چىن تۆمۈر باتۇرنىڭ شەھەرگە كىرىشى (فېليەتون) ئەخمەتجان ئابدۇللا
بىر كۈنى چىن تۆمۈر باتۇر ئارغىماق ئېتىغا مېنىپتۇ - دە ، جانىۋارلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ شەھەر كۆرۈپ چىقىش ئويىدا سەپەرگە ئاتلىنىپتۇ. لېكىن ، شەھەردە ئىش ئۇنىڭ ئويىدىكىدەك بولماپتۇ . ئۇ ئەمدىلا شەھەرگە كىرىپ ئېتىنى چاپتۇرۇپ كېتىۋاتسا ، بىلىگە قىزىل لاتا چىگىۋالغان ناتونۇش بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپتۇ . |