سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

ئاياللارغا چاقچاق قىلىشتا دىققەت قىلىڭ !

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-15 18:27مەنبە:ئىلى مۇنبىرى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

بىز ئەر-ئاياللار ئىشلەپ-چىشلەيدىغان بىر دەۋىردە ياشاۋاتىمىز.بۇ ھال شۈبھىسىزكى،ئەر-ئايال ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئالاقىنى قويوقلاشتۇرىدۇ. ئەمما، ماس ھالدا ئەر ئايال ئارىسىدىكى ساقلاشقا تېگىشلىك مۇئەييەن ھايا، ئەخلاق پەردىلىرىنى يىرتىدۇ.
بۇرادەر سىز نۇرغۇن ئاياللار توپى ئىچىدە خىزمەت، ھەركەت قىلغانسىز. كۇندىلىك تۇرمىشىڭىز ئاياللار بىلەن بولغان ئالاقىدىن ئايرىلالماسلىقى مۈمكىن. ئاياللار ئەرلەرگە نىسپەتەن ھامان يات جىنىس. توي قىلىپ بولغان ئەرلەرمۇ ، بالىلىق، ئائىلىلىك ئەرلەرمۇ ئەخلاق،  ئەقىل، ھايا بىلەن ئۆزىنى ۋە ئۆز نەپسىنى يۈگەنلەپ، سىلكىشلەپ ، تۇرمىسا، ئۇ يات ئاياللارغا بولغان يامان نىيەت،يامان ئوي-خىيالدىن ئۆزىنى تارتالمايدۇ. بۇ بىر ئوبىيېكتىپ ھادىسە، شۇنداقلا بىر نۇرمال ئەركەكتە كۆرىلىدىغان ، ئويغىنىدىغان سىزىم .ئەمما ئۇنى كىشەنلەشكە توغرا كېلىدۇ،چۈنكى، ھەر بىر جان جۈپتى بىلەن يارتىلغان. جۈپ بىلەن كۇپايىلىنىش ئادالەت ۋە ئىنساپ جۈملىسىدىندۇر.شۇڭا، بۈگۈنكى زامان ئەرلىرى ئۇچىرايدىغان ھىسىيات بېسىمى ھەر قانداق تارىخى دەۋىرىدىكىدىن كۆپ ئېغىر بولىدۇ. چۈنكى ئاياللار ئەرلەرگە چاپلىشىپ دېگىدەك مىدىراپ،قۇتىراپ يۈرۈيدۇ. ئاياللار يالىڭاچلىنىۋاتىدۇ. ئىززەت ئەۋرەتلىرىنى ئېچىش،ئوچوق قويۇشتىن خىجىل بولمايدىغان ھالغا كىلىپ قىلېۋاتىدۇ. شەھۋەت ئوتلىرى كوچىمۇ-كوچا،بىنامۇ -بىنا گۈرۈلدەپ كۆيۈپ تۇرىدۇ.ئەر ئۆيدىمۇ، تالادىمۇ بىر خىل ھېسسىي قوزغىلىش،شەھۋەت ئويغىنىشتىن قۇتۇلالماي بىچارىلەرچە قىيىنىلىدۇ.شەھۋەت ئوتلىرىنىڭ جەمىيەت ئارا كەڭ يامرىشى ئاقىللارغا زۇلۇم ،شەھۋەتخور بەندىلەرگە ھوزوردۇر. ئەخلاق يىرتىلىۋاتقان ،ھايا سۆكۈلىۋاتقان ،ئاياللار يالىڭاچلىنىۋاتقان مۇشۇنداق بىر دەۋىردە ئۆزئىمان-غورورىنى ۋە روھى پاكلىقنى ساقلاشنى بىلدىغان ئەرلەرنىڭ شات خورام ياشىمىقى بەس مۈشكۈلدۇر. ئەخلاقسىزلىق يامرىغاندا، ئۆزىنى تۇتۇپ ياشىيالىغان ئەرنىڭ ئەجىر- مۇكاپاتقا مۇشەررەپ بولىشىدا شۇبھى يوق .
بۇرادەر، ئۆز ئىززەت- نەپسىڭىزنى ساقلاڭ.ھەدىستە: مىسكىن ئىپپەت قوغلىشىدۇ دېيىلىدۇ. سىز بىلەن ئۇچىرىشىپ تۇرىۋاتقان ئاياللار يەنىلا يەنە بىراۋنىڭ ھققى ھوقوقىدۇر.ئۇلارغا قالايمىقىن چاقچاق قىلماڭ،ئەخلاقتىن چەتنىگەن ھالدا غەيرىي نىيەت -غەرەزدىكى گەپ-سۆزلەرنى قىلماڭ .<<بىر مۇسۇلىماننىڭ قىنى ،ئابرويى ۋە مېلى يەنە بىر مۇسۇلىمانغا ھارامدۇر>>(ھەدىس) ئەرلەر ئاياللارغا چاقچاق قىلېشقا ئامراق كىلىدۇ. ئەمما ئىنتايىن چاتاق يىرى، ئاياللارنىڭ كۆپىنچىسى  ئەرلەرنىڭ چاقچىقىنى راس دەپ ئويلاپ قالىدۇ-دە ، كۆڭلىدە يوق ئوي -خىياللار ئويغىنىپ قالىدۇ.شۇڭا، ئاياللارغا چاقچاق قىلىشتا دىققەت قىلىشىڭىز تۈزۈك .ئىسلامدا زىنانىڭ تۇرلىرى ئىچىدە ئېغىز، كۆز... قاتارلىق ئەزالارنىڭ ھارامخورلارچە ھەركىتىدىنمۇ زىنا شەكىللىنىدىغانلىقى بايان قىلىنغان .يات ئاياللار ئالدىدا ئېغىزىڭىزنى ، كۆزىڭىزنى يۇمۇشنى ئۈگۈنىۋېلىڭ . پەيغەمبەر ئەلەيھىسالام ئىككى چات ۋە ئىككى جېخنىڭ ئارىسىنى ياخشى ساقلىيالىغان بەندىلەرگە خۇش خەۋەر بىرىدىغانلىقىنى  قەيت قىلغان. سىز خوش خەۋەرگە ئىنتىزارمۇ ياكىلاۋۇلداپ تۇرغان ئازاپ ئوتلىرىغا تەشنا -زارمۇ ؟
مەنبە كىتاپتىن .
(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(19)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !