ھازىرقى ئورنىڭىز: باش بەت >> سىياسىي- نەزەرىيە >> تەپسىلاتى

ھالقىما تەرەققىياتتا ئىختىساسلىقلار ئاساس

     ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئېلان قىلغان ‹‹شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات پىلانى پىروگراممىسى (2010 – 2020)››دا، ئاپتونوم رايوننىڭ 2020 – يىلىغىچە بولغان ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك نىشانى، ئاساسىي تەلىپى، ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە مۇھىم تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇ، ئاپتونوم رايوننىڭ تۇنجى ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىرىك پىلانى، شۇنداقلا ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئىلمىي ھالقىشقا تۈرتكە بولۇپ، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنىڭ ھەرىكەت پىروگراممىسى. بۇ پىلاننى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇش ‹‹شىنجاڭنى يەنىمۇ مۇقىملاشتۇرۇش، گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بېيىتىپ، چېگرانى مۇستەھكەملەش››تىن ئىبارەت ئومۇمىي ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت بەرپا قىلىش كۈرەش نىشانىغا يېتىشتە مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكەئىگە.

     ئىختىساسلىقلار بايلىقى بىرىنچى بايلىق، شۇنداقلا تەرەققىيات ۋە ھالقىشنىڭ ئاساسى. قانداق ئىختىساسلىقلار بايلىقىغا ئىگە بولۇش، ئاپتونوم رايونىمىز تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلەيدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، بولۇپمۇ غەربىي رايوننى كەڭ ئېچىش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشتى، لېكىن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ئومۇمىيىتى ۋە يىراق كەلگۈسىدىن قارىغاندا، پەرق يەنىلا چوڭ، بولۇپمۇ بايلىق ئېچىش، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشكە ماس كېلىدىغان ئالىي ئىختىساسلىقلار، ئۇنىۋېرسال ئىختىساسلىقلار، ئەمەلىي ئىختىساسلىقلار، كەسپىي ئىختىساسلىقلار ۋە يېڭىلىق يارىتىشچان ئىختىساسلىقلار كەم بولۇش، ئىختىساسلىقلارنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە كىرگۈزۈش تەس بولۇش مەسىلىسى ھېلىھەم تۈپتىن ئۆزگەرتىلگىنى يوق، ‹‹ئىختىساسلىقلار كىرىزىسى›› تەرەققىياتنى چۈشەيدىغان مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇش ۋە ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ئاپتونوم رايوننى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىستراتېگىيەسىنى تېخىمۇ ياخشى يولغا قويۇشتا مەۋقەنى رايون ئەھۋالىغا قارىتىپ، يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپىگە لايىقلىشىپ ۋە يېڭى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئىلمىي ھالقىش ۋە كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىشنى تېزدىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەملىكەت ئىچى – سىرتىدىكى كۈنسايىن كەسكىنلىشىۋاتقان ئىختىساسلىقلار رىقابىتىدە تەشەببۇسكارلىقنى قولغا كەلتۈرۈپ، كەلگۈسى تەرەققىياتئىستراتېگىيەسىدە يۇقىرى پەللىنى ئىگىلەش مۇقەررەر تاللاش.

     كەلگۈسى ئون يىل، شىنجاڭنىڭ كەڭ كۆلەمدە قۇرۇش، كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت مەزگىلى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىدىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ‹‹ھالقىما تەرەققىي قىلىش، ئىختىساسلىقلارنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، سېلىنمىنى ئاشۇرۇش، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش، ئىشلىتىشنى ئاساس قىلىش، ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇش، شىنجاڭغا ياردەم، مەدەت بېرىش، ئومۇميۈزلۈك ئېچىش››تىن ئىبارەت ئاساسىي تەلەپنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ھالقىما تەرەققىياتقا مۇلازىمەت قىلىشنى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بېكىتىش؛ ئادەم كۈچى، كاپىتال سېلىنما نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ، كۆپ مەنبەلىك ئىختىساسلىقلار سېلىنما مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىختىساسلىقلار بىلەن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش؛ ئىختىساسلىقلارنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشنى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى قىلىپ، ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە – مېخانىزمدىكى توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش قىزغىنلىقى ۋە ئىجادىيەت كۈچىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاش؛ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى پائال جارى قىلدۇرۇپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش بىلەن شىنجاڭلىق ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش، جەلپ قىلىش، ئىشلىتىش قاتارلىق ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتى بىلەن ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىدا ھازىر ساقلىنىۋاتقان گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى توغرا تېپىپ ۋە ھەل قىلىپ، مۇھىم ئىختىساسلىقلار سىياسىتى ۋە نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا زور بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك.

     ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى. ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىسى ئاساسىدا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى تەدبىرىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ ۋە كۈچەپ تەشۋىق قىلىپ، ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش؛ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە نازارەت قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، دەرىجە بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، بىرمۇ بىر ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش؛ ئەمەلىيەتكە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئۆز رايونى، ئۆز كەسىپ سىستېمىسى ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلان سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈش؛ پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتكومنىڭ بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى مۇكەممەللەشتۈرىدىغان، تەشكىلات تارماقلىرى باش بولۇپ تۇتىدىغان، ئالاقىدار تارماقلار مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدىغان، زىچ ھەمكارلىشىدىغان، ئىجتىمائىي كۈچلەر كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىدىغان ئىختىساسلىقلار خىزمىتى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇشىنىڭ ئىلمىيلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈش كېرەك.

     شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش پىلانىنىڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئىختىساسلىقلارنىڭ ماھارىتىنى نامايان قىلىپ، ئىگىلىك تىكلەش سەھنىسى تېخىمۇ كېڭىيىدۇ. ئىلمىي ھالقىش، كېيىن تەرەققىي قىلىپ ئېشىپ كېتىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە تېخىمۇ چوڭ رول ئويناپ، ھەممە كىشى ئىختىساسلىقلاردىن بولالايدىغان، ئىختىساسلىقلار تەرەققىي قىلالايدىغان، ھەممە كىشى تۆھپە قوشالايدىغان ناھايىتى ياخشى ۋەزىيەت شەكىللىنىدۇ، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى ۋە ئەقلىي مەدەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك نىشانغا چوقۇم يېتەلەيمىز.

 

无觅相关文章插件,快速提升流量

Smilie Vote is loading.
【ئالدىنقى يازما】
【كىيىنكى يازما】

تورداشلا تېخى باھا يازمىدى ئىنكاس يىزىپ ئىزىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ

مەن قارىشىمنى دەپ باقاي: