سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

تەڭتۇش يىگىتلەر بىلەن توي قىلغان ياخشىمۇ ؟

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-15 17:42مەنبە:ئىلى مۇنبىرى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

جەمىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىش، كىشىلەرنىڭ قىممەت قارشىنىڭ ئۆزگۈرۈشىگە ئەگىشىپ ياشلارنىڭ مۇھەببەت ، نىكاھ قارىشىدىمۇ بىر قىسىم ئۆزگۈرۈشلەر كۈرۈلۈشكە باشلىدى. ئۇلار توي قىلغاندا بۇرۇنقىدەك نوقۇل ئائىلە قۇرۇش بىلەن ساددىلارچە مۇھەببەتنى ئاساس قىلىپ بىر ئائىلىگە كىرمەستىن بىر-بىرىنىڭ چىراي - شەكلى، ئائىلە كىلىپ چىقىشى، خىزمەت ئورنى ، ئوقۇش تارىخى، مىجەز-خۇلقى.... قاتارلىقلارغىچە ئويلۇشۇپ ئاندىن قارار چىقىرىدىغان بولدى. بۇ ئەلۋەتتە ياخشى يۈزلىنىش. نىكاھ ئىشى ئۈمۈرلۈك ئىش. بۇنىڭغا يەڭگىللىك بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا ، ئالدىراپ قارار چىقىرىشقا بولمايدۇ . يېقىندىن بېرى بىر قىسىم ياشلارنىڭ ئىددىيىسىدە بىخ ئۇرۇپ كۆكلەۋاتقان بەزى قاراشلار ئادەمنى ئەنسىرىتىدۇ . ئۇلار لايىق تاللاشتا مۇھەببەتنى ئەمەس پۇلنى، مال-مۇلۇكنى ، تەييارغا ھەييار بولۇشنى ئويلايدىغان بولۇپ قېلىۋاتىدۇ . بۇ خىل تىرىكتاپلىق ئىددىيىسى ناھايىتى قوقۇنۇشلۇق .
يېقىنقى يىللاردىن بېرى << پالانىچى ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كىتىپ يېڭىدىن ئوقۇش پۈتتۈرگەن بىر قىز بىلەن توي قىپتۇ ، پۇكۇنىچى بىر قىز بىلەن تېپىشىۋېلىپ ئايالى بىلەن ئاجرىشىپ كەتمەكچى بوپتۇ >> دېگەن سۆزلەرنى ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق . ئەلۋەتتە بۇنىڭ ھەرخىل سەۋەپلىرى بولۇشى مۇمكىن . چۈنكى نىكاھنىڭ بۇزۇلىشىدا قانداقلا بولمىسۇن بۇ ئائىلىدىكى ئىككىلا تەرەپنىڭ مەلۇم مەسئۇلىيىتى بولىدۇ . ئەمما بۇنىڭغا ھازىر جەمىيەتتە خېلىلا باش كۈتۈرۈپ قېلىۋاتقان ياش قىزلارنىڭ << پىشقان ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈش ئىددىيىسى مەلۇم دەرجىدە رول ئويناۋاتقانلىغى ھەممىگە ئايان .
مېنىڭ << پىشقان>> ئەرلەرنى ياخشى كۆرىدىغان شۇ قىزلارغا ئاشۇ قىزلاردەك ئويلايدىغان بارلىق قىزلارغا شۇنداق دەپ قويغۇم كەلدى : ئەي قىزلار ، ئۇ << پىشقان ، يىتىلگەن >> ئەرلەر ھەرگىزمۇ ئۆزلۈگىدىنلا پىشىپ قالغان ئەمەس ، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنلىرى، نەتىجىسى، مىجەز-خاراكتىرى، كەڭ-تاشا تۇرالغۇ ئۆيلىرى، تۇرمۇش تەجرىبىسى ئاسماندىن چۈشكەن ئەمەس ياكى يەردىن ئۈنۈپ قالغان ئەمەس . ئۇنىڭغا ئاشۇ ئەر بىلەن جاپا-مۇشەققەتنى، ئىسسىق-سوغۇقنى بىللە باشتىن كەچۇرگەن ، تەڭ كۈلۈپ تەڭ يىغلىغان بىر ئايالنىڭ كۆرۈنمەس سايىسى بار . بۇ ئايالنىڭ كۈرۈنمەس سايىسى ھەتتا شۇ ئەرنىڭ جىسمىغىمۇ سىڭىپ كەتكەن . سىز بۇنى ھامان بىر كۈنى بايقايسىز . شۇڭا باشقىلارنىڭ << پىشۇرۇپ >> تەييار قىلىپ قويغان ئەرلىرىنى ئەمەس ، ئۆزىڭىز پىشۇرىدىغان ، سىز بىلەن ئىسسىق-سوغۇقنى تەڭ باشتىن كەچۇرۇپ، بىللە پىشىپ يىتىلىدىغان ، ھايات سەپىرىڭىزدە سىز ئۈچۈن مەڭگۈ ھەراھ ، يۈلەنچۈك بولۇپ سىزگە ۋە باللىرىڭىزغا بەخىت ئاتا قىلالايدىغان ئەرنى تاللاڭ . قىزلىق قەدرى-قىممەتنىڭ باھاسى تۈۋەنلەپ كەتمىسۇن . تۇرمۇشنى ئىمكانىيەت يار بەرگەن دائىرىدە ئۇزۇڭلار بىلەن تەڭ دېمەتلىك يېگىتلەر بىلەن بىللە قۇرۇپ ، كېيىنكى ھاياتىڭلارغا ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئاساس سېلىڭلار .
ئۆزۇڭلار ئاشخانىدا تەرلەپ پىشىپ ئەتكەن بىر قاچا سۇيقاشنىڭ يۇلتۇز دەرجىلىك رېستۇرانلاردا يېگەن بىر ئۇستەل تائامدىن بەكرەك ئىسسىق باسىدىغانلىغىنى ئويلاپ بېقىڭلار . يىگىتىڭلارنى ئۆزۇڭلار << پىشۇرۇڭلار>> ، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ << پىشىڭلار >> .


 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(25)
89.3%
دەسسەش
(3)
10.7%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !