شىنخۇا تورى ئۈرۈمچى 26-ئاپرېل تېلېگراممىسى. يېرىم يىلدىن ئارتۇق ئەستايىدىل تەييارلىق كۆرۈلگەن «تەڭرىتاغ كۈيى» شامىل ئىجادىيەت ناخشا كېچىلىكى 29-چېسلا ئۈرۈمچى 1-ئاۋغۇست تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ قېتىمقى ناخشا كېچىلىكى 29-ئاپرېل، 30-ئاپرېل ۋە 4-ماي ئۈچ مەيدان ئېلىپ بېرىلىدۇ. ناخشا كېچىلىكىگە لى شۇاڭجياڭ، لۈ شۈخوڭ، ئەركىن قاتارلىق داڭلىق سەنئەتكارلارمۇ نومۇر كۆرسىتىشكە تەكلىپ قىلىنغان. (مۇخبىر ما مىن خەۋىرى) |