن كېيىن 1978-يىلى ئامىرىكىدىكى بىر تەتقىقات نەتىجىسى جامائەتچىلىككە  ئېلان قىلىنغان .37 دەرىجىدىن تاشقىرى تاللا  بازىرىنىڭ ئېلان تەشۋىقات رادىيوسىدا قويىلىۋاتقان موزىكىنىڭ ئارسىغا بىلىنە بىلىنمەس ئاڭلىندىغان قىلىپ : مەن بەك سەمىمى ،نەرسە ئوغۇرلىمايمەن ،قانونغا رىئايە قىلىمەن  دىگەن ئاۋاز قىستۇرۇلغان .9ئايدىن كېيىنكى نەتىجە شۇ بولدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى بازارنىڭ ئوغۇرلىنىشتىن كېلىپ چىقىدىغان زىيىنى 4 مىليون دوللار ئازايغان .
شەيتان دىنى مۇرىتلىرى بۇ تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ روك موزىكىلىرىنىڭ ئىچىگە شەيتاننى كۈيلەيدىغان ئاۋازلارنى كىرگۈزۈپ ياشلارنى دىنغا ئىتىقات قىلماي شەيتانىۋى قىلىق ھەركەتلەرنى قىلىشنى ياخشى كۆرىدىغان قىلىپ قويىشنى مەقسەت قىلىدۇ.مەسىلەن queen    نىڭ موزىكا پىلاستىنكىسىدا   You are not the one   دەيدىغان بىر ناخشا بار .بۇ ناخشىنى ئاستا ئاڭلىساق گىتتار ۋە دۇمباخنىڭ ئاۋازىنىڭ ئارقىسىدا :بىزنىڭ ئاتىمىز ،ئۇ جەننەتكە كىرمەيدىغان شەيتان  Father,   who       art in heaven, Sata دىگەن ئاۋازنى ئاڭلايسىز .مانا بۇ شەيتاننى كۈيلەيدىغان ناخشا. يەنە بىر خىلى بولسا شەيتاننى كۈيلەيدىغان ناخشا تېكىستىنى ناخشا ئىچىگە تەتۈر كىرگۈزىۋېتىش.ئادەتتە بۇ ناخشا تېكىستىنى نورمال ھالاتتە قويۇپ ئاڭلىغىلى بولمايدۇ بەلكى تەتۈر قويغاندا ئاندىن ئەسلى ناخشا تېكىستىغا پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان شەيتاننى كۈيلىگەن ياكى ئاللاھقا ھاقارەت قىلغان ناخشىنى ئاڭلاش مۇمكىن .بۇ يوشۇرۇن سەزگۈدىن ھالقىپ  ئۆتۈش ئوسۇلى بولۇپ .بۇ ئوسول ئارقىلىق ئىنسان سازگۈسى ناخشا ئىچىدىكى غەلىتىلىكنى سىزىۋالالمايدۇ .لېكىن مۇشۇنداق روك موزىكىلىرىنى ئاڭلا ۋەرسە ئىختىيارسىز ئاللاھقا نىسبەتەن موھەببىتى سۇسلىشىپ كىتىش ھەتتا  چىكىدىن ئاشقان ئۇسوللار مەسىلەن بەدىنىگە غەلىتە نەرسىلەرنى چىكىش ،چاچلىرىنى شەيتانىۋى قىياپەتلەردە ياساش ،زىناغا نىسبەتەن ھېچقانداق قارشىلىق بولماسلىق قاتارلىق ئۆزى ئىختىيارى قىلمىغان ئۇسوللار  ئارقىلىق شەيتانغا نىسبەتەن مۇھەببىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدۇ .Eagles(ھىندىستاندىكى بىتئەت دىننىڭ نامىنى ئىشلەتكەن  ) موزىكا ئەترىتىنىڭ 1969 يىلى چىقارغان پىلاستىنكى ئىچىدىك ھەممىمىز ئاڭلىغان كالفورنىيە مېھمانخانىسىنى سانفىرانسىسكودا قۇرۇلغان تۈنجى شەيتان دىنى چىركاۋى دا ئۇنگە ئالغان .بۇ ناخشىنى  كۆپىنچىمىز ئاڭلاپ باققان بولىشىمىز مۇمكىن .ئەينى ۋاقتىدىكى ئۆزگەرتىلىنمىگەن نۇسخىسىنى تەتۈر ئاڭلىساق Satan had help. He organized his own religion  ;شەيتان دائىم بىزگە ياردەمدە ،ئۇ ئۆزىنىڭ دىنى قوغداپ تۇرۇدۇ دەيدىغان شىۋىرىغان سۆز چىقىدۇ .بۇ ناخشىنىڭ نورمال ھالەتتىكى تېكىستى بولساThey just can  kill the beast, ......... This could be Heaven or this could be Hell, .........We haven had that spirit here since 1969. ...........You can check out any time you like, but you can never leaveئاساسىي مەنىسى سەن(شەيتان دىنىغا كىرگەنلەرگە ) ئۆز روھىڭغا 1969 يىلدىن باشلاپ ئىگە ئەمەس ،ئەمدى سەن بىزنىڭ قېشىمىزدىن مەڭگۈ ئايرىلالمايسەن .بەلكىم يوقارقى تەرجىمىنى كۆپچىلىك چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن . ئەسلى ئىش مۇنداق 1966 –يىلى لاۋىي دىگەن بىر مەغلۇپ بولغان موزىكانت  مەلۇم بىر رەزىل كۈچنىڭ ياردىمىنى قۇبۇل قىلىپ قەدىمدىن تارتىپ يوشۇرۇن ئىنسانلارنى ئازدۇرۇپ كىلىۋاتقان شەيتان دىنى پەلسەپىسى بويىچە شەيتان دىنى يەنى ساتانىزىم نى كالفورنىيە شىىتاتىي سەنفەن شەھىرىدە ئەنگە ئالدۇرۇپ چىركاۋ قۇرۇپ مۇرۇت توپلاشنى باشلايدۇ .ھەمدە 1969-يىلى كالفورنىيە كوچىسىدا ھېلىقى كالفورنىيە مېھمانخانىسى دەپ ئاتالغان قاۋاقخانىنى سېتىۋېلىپ باش شىتاپ قىلىدۇ .ھەمدە شەيتانغا نەزىر بىرىدىغان موراسىىملارنى ئۆتكۈزىدۇ .شۇيىلى رەسمىي ھالدا دى سىتانىك بىبىل يەنى شايتان دىنى ئىنجىلىنى نەشىر قىلدۇرىدۇ .ھەمدە قارا رەڭلىك تەتۈر كىرىسنى دىن بەلگۇسى قىلىدۇ .ئۇلارنىڭ ئالاھىدە بىر قول ئىشارە بەلگۈسى بولۇپ بۇ قول قول ئىشارىسى ھازىر جەمىيەتتە مودا بولماقتا .بىلمىگەنلەر بۇنى مەن سېنى سۆيىمەن دىگەن گەپ دەپ چۈشىنىدۇ .ئەمەلىيەتتە شەيتان دىنى بۇ ئىشارىنى ئۇستىلىق بىلەن زامانىىۋى دۇنياغا كىرگۈزىۋەتكەن .بۇ ئىشارە بولسا ئوتتۇرا بارماق بىلەن نامسىز بارماقنى پۇكۇپ قالغان بارماقلارنى ئېچىپ كۆرسىتىپ ئىشارە قىلىش .بۇ ئىشارە نەق شەيتان دىنى مۇرتلىرىنىڭ بەلگۈسى ھېساپلىنىدۇ .ئۆتكەندە بىزنىڭ ئۇماق ناخشىچىمىز ئارافاننىڭمۇ مۇشۇنداق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدىم .ھازىر نۇرغۇن ياش ئۆسمۈرلەردە مۇشۇنداق قىلىش مودىكەن بىچارە بالىلار ئۆزىنىڭ نىمە قىلىۋاتقانلىقىنى دەپ بىرىدىغان ئادەم يوقتە .بەلكىم ئارافان نۇرغۇن ياۋگۇن ناخشا كىچىلىكلىرىگە قاتنىشىپ ئۆگىنىپ قالغان بولىشى مۇمكىن .تۆۋەندە شەيتان دىنىنىڭ چەتئەللەردىكى ياشلارغا كەلتۈرگەن ئېلىپ كەلگەن زىيانلىرىدىن ئەڭ ئاشكارىلىرىدىن بىر نەچچىنى مىسال قىلىمىز .
Beatlesموزىكا ئەترىتى تاقىلىپ كەتكەندىن كېيىن ،ئاساسلىق ئازا John Lennon  بىر پىلاستىنكىسىنى  1980-يىلى چىقاردى .پىلاستىنكا ئىسمى بولسا Double Fantasyبولدى .جوھوننىڭ بىر مەستانىسى بۇ ناخشىنى قايتا قايتا ئاڭلايدۇ ھەمدە خۇددى بىر غايىپ كۈچ ئۇنىڭغا مەدەت بىرىۋاتقاندەك ۋە جوھوننى ئۆلتىرىۋېتىش بۇيرىقىنى بىرىپ پۇرسەت بىرىۋاتقاندەك ھېسياتقا كىلىپ قالىدۇ .ئاقىۋەت جوھون ئۆزىنىڭ ئاشۇ مەستانىسى تەرىپىدىن 1980-يىل 12-ئايدا ئۆيى سىرتىدا ئېچىنىشلىق ھالدا ئېتىپ ئۆلتىرىلىدۇ .جوھوننىڭ ياپۇنلۇق ئايالى Yoko onoدايى ياڭزى بۇ ناخشىنىڭkiss kiss kiss ...... دەيدىغان يېرىنى تەتۇر قويغاندا  satan is coming ...six six  six ....we shot john lenonnon   يەنى شەيتان كىلىۋاتىدۇ ..666بىز جوھون لېنون نى ئېتىۋەتتۇق  دىگەن ئاۋاز چىققان .نۇرغۇن كىشىلەر بىلمەيدۇ 666بولسا شەيتان دىنىنىڭ سان بەلگۈسى .بۇ پىلاستىنكىنى ئاۋازغا ئېلىپ بولغاندىن كېيىن دايى ياڭزى ئۆزى مەخپى جايدا ساقلىغان بۇ پىلاستىنكىغا يوقىرقىدەك ئاۋازنىڭ ئېلىنىش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىدى .ھەمدا ھەرقانداق بىر كىشىنىڭ بۇ پىلاستىنكىنى ئوغۇرلاپ يوقىرقى ئاۋازنى ئېلىپ كىرگۈزىۋېتىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس ئىش .قاتىل قولغا چۈشكەندىن كېيىن قاتىل Mark chapmanئىشنىڭ ھەقىقىتىنى ئېيتقاندا ساقچىلار ھەيران قالغان
 .Beatlesموزىكا ئەترىتى يوگا گۇمپىسىنىڭ ئامىرىكىدىكى كىڭەيتكۇچىلىرى ئىدى.لېكىن ئاخىرى يوگا ۋە شەيتان دىنى جوھون لېنونى شەيتان بىلەن سودا قىلىدىغان ئاشۇ بىتئەت نەرسىنىڭ قۇربانىغا ئايلاندۇرۋەتتى .
شەيتان دىنى دىگەن بۇ نىجىس  قۇرۇلغاندىن باشلاپ ئۈزلۈكسىز ھالدا مۇرۇت توپلاپ   مېتال موزىكىسى يەنى روك موزىكىسى ئاقىلىق پۈتكۈل ياشلارنىڭ ئازۇدۇش ياكى كونترول قىلىش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ .1979-يىلى ئەمدىلا 14 ياشقا كىرگەن بىر بالا ئاداشلىرى بىلەن The Who موزىكا ئەترىتىنىڭ نەق مەيدان ئويىنىنى كۆرۈشكە بارىدۇ .بۇ يىغىلىشقا 2تۈمەندىن ئارتۇق ياش يىغىلغان ئىدى .ئويۇن باشلىنىشتىن سەل ئىلگىرى پۈتكۈل مەيدان جىمجىتچىلىققا چۆمىلىدۇ ،ھەممە ئادەم بەدىنىدىن بىر خىل توك تەپكەندەك سىزىم ئۆتكەندەك بولىدۇ ،ھاۋا بۇلۇتتەك ھالەتكە كىلىپ خۇددى پىچاق بىلەن كەسكىلى بولىدىغاندەك سىزىم ھاسىل قىلىدۇ .لېكىن بىچارە ياشلار بۇ سىزىملارنىڭ بۇ موزىكا ئەترىتى ئاستىرىتتىن قويۇپ بەرگەن مەس قىلغۇچى چىكىملىك LSDنىڭ تەسىرى ئىكەنلىكىدىن خەۋەرسىز ئىدى .موزىكا باشلىنىشى بىلەن ھىس تۇيغۇسىنى يوقاتقان ياشلار پۈتۈن ئىشتىياقى بىلەن سەھنىدىكى ئادىمىي شەيتانلارغا ئەگىشەتتى .The Who موزىكا ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى موزىكا سەھنىسىدە تۇرۇپ شەيتان دىنى بەلگۈسىگە قاراپ ئىبادەت قىلدى .تۆۋەندە تاماششا كۆرىۋاتقان  ياشلارمۇ ئەگىشىپ ئىبادەت قىلدى .دىمەك ياشلارنىڭ قەلبىنى ئاللىقاچان شەيتان ئىگەللەپ بولدى .موزىكا كىچىلىكى شۇنچىلىك دەھشەت داۋاملاشتى .ناخشا تېكىستلىرى بىر بىرىدىن شايتانىۋى ئىدى .ئون نەچچىدەك ياش خۇدىنى بىلەلمەيدىغان ھالەتكە كېلىپ يىقىپ چۈشۈپ دەسسىلىپ كەتتى .شۇنىڭ بىلەن The Who بىر كىچىدىلا نامىنى چىقاردى .شۇ كىچىلىكتە ھېلىقى سېسىق نامى پۇر كەتكەن LSDزەھىرى يىتىشمەي قالدى .شۇ كىچىلىك داۋامىدا  زوراۋانلىق قىلىش  ، نەق مايداندا تۇرۇپلا كوللىكتىپ شەھۋانىلىق قىلىش ...تەك ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ئىشلار يۈز بەردى .بۇ ئىشلار يۈز بەرگەندە كىچىلىككە قاتناشقان ياشلارغا خۇددى بىر ئادەتتىكى ئويۇندەك بىلىندى. لېكىن بۇلار شەيتاننىڭ ھەقىقى  كۈتكىنى ئەمەس ئۇنىڭ كۈتكىنى بارلىق ياشلارنى ئۇنىڭغا سەجدە قىلىدىغان ھالەتكە كەلتۈرۈش Stephenئىسىملىك بىر ياش 13يېشىدىن باشلاپلا kiss ۋە AC-DC موزىكا ئەترىتىنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلاشقا خۇمار بولۇپ قالغان ئىدى .بۇ بالىنىڭ ياتىغىنىڭ تېمى  يوقارقى موزىكا ئەترەتلىرىنىڭ ئېلان رەسىملىرى  بىلەن تولغان ئىدى .ئۇ دائىم ئۇخلىغاچ يوقارقى موزىكا ئەترەتلىرىنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلايتتى .ئۇزۇنغا قالماي ئۇنىڭ مىجەزىدە ئۆزگىرىش بولۇپ بۇرۇنقىدەك ئەخلاقلىق ئالغا ئىنتىلدىغان بالىدىن جىمغۇر ،شەخسىيەتچى ،قوپال ،ئاتىسىنىڭ نەسىھىتىنى ئاڭلىمايدىغان پاسكىنا ئېغىز بالىغا ئايلىنىپ قالدى ھەمدە مەكتەپتىن يانسىلا ياتىقىغا كىرىپ ناخش ئاڭلاپ ھىچ ئىش قىلمايتتى .كېين بۇ بالا مەست قىلغۇچ دورىلارغا ئۆگىنىپ قالدى ھەمدە بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئاتىسىنىڭ تاپانچىسى ئېلىپ مىڭىسىگە توغۇرلاپ ئېتىپ بۇ ئالەم بىلەن خوشلاشتى .كېيىن ئاتىسى ياتىقىدىن AC-DCموزىكا ئەترىتىنىڭ پىلاستىنكىسىنى تاپتى .بۇ پىلاستىنكىدا shot to feel دەپ بىر ناخشا بار ئىدى .مەزمونىدا ئۆزىنى ئېتىۋېىلىشنىڭ نەقەدەر ھوزۇرلىقى يوشۇرۇن ۋاستىلار بىلەن ئېيتىلغان ئىدى .بۇ ناخشىنى ئادەتتە ئون نەچچە قېتىم ئاڭلاپ ياكى غىڭشىپ ئەگىشىپ ئېيتسا ھەمدە تىلىۋىزوردىكى بۇ ناخشىنىڭ م ت ۋ نىڭ تەسىرى بىلەن بىر ساددا بالا ئىختىيارسىز ھالدا شەھۋەتخور ،چېچىلاڭغۇ ،زوراۋان خارەكتىردىكى بۇزغۇنچىغا ئايلىنپ قالىدىكەن .ھازىر ئەتراپىمىزنى روك موزىكىلىرى يەنى ياۋگۇن موزىكىلىرى قورشاپ تۇرۇدۇ .تىلىۋىزور رادىيو دىگەنلەردە 24سائەت قويىلىپ توختىمايدۇ .ئىتىقات تەربىيەسى ئالمىغان زامانىۋى ياشلار ئاشۇنداق ناخشىلارنى ئاڭلاپ زىرىكمەيدۇ .بۇ ياشلاردا ئەڭ موھىمى جىنسى خىجىللىق ئېڭى ئىنتايىن تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكىنى بايقايسىز .ئادەتتە روك موزىسىكى ئاڭلايدىغان ياكى ياخشى كۆرىدىغان قىزلار ئەڭ ئاسان ئىپپىتىنى يوقىتىدىغانلىقى تەتقىقەتلاردا ئىسپاتلىنىپ كېلىنمەكتە .ئوغۇللار ئەلبەتتە بۇ بۇزۇقچىلىقلاردا تەشەببۇسكار بولىدۇ چۇنكى ئۇلارنىڭ ئېڭىنى ئاللىقاچان شەيتان ئىگەللەپ سەزگۈلىرىنى ئۆزى كونترول قىلالماس ھالەتكە ئەكىلىپ قويغان.
شەيتان دىنى موزىكىلىرى بولغان روك موزىكىسى ۋە فېيجۇلىيۇ (پاھىشىۋى قىياپەت) ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان شەيتانىۋى مەنىۋى مەينەتلەر   ھازىرقى زاماندىكى ئۇيغۇر شەھەر پۇخرالىرىغىمۇ ئاز بولمىغان زىيانلارنى كەلتۈرمىگىنىنى بايقىشىڭىز مۇمكىن .مەن ئىلگىرى تور ئوچۇق ۋاقىتلاردا بىر نەچچە ئۇتتۇرا مەكتەپ بالىلىرىنىڭ فېنبېي تورىدىكى بىلوگىنى كۆرگەن .بۇ بىلوكلارنى ئېچىپلا ھەيران قالدىم .ئېچىلىشىدىلا روك موزىكىسى قويۇلىدۇ .باش بەت ئۇستىنىڭ ئوڭ سول تەرىپىدە ئاللاھ ۋە مۇھەممەد دىگەن ئەرەپچە خەت بار قالغان يەرلىرىگە ئىسكىلىت ۋە يېرىم ئوچۇق بەدەنلىك رەسىملەر قويۇلغان ،ھەتتا بەزىلىرىدە شەھۋانىۋى رەسىملەر قويۇلغان .مەن بىلوگ ئىگىلىرىنى مەخىپى كۈزەتكەن ئىدىم كۈتكۈنۈمدەك ھادىسە شۇكى ئۇلار ئالدى بىلەن جىنسى جەھەتتە ئىختىيارى ،ئىتىقات جەھەتتە چۈشكۈن ،ۋە روھىي ئەسەبىي ھالەتكە كېلىپ قالغان ئىدى .كۆپچىلىك داۋاملىق ئويلىنايلى .يەنە بار ..............
مىتال موزىكىسى يەنى روك موزىكىسى بىر ئەقىللىق ئەخلاقلىق خۇش چاخچاق بالىنى چېچىلاڭغۇ ،ئىتىقاتسىز ،ھورۇن ،دۇنياپەرەس ۋە شەھۋانىي قىلىپ ئۆزگەرتىشى مۇمكىن .
مەن دېسكو روك مېتال موزىكىلىرىنى داۋاملىق ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغان ياش قىزلىرىمىزنى مەخپى كۈزەتتىم .سىزمۇ كۈزىتىپ بېقىڭ .نىمىنى بايقىدىڭىز؟شۇنداق ئۇلار بەدەنلىرى ئارقىلىق باشقىلارنى بەكرەك جەلىپ قىلىشنى ،ئۆزىنىڭ كۆڭلىنى ئۇتىدىغان بىر يىگىتنىڭ بالدۇرراق چىقىشىنى ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەتتا ئىپپىتىنى قۇربان قىلىشقا خالايدىغان ھالەتكە كېلىپ قالغانلىقىنى بايقايسىز .بۇ قىزلار مەيلى ئىتراپ قىلسۇن قىلمىسۇن ئۆزىدىكى ھادىسلەرنى بايقىسۇن ياكى بايقىمىسۇن ئەمەلىيەت شۇكى ئۇلاردا ئىپپەت تۇيغۇسى ئاللىقاچان روك موزىكىس ۋە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان مەدەنيەت ياق بەدنىيەت  تەرىپىدىن يەۋىتىلگەن .
روك موزىكىنى بەك ياخشى كۆرىدىغان ئەي ئۇيغۇر ياشلىرىمىز !!!!ئۆزىمىزدىكى پەيدا بولغان ئۆزگىرىشلەرنى بىر ئوپراتسىيە قىلىپ باقايلى !!ئەگەر بىلەلمىسەك ئەتراپىمىزدىكى ئىتىقادى دۇرۇس ئاكا ھەدىلىرىمىزگە ئىچ سىرىمىزنى ئېيتىپ ئۇلاردىن مەسلىھەت سورايلى .ئولارنىڭ ئۆزىمىزنىڭ روھىي ھالىتىمىز ۋە ئەمەلىيىتىمىزدىكى بەدنىۋى ھادىسىلەرنىڭ پەيدا بولغان بولمىغانلىقنى بايقشىمىزغا ياردەم قىلىشىنى ئۆتىنەيلى .
روك موزىسىغا ئىختىيارسىز ياكى ئىختىيار قىلغان ھالدا تۆھپە قوشىۋاتقان ئەي سەنئەتكارلار !!!مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن ۋە ئۆزىنىڭىزنىڭ كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن بۇ ساھەدىن چىكىنىڭ ۋە باشقىلارنى چىكىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈڭ .
 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(145)
99.3%
دەسسەش
(1)
0.7%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !