سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

نۇرتاي ھاجى ھەققىدە

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-15 18:21مەنبە:ئىلى مۇنبىرى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

ئۆزىنىڭ ئاجايىپ تەسىرلىك خەير- ساخاۋىتى بىلەن ئەلنىڭ يۈكسەك ھۈرمىتىگە سازاۋەر بولغان نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەر يېقىندا بېيجىڭدا كاتتا شەرەپ سەھنىسىگە چىقتى .
شىنجاڭلىق بۇ خەير-ساخاۋەتچىنىڭ نامى پايتەخت ئارقىلىق پۈتۈن جۇڭخۇا ئېلىگە تارالدى.
2006-يىللىق جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئىشلىرى بويىچە نام بېرىش- مۇكاپاتلاش يىغىنى 24-ئىيۇن بېيجىڭ خەلق سارىيدا داغدۇغلۇق ئېچىلدى ،يىغىندا شىنجاڭ غەربىي نۇر  گۇرۇھىنىڭ باش لېدىرى نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەرگە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت چولپىنى  دېگەن نام بېرىلدى .
نۇرتاي ھاجى 1996-يىلى 24-سېنتەبر ئۆز ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ،3مىليون 800مىڭ يۈەن مەبلەغ بىلەن نۇرتاي ھاجى يېتىملەر مەكتىپىنى قۇرغاندا ،دەسلەپكى قەدەمدە ئىلى ۋىلايىتىدىكى سەككىز ناھىيە ،بىر شەھەردىن قۇبۇل قىلىنغان 60يىتىم بالا بۇ سۆيۈملۈك دادىسىغا 60دەستە گۈل سۇنغانىدى.
ئارىدىن ئون يىل ئۆتتى ،ئون يىلدىن بۇيان ،نۇرتاي ھاجى كۈندىن -كۈنگە كۆپىيۋاتقان بالىلىرىنى تېخىمۇ ياخشى ئوقۇش ،تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلدى ،ئۇلارغا يېتىملىكنى ھېس قىلدۇرماسلىق ،ئۇلارنىڭمۇ ئاتا-ئانىسى بار بالىلارغا ئوخشاش خۇشال -خۇرام ،ساغلام چوڭ بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارغا ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى .بۇ بالىلارغا ھەريىلى تاماق ،كىيىم -كېچەك ،تۇرالغۇ ،داۋالىنىش ئۈچۈن 1مىليون يۈەندىن ئارتۇق پۇل ئاجراتقاندىن سىرت ،ئۇلارنىڭ يازلىق تەتىلنى كۆڭۈللۈك ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن،يەنە 2مىليون يۈەن خەجلەپ ،ئىلىدىكى ئەڭ گۈزەل ساياھەت رايونىنىڭ بىرى -كەڭسايدىكى گېنېرال جىلغىسىغا بالىلار باغۇ-بوستان ئارامگاھى قۇرۇپ بەردى .بالىلار ھەريىلى بۇ ئارامگاھتا يازنىڭ تومۇز ئىسسىق كۈنلىرىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزدى .ھازىر نۇرتاي ھاجى يېتىملەر مەكتىپىدە بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقان بالىلار(2006)310غا يەتتى.(ھازىرقى باللارنىڭ سانى 500دىن يۇقىرى بولشى مۇمكىن)

بۈگۈنگىچە نۇرتاي ھاجى بۇ مەكتەپتىكى بالىلىرى ئۈچۈن 12مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ ،ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ،مەدەنىيەت ،تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ بەردى ،شۇڭا بۇ بالىلارمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئازادە يورۇق سىنىپلاردا ئوقۇش ،ئىلغار ئوقۇتۇش ئەسۋابلىرىدىن پايدىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشەلىدى.
چەتئەلدىكى جۇڭگولۇقلارنىڭ جۇڭگونىڭ تىنچ بىرلىككە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىقى ئىشلىرى تەرەققىيات بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان جۇڭخۇا خەير-ساخاۋەت چولپىنىنى باھالاش پائالىيىتىدە جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت ئەلچىسى جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق ئەلچىسى جۇڭگو جامائەت پاراۋانلىق چولپىنى جۇڭخۇا خەير- ساخاۋەت چولپىنى دىن ئىبارەت تۆت تۈرلۈك مۇكاپات تەسىس قىلىنغان .
نۇرتاي ھاجى ئىسكەندەر جۇڭخۇا خەير -ساخاۋەت چولپىنى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن شىنجاڭدىكى بىردىنبىر كارخانىچى .ئۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە ۋاخاخا گۇرۇھىنىڭ لېدىرى زوڭ چىنخۇ ،شياڭگاڭ شۈرى گۇرۇھىنىڭ لېدىرى ياڭ جاۋمۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

شىنجاڭ گېزىتى 2006-يىلى7-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى سانىدىن ئېلىندى

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(42)
97.7%
دەسسەش
(1)
2.3%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !