خەلق گېزىتىنىڭ 26-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. مۇخبىرنىڭ مائارىپ مىنىستىرلىكىنىڭ 26-مايدىكى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگەللىشىچە، ئالدىنقى ئۈچ يىلدا مائارىپ مىنىستىرلىكىگە بىۋاستە قاراشلىق 6 پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتى 34 مىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغان بولۇپ، ئوقۇغۇچىلار ئاكتىپ تىزىملاتقان، ئوقۇغۇچىلار مەنبەسى ئەلالاشقان، پىداگوكىكا ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىغان ھەقىسز ئوقۇيدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسى ئۆلكە نۇقتىلىق مەكتەپ نومۇر چېكىدىن 40 نومۇر ئاشقان. |