![]() 5-ماي چۇڭچىڭدىكى جياڭبېي رايونلۇق دوختۇرخانىغا 50ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەر ئېلىپ كېلىنگەن. بۇ ئەر دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندە، ئەس-ھۇشىنى يوقاتقان بولۇپ، تا ھازىرغىچە ئەسلىگە كېلەلمىگەن. دوختۇرلار بۇ ئەرنىڭ چىرايىدىكى كۆك ئىزلارغا قاراپ، ئۇنىڭ باشقىلاردىن تاياق يېگەنلىكىنى بايقىغان. مەسئۇل دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 5-ماي كېچىدە 110نىڭ تېلېفونىدىن مەلۇم تاللا بازىرىنىڭ ئارقىسىدىكى پىيادىلەر يولىدا بىر ئەرنىڭ ئېغىر يارىلىنىپ ھۇشسىز يېتىپ قالغانلىقىنى ئاڭلاپ، دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ بارغان. ئەھۋالنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە 120 جىددىي قۇتقۇزۇش ماشىنىسىدا يارىدارنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېلىپ قۇتقۇزغان. ئەڭ ئېچىنىشلىقى شۇكى_دوختۇرلار بۇ يارىدارنى تەكشۈرۈپ كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدى تەرىپىنىڭ قانغا بويىلىپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، دەرھال تەكشۈرگەندە بۇ ئەرنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتكەن. دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇنداق ۋەھشىي قىلمىشنى تۇنجى قېتىم كۆرۈشى ئىكەن. بۇ ئەرنىڭ ئوپراتسىيە قىلغاندىمۇ، مەڭگۈلۈك مېيىپ بولۇپ قالىدىكەن. بۇ ئەر قاتتىق قورقۇپ كەتكەنلىكتىن ھۇش كاللىسى جايىدا ئەمەس ئىكەن، ھازىرغىچە تېخى ئۇنىڭ قەيەردە، كىم تەرىپىدىن يارىلاندۇرغانلىقى، ئۆزىنىڭ تۇرۇشلۇق ئورنىنىڭ قەيەر ئىكەنلىكىنى بىلىش مۇمكىن بولمايۋېتىپتۇ. ساقچى تەرەپ بۇ دېلونى داۋاملىق تەكشۈرۈۋېتىپتۇ. مەنبە:http://law.iyaxin.com/content/2010-05/06/content_1761047.htm (تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.) |