سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

باي بولۇشنىڭ ئالدىنقى ئون شەرتى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-15 18:14مەنبە:ئىلى مۇنبىرى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

1. قانۇنى مۇكەممەل بولمىغان جايدا باش كۆتۈرگىلى بولمايدۇ، باي بولۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى سىز تۇرۇشلۇق جاي سىزنىڭ شەخسى مۈلكىڭىزنى قوغدايدىغان كاپالەتنى ھازىرلىغان بولۇشى كېرەك. شۇڭلاشقا ئۇرۇش بولۇۋاتقان رايوندا تۇرماڭ، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق جاينىڭ قانۇنىغا خىلاپ كەسىپنى تاللىماڭ.
2. كەسپنى ئويلىنىپ تاللاڭ ۋە تاللىغاندىن كېيىن ئالدىراپ كەسىپ يۆتكىمەك، زادى بولمىغاندا زەنجىرسىمان مۇناسىۋەت ئارقىلىق ئۆتۈشۈڭ. چۈنكى بىر كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدا ئەڭ مۇھىم بايلىق سىز شۇ كەسىپ ھەققىدە ئالاقە دائىرىسى ۋە تەجرىبە شەكىللەندۇرگىنىڭىز.كەسپ ئالماشتۇرۇش دىگەنلىك بۇ بايلىقلارنى تاشلىۋەتكەنلىكتۇر.
3. چوقۇم ئۆزىڭىز ياخشى كۆرىدىغان گەرچە دەماللىققا جىق پۇل تاپالمىسىڭىزمۇ كۆڭلىڭىز خوشال بولىدىغان كەسىپنى داۋاملاشتۇرۇڭ. پۇل تاپقىلى بولىدىكەن دەپ ئۆزىڭىز خالىمايدىغان كەسىپكە ئۆزىڭىزنى ئۇرماڭ. ۋاقىتلىق قىزىش سوۋۇش بىلەن كەسىپ يەڭگۈشلىمەڭ. چۈنكى ۋاقتىڭىزنىڭ ئۆتكىنىنى بىلمەي قالغۇدەك دەرىجىدە ياخشى كۆرمىگەن كەسىپ سىزگە بىر يۈكتۇر، يۈك كۆتىرىۋالغان ئادەم ھەرگىزمۇ ئالدىدا ماڭالمايدۇ
4. ئۈنۈملۈك، ئاخىرى بار كەسىپلەرنى تاللاڭ، دۇنيادىكى بايلارنىڭ كەسىپ رەت تەرتىپىنى تىزىپ ، يۇقىرىدىن تۆۋەنگە قاراپ تاللاپ ئوز ياقتۇرىشىڭىز ۋە ئىقتىدارىڭىز بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ئاخىرى چىقىدىغان كەسىپنى تاللاڭ، چۈنكى بەزى كەسىپلەردە مەڭگۈ باي بولغىلى بولمايدۇ
5. كەسىپ تاللىغاندا دائىرە كېڭەيتىش ئىمكانىيىتىنى شۇنداقلا ئوبېكىت كەڭلىكىنى ئويلىشىڭ. دۇنياغا ھالقىغىلى بولىدىغان ھەممە مىللەت، ھەممە ياش ، ھەممە كەسپتىكىلەرگە ماس كېلىدىغان كەسپتە پۇل تېپىش خەرىدارلىرى مەلۇم ئاز دائىرە بىلەنلا چەكلىنىدىغان كەسپلەرگە قارىغاندا تېز كۆتۈرىلىدۇ
6. ياخشى كۆردۇم دەپلا ئۆزىڭىزدە يوق ئارتۇقچىلىقنى يېتىلدۇرۇش ئۇچۇن كەلگۈسىڭىزنى دوغا تىكمەڭ. مەسىلەن سىز كۆرۈمسىز بولسىڭىز ھەرگىز سەنئەت ساھەسىدە باش كۆتۈرۈش كويىدا بولماڭ، رەڭ قارىغۇسى بولسىڭىز رەسسام بولۇش ئۇچۇن ئۆمرىڭىزنى سەرپ قىلماڭ، يەنى سەي قۇرۇشقا ئۇستا بولسىڭىز لايچىلىق قىلىپ پۇل تېپىشنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ تاللاپ قالماڭ(چۈنكى ۋاقىتلىق تاللاش سىزنىڭ ئۆمۈرلۈك كەسپىڭىزگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن
7. ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان ساھەدە تەربىيىلىنىش پۇرسىتى بولسا ھەرگىز قولدىن بەرمەڭ، ياخشى يېزىقچىلىق تالانتىڭىز بار تۇرۇپ، ئەتىكى قۇيرۇقتىن بۈگۈنكى ئۆپكە ئەلا دىگەنلەرگە ئىشىنىپ دەماللىققا ياغاچچىغا شاگىرت كىرگىنىڭىز بىلەن باش كۆتىرىش ئىمكانىيىتىڭىز ئون ھەسسە قىيىنلىشىپ كېتىدۇ
8. ئىشەنچلىك بولۇڭ، ئابرويىڭىزنى قوغداڭ، ھەر قانداق ئەھۋالدا يامان نامى بار كىشىلەر بىلەن بىرلىشىپ تىجارەت قىلماڭ، ئەڭ بولمىغاندىمۇ كەسپداشلىرىڭىز ئىچىدە ئابرويىڭىز بولسۇن. خېرىدار ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىشەنچى كەسپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ جېنى.
9. خوجايىن بولۇش شەرت ئەمەس. ئۆزىڭىز ياخشى كۆرگەن ۋە ئارتۇقچىلىقىڭىز بار ساھەدە ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ مۇستەقىل پۇل تېپىشىغا ئىشەنچ قىلالمىسىڭىز، ياكى ئىش باشلاشقا مەبلىغىڭىز بولمىسا ئۆزىڭىز ئىشەنگەن ياكى سىزگە ئىشەنگەن، ئىناۋىتى ۋە تەسىرى بار باشقىلارغا ئىشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ. چۈنكى دۇنيادىكى ئالدىنقى مىڭ باينىڭ 73% باشقىلارنىڭ شىركىتىگە پايچىكى ئالغان ياكى خىزمەت قىلىدىغانلار.
10.تەرتىپلىك بولۇڭ. ھىساۋات خاتىرىسى ، كۈندىلىك خىزمەت خاتىرىسى تۇتۇپ، ئايدا بىر قېتىم شۇ ئايلىق ۋاقتىڭىز ۋە خەجلىگەن پۇللىرىڭىزنىڭ ئورۇنلۇق بولغان بولمىغانلىقىغا باھا بېرىڭ. تەربىيىلىنىش پۇرسىتىڭىز تۈگىگەن بولسا ئىمكان بار بالدۇر توي قىلىڭ، كەسىپ تىجارەتتىن باشقا دوستلىرىڭىزنى ئىزدىمەڭ(  ئارتۇقچە پۇل خەجلەشتىن ساقلىنىسىز).
 
(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(12)
100%
دەسسەش
(0)
0%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !