سوئال سورايمەن

پېكىر بىرىمەن

دىتال يوللايمەن

ئۇچۇر يوللايمەن

ئەسەر يوللايمەن

خەۋەر يوللايمەن

كىرىش

تىزىملىتىش

ئەزا مەركىزى

سىزنىڭ ئورنىڭىز: ئالمىزار تور بېكىتى > خەۋەرلەر >

2012-يىلىدىكى قۇياش بورىنى

قۇشۇلغان ۋاقىت:2010-03-15 18:09مەنبە:ئىلى مۇنبىرى يازغۇچى:ئالمىزار زىيارەت سانى: قېتىم

سىنا تورىنىڭ خەۋىرى، ئەنگىلىيە «يېڭى ئالىم» تور بېتىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلگەن، قۇياش بورىنى- قۇياش دېغى ھەركىتى يوقىرى باسقۇچقا چىققاندىكى شىددەتلىك ھەركەت بولۇپ، ھەر 11 يىلدا بىر يوقىرى باسقۇچقا چىقىدۇ. ئامېرىكا ئالىملىرى ئاگاھلاندۇرۇپ 2012-يىلى يەر شارىنىڭ شىددەتلىك قۇياش بورىنىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى، بۇنىڭ بۇزغۇنچىلىق كۈچىنىڭ «كاتىرىنا» ناملىق قارا بوراندىنمۇ كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى،يەر شارىدىكى ئىنسانلارنىڭ بۇ  ئاپەتتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

كۈچلۈك قۇياش بورىنى 2012-يىلى قايتىدىن ھۇجۇم باشلايدۇ
    2012-يىلى 9-ئاينىڭ 22-كۈنىدىكى مەلۇم ئاخشام، ئامېرىكا مانخاتتۇن رايونىنىڭ كېچىدىكى ئاسمان گۈمبىزىدە ھەسەن-ھۈسەن كەبى  گۈزەل شولا پەيدا بولدى،كىشىلەرنىڭ  بۇ گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىشى ئۇزاققا بارمىدى، چىراقلار خىرەلىشىپ، 90 سىكونتتىن كېيىنلا ئامېرىكىنىڭ شەرقى قىسمىدا ئومۇمىيۈزلۈك توك توختىدى. بىر يىلدىن كېيىن مىليونلىغان كىشلەر ئۆلۈشكە باشلىدى، دۆلەتنىڭ ئاساسىي ئۇل-مۇئەسىسەلىرى كېرەكسىز نەرسىلەرگە ئايلىنىپ قالدى. دۇنيا بانكىسى ئامېرىكىنىڭ بىر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتكە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى جاكارلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ياۋروپا، جۇڭگو، ياپۇنىيەلەرمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاش تەغدىردىن قېچىپ قۇتۇلالمىدى. بۇ ئاپەت بىزدىن 150 مىليون كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قۇياشتىن يۈزىدىن يېتىپ كەلگەن كۈچلۈك بوراننىڭ تەسىرىدە يۈز بەرگەنىدى.
   يۇقىرىقى ھېكايە ئاڭلىماققا بىمەنە بىلىنىدۇ، ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا قۇياش بورىنى يەرشارىغا بۇنداق ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كەلمەيدۇ.ئامېرىكا ئالىملىرى 2009-يىلى 1-ئايدا بىر ئالاھىدە دوكىلاتتا، بۇ بالايى-ئاپەتنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنىڭ تامامەن مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ ئۆتتى.  بۇ تەتقىقات دوكىلاتىغا ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى مەبلەغ چىقارغانىكەن.  ئۆتكەن نەچچە ئون يىل جەريانىدا ئىنسانلار جەمىيىتى تەرەققىي قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۇنىڭغا ئۆزىنى ھالاك قىلىدىغان يوشۇرۇن خەتەرمۇ يوشۇرۇنغانىدى. ھازىرقى تۇرمۇشىمىز پۈتۈنلەي ھەرخىل زامانىۋى پەن-تېخنىكىغا تايانماقتا، ھازىر ئۆزىمىز بىلىپ بىلمەي خەتەر ئىچىدە ياشاۋاتىمىز. قۇياش يۈزىدىن پارتىلاپ چىققان تەڭ ئىئونلۇق ماددىلار بىزنىڭ ئېلىكتىر تور سېستىمىمىزنى ۋەيران قىلىپ ، بىزگە تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.ئامېرىكا كولورادو ئۇنۋىرىستىتىنىڭ  ئالەم كىلىماتى مۇتەخەسىسى دانېئىل . بېككىر مۇنداق دىدى:« بىز بۇ خىل ئاپەتكە بارغانسېرى يېقىنلاپ بېرىۋاتىمىز، ئەگەر ئىنسانلار يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بولغان قۇياش بورىنىغا بولغان تەييارلىقى تولۇق بولمىسا، قۇياش بورىنى ئىنسانلارنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش، يانفون سىگنالى، ھەتتا سۇ تەمىنلەش سېستىمىسىنى كاردىن چىقىرىشى مۇمكىن.»
   يەنە بەزى تەتقىقاتچىلارنىڭ بۇنىڭغا بولغان كۆز قارىشىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئۇلار ، قۇياش بورىنى ئاساسەن سىرتقى ئالەم بوشلۇقىدا بولىدۇ، يەرشارىنىڭ ماگنىت مەيدانى ۋە ئاتموسفىرا قەۋىتى بۇنىڭغا نىسبەتەن توساش رولىنى ئۆتەيدۇ، يەرشارىدىكىلەر بۇنىڭ روشەن تەسىرىگە ئۇچراپ كەتمەيدۇ، دەپ ھېساپلايدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە، قۇياش بورىنى جانلانغان مەزگىلىدە، قۇياش داغلىرى توختىماي كۆيۈش، پارتىلاش جەريانىدا چىقارغان زور مىقداردىكى ئۇلتىرا بىنەپشە نۇرى يەر شارى ئىئونۇسفىرا قەۋىتىدە كۆپىيىپ، قىسقا دولقۇن ئېنىرگىيىسىنى يىغىۋالىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن سىمسىز قىسقا دولقۇن ئالاقىسى تەسىرگە ئۇچىرايدۇ. كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىدىغان يانفون، بىر قىسىم سىمىسىز تېلگىراف  ئىئونۇسفىرا قەۋىتىدىن ئۆتمەيدۇ. شۇڭا يەر يۈزىدىكى سىمسىز تېلگىراف -ئالاقە  ئانچە تەسىرگە ئۇچىرىمايدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا قۇياش بورىنى يەر شارى ئاتموسفىراسى ۋە يەرماگنىت مەيدانىدىن ئۆتەلمەيدۇ، يەرشارىدىكى جانلىقلارغا ئەجەللىك تەھدىت ئېلىپ كېلەلمەيدۇ. بىراق 2012-يىلىدىكى قۇياش بورىنى بەلكىم بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولىشى مۇمكىن.

يەر شارىغا ئېغىر ئاپەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن.
   ئامېرىكا ئالىملىرى ئاگاھلاندۇرۇپ 2012-يىلىدىكى كۈچلۈك قۇياش بورىنى ئىنسانلارغا غايەت زور ئاپەت ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن، ئۇ ھازىرقى زامان جەمىيىتىنىڭ بۇلۇڭ-پۇشقاقلىرىغىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇخىل تەسىر «دومىننوچە تەسىر» شەكلىدە بولىشى مۇمكىن. پەرەز قىلىپ باقايلى، ئەگەر ئېلىكتىر تور سېستىمىسى ئاجىز ، تۇراقسىز بولسا، توك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ھەممە كەسىپلەر تەسىرگە ئۇچرايدۇ، مۇزلىتىش ئۈسكۈنلىرى توختايدۇ، مۇزلىتىش ئىسكىلاتلىرىدىكى يىمەكلىك ۋە دورىلار بۇزۇلىدۇ، سۇ پومپىلىرى ھەركەتتىن توختاپ ، ئاھالىلەر رايونىنى سۇ بىلەن تەمىنلەش تەس ئىش بولۇپ قالىدۇ، سۇنئىي ھەمرا سىگنالى ئۈزۈلگەچكە GPS ئورۇن بەلگىلەش سېستىمىسى ئەخلەتكە ئايلىنىپ قالىدۇ.يەر شارى سىملىق ۋە سىمسىز تېلگىراف ئۈسكۈنىلىرى بىلەن تولغاچقا، بۇ ئۈسكۈنىلەر قۇياش بورىنىنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.
   قۇياش بورىنى يەر شارىغا ھۇجۇم قىلغاندا ئىنسانلار ئىككى چوڭ مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ، بىرىنچىسى، ھازىرقى ئېلىكتىر تورى مەسىلىسى،ھازىرقى زامان ئېلىكتىر تورى قانچە يوقىرى بېسىم بولغانسېرى شۇنچە كەڭ رايوننى قاپلىيالايدۇ، بۇنىڭدائېلىكتىر تورىنىڭ ئۈنىمى يوقىرى بولۇپ، توك ئۇزۇتۇش جەريانىدىكى خوراشتىن ۋە ئېشىندى توكنى ئىسراپ قىلىشتىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئالەم ھاۋارايىنىڭ تەسىرىگىمۇ ناھايىتى ئاسان ئۇچىرايدۇ. بۇنداق ئەھۋالدا توك ئۇزۇتۇش تورى ناھايىتى ئاجىز ۋە تۇراقسىز بولۇپ قالىدۇ. بۇ تېخى دومىننوچە تەسىرنىڭ بىرىنچى قەدىمى ،ئاخىرىدا تېخى «قاتناش پالەچ ئورۇنغا چۈشۈپ قالىدۇ، ئۇچۇر-ئالاقە ئۈزۈلىدۇ، پۇل-مۇئامىلە ساھەسى گۇمران بولىدۇ، ئاممىۋى ئەسلىھەلەر قالايمىقان بولۇپ كېتىدۇ؛ سۇ پومپىلىرىنىڭ توختىشى بىلەن سۇبىلەن تەمىنلەش توختايدۇ،مۇزلىتىش ئۈسكۈنلىرى خىزمەتتىن توختايدۇ،يىمەكلىك ۋە دورىلارنى ساقلىغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەگەر كۈچلۈك قۇياش بورىنى تەسىرگە ئۇچرىسا ، ئىنسانلار جەمىيىتىگە ۋە ئىقتىسادىغا ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ، بىر يىلدىلا ئۇچرىغان زىيان 1~2 تىرىليون ئامېرىكا دوللىرىغىچە بولىدۇ، قايتا ئەسلىگە كېلىش ئۈچۈن 4~10 يىلغىچە ۋاقىت كېتىدۇ.
   ئىككىنچى مەسىلە، ئېلىكتىر تورىغا تايىنىدىغان كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا تايىنىدىغان ھەرخىل سېستىمىلاردىكى مەسىلە. مەسىلەن، سېسىق سۇ بىر تەرەپ قىلىش، سودا بازارلىرىنىڭ ئەشيا ئوبروتى مەسىلىسى، ئېلىكتىر ئىستانسىلىرىنى باشقۇرۇش مەسىلىسى،پۇل-مۇئامىلە بازىرى شۇنىڭدەك بارلىق توكقا تايىنىدىغان سېستىمىلاردىكى مەسىلىلەر. بۇنداق بولغاندا قانچە تەرەققىي تاپقان رايونلار شۇنچە ئاسان ھۇجۇمغا ئۇچرايدۇ.

ئىنسانلارنىڭ ئاپەتكە نىسبەتەن تەييارلىقى تولۇق ئەمەس
    يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى بولغان ئاپەتكە ئامېرىكا شۇنداقلا ئىنسانلار تېخى تولۇق تەييارلىق كۆرگىنى يوق. بېككىر مۇنداق دېدى:«زور كۆلەملىك قۇياش بورىنىنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىمالى ناھايىتى كىچىك بولغاچقا، ئىنسانلار تېخى بۇنى ئويلاپ كۆرگىنى يوق، ئۇلار پەقەت كۆز ئالدىدىكى ئىشلارغىلا كۆڭۈل بۆلىدۇ».  يەر شارى ھاۋارايىغا نىسبەتەن مېترولوگلار مەلۇم بىر بوران-چاپقۇننى ئىز قوغلاش كۆزىتىش ئارقىلىق كىشىلەرگە ۋاقتىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگىلى بولىدۇ. لېكىن ئالەم ھاۋارايى بۇنىڭغا ئوخشىمايدۇ.ھازىرغىچە تېخى قۇياش بورىنىنىڭ يۈز بېرىش ۋاقتى ۋە قانچىلىك دەرىجىدە ئىكەنلىكىدىن ئالدىن پەرەز قىلغىلى بولمايدۇ.ئەگەر شۇنداق بىر كۈچلۈك قۇياش بورىنىغا دۇچ كەلسەك بىزدە قىلچىلىك ئامال يوق.
   ئىنسانلار ھازىر پەقەت قۇياش دېغىنىڭ دەۋرىيگە قاراپ قۇياش بورىنىنىڭ كۈچلۈكلىكىگە ۋە يەر شارىغا بولغان تەسىرىگە ھۆكۈم قىلىدۇ. قۇياش دېغى دەۋرىي دىگەندە ھەر 11 يىل ئىچىدە قۇياش دېغىنىڭ كۆپىيىش ۋە ئازىيىش جەريانىنى كۆرسىتىدۇ. قۇياش دېغى كۆپەيگەندە قۇياش بورىنىمۇ كۈچلۈك بولىدۇ.
     ھازىر ئالىملار ئىلگىرىكى قۇياش دېغى ھەركىتىنىڭ مەلۇماتلىرىغا ئاساسەن ، قۇياشنىڭ ھەركەت مودىلىنى ياساپ چىقتى، بۇ ئاستىرونوملارنىڭ قۇياش دېغى ھەركىتىنى تەتقىق قىلىشىدا، ئالدىن مەلۇمات بېرىشىدە ياردىمى بولىدۇ. بۇخىل مودىلنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى 98% كە يېتىدىكەن.

(تەھرىرلىگۈچى:admin ئەسەر ئورتاقلاشقاندا مەنبەنى ئۇنۇتماڭ.)
ياخشى باھا
(46)
82.1%
دەسسەش
(10)
17.9%
------分隔线----------------------------
باھا سۆزى قالدۇرۇش
ئەدەپ ئەخلاق ئادەم زىننىتى، ئەخلاقسىزنىڭ يۇقتۇر قىممىتى.
باھالاش
ئىپادە:
ئابونېنت:پارول: دەلىللەش نومۇرى:点击我更换图片
يېڭى يوللانغان باھا بارلىق سۆزنى كۈرۈش>>
تەۋسىيەلىك خەۋەرلەر
ALMIZAR tor bikiti QQ:35389916
|    باش بەت |  ئالاقىلىشىڭ |  ئالمىزار ھەققىدە |  خىرىدارلىرىمىز |  ئېلان بېرىڭ |  بانكا ھىساۋاتى |  ئاستانە باغاقچىلىقى |  مۇلازىمەتلىرىمىز  |   ئالمىزار تور بېكىتى
بېكەت قۇرغۇچى ئورۇن :ئىلى ئالمىزار تور پەن - تېخنىكا  قۇرۇلۇش ئىشخانىسى   **  ئاستانە فلىم ئىشلەش، باغاق بېسىش خىزمەتخانىسى ** 
مەنزىل: ( ئىلى رايۇنى ) ئازاتلىق يولى 79 - نۇمۇر ( كونا 3 - ئورتا مەكتەپ يېنىدا )  ( ئۈرۈمچى ) 2 - داۋان 2 - كوچا 9 - نۇمۇر 1 -بېنا 4 - قەۋەت 401 - ئىشخانا
بېكەت  ئالاقە تىلفۇن نۇمۇرى : (  غۇلجا  ) 8044433 - 0999  ( ئۈرۈمچى ) 8837323 - 0991  13899934080 پوچتا نۇمۇرى  : 835000 
 بېكەت قۇرغۇچى QQ نۇمۇرى :   353898916  بېكەت  QQ  توپى : 49424386  مۇنبەر  QQ  توپى :  24551135  EMIL:  almizar@sohu.com
 

新疆伊宁苹果园维吾尔人第一门户网站
联系电话:0999-8044433  0991 - 8837323
伊犁:新疆伊宁市解放路79号 - 老三中旁面
联系手机:  13899934080
网站制作:新疆伊犁苹果园网站
 电信与信息服务业务经营许可证     新ICP备10001892号Copyright©2003 - 2009  All Rights Reserved

ئەزىزقېرىنداشلار ، ئالمىزار تور بېكىتىمىز كەڭ تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىۋىگە ئاساسەن قايتىدىن ئۆزگەرتىلىپ رەسمى ئېچىۋېتىلدى ،تور بېكىتىمىز ئۇنۋىرىساللىقنى ئاساس،كۈڭۈل ئېچىشنى قۇشۇمچە قىلغان تور بېكەت بۇلۇپ ، تور بېكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى سەھىپىللىرىگە قېتىلغان مەزمۇنلار توردىن يېغىۋېلىنغان ، ئەگەر سىزنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ ھوقۇقىغا دەخلى يەتكۈزىدىغان مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز! بىز
ئەڭ تىز سۇرئەتتە مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى تور بىكەتتىن ئۈچۈرىۋېتىمىز !