سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئالمىزار تور بېكىتى > خەۋەرلەر >

2012-يىلى راستنلا زامان ئاخىرمۇ؟

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-12 18:52مەنبە: يازغۇچى:AvZaR زىيارەت سانى: قېتىم

 

2010-يىلى كىرگەن ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، يەر شارى مىقياسىدا 6 بالدىن

يۇقىرى يەر تەۋرەش ئاپىتى 10 قىتىمغا يېقىن يۈز بەردى. ھايتىدا 7.3 بال، چىلىدا 8.8 بال،

ياپونىيەدە 6.9 بال، پاكىستان ۋە ئاففانىستاندا 6.2 بال، تەيۋەندە 6.4 بال، تۈركىيەدە 6 بال

يەر تەۋرىدى. يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئۈزۈلمەي يۈز بېرىشى كىشىلەرنى «ئاخىرقى زامان 2012 »

فىلىمىدىكى ۋەقەلىكنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىدىن ساراسىمىگە سېلىپ قويدى.
  دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر يېقىندىن بۇيان بۇ بىر قاتار يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ

تاسادىپىي يۈز بەرگەن-بەرمىگەنلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى.
 «ئاخىرقى زامان 2012 » نىڭ قوللىغۇچىلىرى يەر پوستىنىڭ ھەركەتلىنىشىگە باشلىغانلىقىغا،

بۇنىڭ يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئىكەنلىكىگە

ئىشەندى. ئەنگىلىيەدىكى مەلۇم ئونۋېرسىتىتنىڭ تورىدا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە: چىلىدا 8.8

بال يەر تەۋرىدى، كۆپلىگەن دۆلەتتە قاتتىق سوغۇق بولدى، قاھىرەدە ئەلمىساقتىن بۇيان

كۆرۈلمىگەن مۆلدۈر ياغدى. بۇلار راستىنلا 2012-يىلى ئاخىر زامان بولىدىغانلىقىنىڭ

بىشارىتىمىدۇ؟ ئەتراپىمىزدىكى ئىشلار بىزنى راستىنلا شۇنداق بىر كۈننىڭ كېلىدىغانلىقىغا

ئىشەندۈرىشى مۇمكىن، دېگەن.




  جەنۇبىي ئافرىقىدىكى مەلۇم توردا ئېلان قىلىنغان ماقالىدە: كىشىلەر بىر قاتار يەر تەۋرەش

ئاپىتىدىن بۇنى ئامېرىكىنىڭ «مېترولوگىيە قۇرالى» كەلتۈرۈپ چىقارغان، دەپ قارىدى. چۈنكى

ئاتالمىش بۇ قورال زامانىۋى تېخنىكا تەدبىرىدىن پايدىلىنىپ يەر تەۋرەش، دېڭىز تاشقىنى،

شىۋىرغان، قار كۆچكۈنى قاتارلىق ئاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ھايتىدا يەر تەۋرىگەندىن

كېيىن، كىشىلەر ئامېرىكىنى يەر تەۋرەشتىن پايدىلىنىپ نوپۇسنى كونتىرول قىلماقچى، دەپ

ئەيىبلىگەنىدى. يېقىندا چىلىدا يەر تەۋرىگەندىن كېيىن بۇخىل قاراشنىڭ قوللىغۇچىلىرى

كۆپەيدى، دېيىلگەن.




  فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 8-مارت فىرانسىيە دۆلەت يەر تەۋرەشنى تەكشۈرۈش تورى پەن-تېخنىكا پونكىتىنىڭ باشلىقى گىرانانىك سۆزىنى نەقىل كەلتۈرگەن خەۋرىدە: يېقىندىن بۇيان يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ئاپىتى بىر-بىرى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك ئەمەس، چۈنكى ئۇلار ئوخشاش بولمىغان ماتېرىكقا تەۋە. يەر شارىدا ھەر يىلى بىر قېتىم 8 بال، 12 قىتىم 7 بال يەر تەۋرەيدۇ، شۇڭا بۇ يىلقى سانلىق مەلۇمات چەكتىن ئاشمىغان. ئادەتتىكى يىللاردا بۇ زور يەر تەۋرەش ئاپەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئادەمزات بولمىغان دېڭىز ئاستىدا يۈز بېرەتتى، بىراق بۇ يىل قۇرۇقلۇقتا يۈز بەردى، دېيىلگەن.




  ئامېرىكىلىق بىر مۇتەخەسىسمۇ 7-مارت ئامېرىكا ئاگېنىتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ: ئۆتكەن نەچچە ئون يىل، ھەتتا نەچچە يۈز يىلغا سېلىشتۇرغاندا يەر تەۋرەش سانى كۆرۈنەرلىك كۆپەيدى، لېكىن نۇرغۇن يەر تەۋرەش بەلبېغىدا نوپۇس كۆپىيىپ، ئاپەتتە تالاپەتكە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ سانى كۆپەيگەچكە، كىشىلەردە ۋەھىمە پەيدا قىلدى. ھازىر ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېز بولغاچقا، قەيەردە يەر تەۋرىسە پۈتكۈل دۇنيا نەچچە مىنۇتتىلا خەۋەردار بولالايدۇ. ئىلگىرى بولسا بۇنداق خەۋەرلەر نەچچە كۈندىن كېيىن گېزىتتە ئېلان قىلىناتتى، شۇڭا كىشىلەر ھازىر يەر تەۋرەش ئاپىتىنىڭ كۆپ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنىڭ ھەممىسى نورمال ئەھۋال، دېگەن.




  جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئە ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ بىروفېسسورى مىڭ شىياڭچىڭ 9-مارت «يەر شارى ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرلىرىغا: ئامېرىكا «مېتېئورولىگىيە قورالى» دىن پايدىلىنىپ چىلىدا يەر تەۋرەش ئاپىتىنى پەيدا قىلدى، دېيىشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي ئاساسى يوق. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى ھەقىقەتەنمۇ «مېتېئورولىگىيە قورالى» ئۈستىدە تەتقىقات ئىلىپ بارغان، لېكىن ئۇرۇشتىن بۇ خىل قۇرالنىڭ تەتقىق قىلىنىۋاتقانلىقىدىن ھېچقانداق خەۋەر يوق. ھەر قانداق قورال ئاۋۋال سىناق قىلىنىدۇ. مەسىلەن، يادرو قورالىمۇ ئاۋۋال سىناق قىلىنىدۇ، ئەمما بىز ھازىرغىچە بىرەر دۆلەتنىڭ «مېتېئورولىگىيە قورالى» نى سىناق قىلغانلىقىنى ئاڭلىمىدۇق، دېگەن.






مەنبە:شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى
2010-يىلى11-مارت   2793-سان
 

 

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(37)
75.5%
دەسسەش
(12)
24.5%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !