گۈل سوۋغا قىلىشتا
يېڭى توي قىلغانلارنى تەبرىكلەشتە: رەڭگى چىرايلىق خۇش پۇراق،رۈشەن مەنىگە ئىگە گۈللەرنى تاللاش كېرەك.مەسلەن ئەتلەسگۈل،جۇڭگۇ ئەتىرگۈلى،گۈلسۇرۇخ. مۇھەببەت - ھېسسىياتنى ئىزھار قىلىشتا: سىز ياخشى كۆرىدىغان كىشىگە بىر دەستە قىزلى ئەتىرگۈل سوۋغا قىلىڭ.گۈلسامساق، كۈركۈم،زىلالەرنىمۇ سوۋغا قىلىشقا بولىدۇ.سېرىق كۈركۈم مۇھەببەتنىڭ ئاخرلاشقانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ،شۇڭا ئۇنى ھەرگىز سوۋغا قىلىشقا بولمايدۇ. كېسەل يوقلاشتا: سۇس قېنىق رەڭدىكى گۈللەرنى تاللاش كېرەك: مەسىلەن،كەترەن،قەلەمپۇر،چىنىگۈل، ئىپارگۈل. ئەپسۇسلىنىش، ياد ئېتىش ياكى قايغۇ،تەزىيە بىلدۈرۈش مەنىلىرىنى ئىپادىلەشتە: ئاق رەڭلىك گۈللەرنى تاللاش كېرەك.مەسىلەن، ئاق ئەتىرگۈل، ئاق جۇخارگۈل قاتارلىقلار. يېڭىدىن بارلىققا كەلگن بەزى بايراملاردا: مەسىلەن ئانىلار بايرىمىدا، گۈلسامساقنى، ئاشىق- مەشۇقلار بايرىمىدا قىزىل ئەتىرگۈل، كۈركۈمنى، ئوقۇتقۇچىلار بايرىمىدا گۈلسۆسەرقاتارلىقلارنى تاللاش كېرەك. باھار بايرىمىدا چىرايلىق ئۇرالغان تاشتەك گۈللەرنى،مەسىلەن نورۇزگۈل،ئاقچېچەك،قاتارلىقلارنى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بايراملىق كىچىك سېۋەتلەرنى سوۋغا قىلىشقىمۇ بولىدۇ (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |