نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) تارقىتىلدى

[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ھازىر رەسمىي تارقىتىلدى، تۆۋەندىكى ئۇيغۇرسوفت ئىملا تورىنى زىيارەت قىلىڭ.
 
IMLA-ELAN
http://imla.uighursoft.com
 
(سىغىمى: 1.84 مېگابايت)
 
 

بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى بۇ ئۇلانمىدىكى مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ. ../?p=4218

ئىشلىتىش داۋامىدا يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلسىڭىز، كېيىنكى نەشرىدە تۈزىتىۋېلىشىمىز ئۈچۈن مۇشۇ يەردە ئىنكاس قالدۇرۇڭ، رەھمەت. بۇ يۇمشاق دېتال ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز، ئەلۋەتتە مۇشۇ يەردە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى alim.ahat@gmail.com غا خەت ئەۋەتىڭ.

ئۇيغۇرسوفت شىركىتى 2014-يىل دېكابىر

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
402 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئىلگىرى مەخسۇس مەتبەئەدە ئىشلىتدىغان 书林 دەپ بىر سېستىما چىققانتى ، ئۇيغۇرچە خەت نۇسخىسى بەك چىرايلىق ئىدى، ئېسىمدە قېلىشىچە win2000غا قاچىلاپ بىر ئىشلىتىپ باققىنىم ئېسىمدە كيىنچە ئىزدېرەكسىزلا يوقاپ كەتتى. شۇنىڭ خەت نۇسخىسىنى ھازىرقى يۇنىكود ئۆلچىمىگە چۈشۈرۈپ قايتا بىر ئىشلەنسە قانداق بولار؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 22:06
  • «ۋاي…ۋاي…ۋاي…، بۇ دېتالنى ئەجا—يىپ ياخشى ياساپسىز، ‹باشقىلار›نىڭ قىلىپ بەرگىنىدىن، يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ ئۇستازلىرىنىڭ ياسىغىنى ياخشى ئوخشايدۇ، سىزگە رەھمە—ت…، ئەجا—يىپ ياخشى ياساپسىز». چاقچاق دىگەننى دەھشەت كەلتۈرىسىزدە، ئېلاننى كەلتۈرۈپ چاقچاق قىلىپتىكەنسىز مۇئەللىم، سىزنى ئازراق بولسىمۇ كۈلۈپ تاشلىسا، ئازراق ھاردۇقى چىقىشقا ياردىمى بولار دەپ مەنمۇ چاقچاق قىلىپ قويدۇم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 21:45
  • بۇ يازمىغا ئوت كېتىپتۇ!! ئالىم مۇئەللىم نۇرغۇن سوئاللارغا جاۋاپ يازىمەن، خاتالىق ئوڭشايمەن دەپ ما نەچچە كۈندە تازا چارچىغاندەك تۇرىسىز. يازمىغا مۇناسىۋەتسىز بىر سوئالنى سورىۋالسام.
    ئەلكاتىپنىڭ گېزىت،كىتاب،تور،گېزىت توم،كىتاب توم ۋە تور توم قاتارلىق خەت نۇسخىلىرى قانداق ئۆلچەم ئاساسىدا بارلىققا كەلگەن؟ ياكى مۇنداقچە ئېيتقاندا نېمە ئۈچۈن شۇ خەت نۇسخىلىرى شۇ ئوبېكىتقا( يەنى گېزىت، كىتاب ۋە تورغا )ماس كېلىدۇ دەپ تۇرۇپ شۇنداق بېكىتىلگەن؟ شۇ خەت نۇسخىلىرىنى كىملەر ياسىغان؟
    رەھمەت، ھارمىغايسىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 19:13
    • ھازىر بىلوگىم ھېلىقى ئېلاندەك بولۇپ قالدى.
      ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچنى ئاز-ئازدىن چۈشۈرۈڭ،
      كۆپرەك چۈشۈرسەكچۇ؟ ئالىم ئەھەت بىلوگىمغا ئوت كېتىدۇ.

      ئىلگىرى دىيارىمىزدىكى گېزىت-ژۇرناللار بېيدا فاڭجېڭ، خۇاگۇاڭ، سەنلى،…قاتارلىق MS-DOS مۇھىتىدىكى بەت ياساش يۇمشاق دېتاللىرىنى ئىشلەتكەن. مەن بۇ يۇمشاق دېتاللاردا بېسىلغان گېزىت-ژۇرناللارغا ئاساسەن Windows مۇھتىدا بۇ خەت نۇسخىسىنىڭ بىرنەچچىسىنى ئۆزلەشتۈرۈپ چىقتىم يەنە لاتىنچە ئىپادىلەشتە چاتاق چىقمايدىغان ئىسىملارنى تاللاپ قويغان ئىدىم، مەسىلەن: Basma, Gezit,…. دېگەندەك. يەنىلا ئۆزىمىز تۇزى تەمىنى تەڭشەپ تەييارلاپ ياساپ چىققان ALKATIP, ALKATIP Tor دېگەنلەر كەڭرى ئىشلىتىلمەكتە.

      شۇنداق، بۇ نەچچە كۈندە بەك چارچاپ كەتتىم، شۇڭا يېرىم كۈن ئىشخانىغا چىقمىدىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 20:10
  • 1.0.0.43نەشىرى بەك ياخشى چىقىپتۇ، ئالىم مۇئەللىم. ھەممە ئىقتىدارلىرى نورمال ئىشلەۋاتىدۇ.جاپا چەكتىڭىز،ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
    ئۇيغۇر سوفىت يۇمشاق دېتال شىركىدىدىكى بارلىق ئىشچى خىزمەتچىلەرگە رەھمەت قولىرىڭلارغا دەت بەرمىسۇن .تېخىمۇ ياشناپ كېتىڭلار.
    win8.1دە سىنالدى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 17:43
  • سىز قالدۇرغىنى 43 كەن ، لېكىن مەن ئۆزىدىن يېڭىلاشنى باسسام 41 نىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ يېڭىسى دەيدا ؟ .
    ——————-
    قوشۇمچە قىلىپ قوياي، مەن يېڭى ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ ھازىرغىچە نورمال ئىشىلىتىپ كېلىۋاتىمەن، ھېچقانداق نورمالسىزلىق يوق. ئىشلىتىۋاتقان سىسىتېما 8. 1 64 بىتلىق كەسپىي نۇسخا

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 16:53
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ! بۇ دىتالنى يېڭىلاپ قايتا ئاچسام كىرىش دىگەن يەر قارا ھالەتتە جىم تۇردۇ . نەچچەكۈندىن بۇيان نۇرمالتى يېڭىلىغاندىن كىين مۇشۇنداق تورۋالدىغان بۇلۇپ قالدى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 13:39
  • ھازىرچە ۋىندوۋس ئېكىس پى دا بۇ دېتالغا كىرەلمىگەن بولساممۇ، لېكىن ئەزا بولۇش ئىقتىدارى نورمال ئىكەن. چۈنكى ئالدىنقى كۈنى تىزىملاتقان ئەزالىق نامىمنى بۈگۈن يېڭىدىن تىزىملىتىپ تەكشۈرۈپ باقسام، بۇ نام مەۋجۇت دەپ ئەسكەرتىش چىقىۋالدى. ئەمدىكى گەپ ئېكىس پى دا نورمال ئىشلەيدىغان بولۇپ كەتسە بەك بەلەن بولۇپ كېتەتتى-دە!

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى am 11:46
    • قېنى ئاۋۋال مۇھىم ئىقتىدارلىرىنى تولۇقلىۋېتىپ، ئاندىن Windows XP دىكى ئويلىشىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 12:11
    • بۈگۈن چۈشتە يېڭىلانغان ئەڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرۈۋېلىڭ. Windows XP نى ئىشلىتىۋاتقان بولسىڭىز، بۇ دېتالنى چۈشۈرمەڭ. بۇ دېتال پەقەت Windows 7/8/8.1/10 نى قوللايدۇ.

      چۈشۈرۈش ئادرېسى:
      http://www.uighursoft.com/download/Uighursoft_IMLA_Setup_1.0.0.43.zip

      ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ نەشرى: 1.0.0.43 (ئەسكەرتىش: كومپيۇتېرىڭىزدىكى ۋىرۇسخورلارنى ئارام ئالدۇرۇپ ئاندىن قاچىلاڭ. ۋىرۇسخور بۇ پىروگراممىنى توسۇۋالسا، ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ ئىشەنچ رايونىغا ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ).
      ناۋادا بىزگە (بۇ دېتالدا ۋىرۇس يوقلىقىغا) ئىشەنسىڭىز، چۈشۈرۈپ ئىشلىتىڭ. ياق 360 بار ئىدى، ئۇنداق قىلالمايمەن دېسىڭىز، ئۇنداقتا 360 نىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەنگە قەدەر ساقلاپ تۇرۇڭ، بۇنىڭغا 1-2 كۈن كېتىدۇ. ھەرگىزمۇ 360 ۋىرۇسخورى يەنە توسۇۋالدى دېگەن گەپنى تەكرارلاپ يۈرمەڭ، رەھمەت. كىتاب ئوقۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرەيلى.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 12:58
  • ئالىمكا ، ئەمدى دېمىسەم بولمىدى، بۇ دېتال چىققاندىن بېرى سىز يوللىغان ھەممە نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاپ باقتىم. ئىشلىتىۋاتقىنىم win8.1 32 bit لىق سىستېما. دەسلەپتە يېڭى چىققاندا كۆكلەن بلوگىدا دېيىلگىنى بويىچە قىلساممۇ دېتال ئېچىلمىدى. كېيىن ئۇ ئىككى قىستۇرمىنى سىز يېڭى نەشرىگە قوشۇپ قويۇپسىز، بۇنىڭدىن خۇش بولۇپ يېڭى نەشرىنى قاچىلىساممۇ يەنە ئېچىلمىدى. دېتال نورمال قاچىلىنىدۇ. لېكىن قوش چەكسەم جىمجىت. يا بىرەر خاتالىق ئۇچۇرى چىقمايدۇ.
    vs2013 نى قاچىلىغاندا net4.5.1 نىڭ ئەڭ يېڭى نەشرىنى ئاپتوماتىك قاچىلاپ قويۇپتىكەن. شۇنىڭ ئىشىمىكىن دېسەم ھېچ ئۇنداق ئەمەستەك. باشقا دېتاللار نورمال ئىجرا بولىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى am 09:52
    • 1.0.0.41 نەشرىنى قاچىلىسىڭىز، Windows 8/ 8.1/10 دىمۇ ئىنتايىن نورمال ئىشلەيدۇ، ھەممە نەرسىنى تەييار قىلىپ قاچىلايدۇ.

      http://imla.uighursoft.com/ug-CN/
      بۇ يەردىن ئەڭ يېڭى نەشرىنى چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.

      ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ نەشرى: 1.0.0.41 (ئەسكەرتىش: كومپيۇتېرىڭىزدىكى ۋىرۇسخورلارنى ئارام ئالدۇرۇپ ئاندىن قاچىلاڭ. ۋىرۇسخور بۇ پىروگراممىنى توسۇۋالسا، ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ ئىشەنچ رايونىغا ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ).

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 12:12
  • بىر تەكلىپ :كۆرۈنمە يۈزى باشقىچە لايىھەلەنسە

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى am 09:05
  • ناھايىتى ئوبدان ئىشتىن بىرنى ئىنكاس قىلىپسىز، مەن ئەمدى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئامبار باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشسام بولغۇدەك، يەنى سىلەر خالىغانچە ئۆزۈڭلارنىڭ ئامبىرىنى قوشالايسىلەر، چىقىرىۋېتەلەيسىلەر،…دېگەندەك.
    ========
    ئۇنداقتا تېخىمۇ ياخشى، رەھمەت مۇئەللىم، بىز ئويلىغاننىڭ ھەمممىنى قىلىپ بېرىۋاتىسىز، ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن.

    تېنىڭىز سالامەت، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى am 00:28
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ؟
    ئېغىر بىر مەسىلە بايقالدى ، ما 360 ۋىروسخورى دىگەن ئاداش بۇ دىتالنى ۋىروس دەپ تونىۋىلىۋاتىدۇ ، باكا ئۆچۈرىۋىتىمەن كومپىيۇتىرىمدىن ! ئالاقىلىشىپ باقىدىغان ئىشمۇ يا !
    سىزگە ئېلخەتتە ئىسپات سۈرىتىنى ئەۋەتىپ بىرەي !

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى am 00:23
    • بۇ يىل كىتاب ئوقۇشنى ئادەتكە ئايلاندۇرايلى دېسە نېمە دەيدىكىن دەپتىمەن، مەنمۇ شۇنى تەۋسىيە قىلماقچى يۇمشاق دېتال قاچىلىغاندا چۈشەندۈرۈشلەرنى ئوبدان ئوقۇشقا ئادەتلىنىڭ،

      ئۇيغۇرسوفت ئىملا تەكشۈرگۈچ نەشرى: 1.0.0.41 (ئەسكەرتىش: كومپيۇتېرىڭىزدىكى ۋىرۇسخورلارنى ئارام ئالدۇرۇپ ئاندىن قاچىلاڭ. ۋىرۇسخور بۇ پىروگراممىنى توسۇۋالسا، ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىپ ئىشەنچ رايونىغا ساقلاپ قويسىڭىز بولىدۇ).

      360 دېگەن ئۆزى بىلەلمىگەن كۆرۈپ باقمىغان يېڭى دېتال بولسا قاراقويۇق ۋىرۇس دەپ تۇرىۋالىدۇ، خۇددىي بىزنىڭ كوررېكتورمۇ تەكشۈرمەكچى بولغان سۆز ئامباردا بولمىسا لۇغەتتە يوق (گۇمانلىق سۆز) دېگەندەك، شۇڭا ئەڭ ياخشىسى ئۇنداق 360 دېگەن نەرسىنى ئارام ئالدۇرۇپ قاچىلاڭ ياكى كومپيۇتېرىڭىزدىن بىردەم بولسىمۇ ئۆچۈرۈپ تاشلاڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 12:16
  • يەنە بىر مەسىلە، مەن ئۇيغۇرچە ئىسىم بىلەن تىزىملاتقان ئىدىم، دېتالدىن چىكىنىپ قايتا كىرسەم ئەزالىق نامىمنىڭ ئورنىدا سۇراق بەلگىسى چىقىۋالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەزالىق نامىمنى قايتا كىرگۈزۈشكە مەجبۇر بولدۇم، ئەمما پارولنى قايتا كىرگۈزمىسەممۇ نورمال كىرىۋاتىدۇ، پارولنى ساقلىمىسا قانداق (مىنىڭچە).
    =========
    يېڭى نەشرىدە پارولنى ساقلاش ئىقتىدارى بار ئىدى، شۇڭا سورىمايلا كىرىپ كەتكەن ئوخشايدۇ، بۇ پىروگرامما تۇرۇۋاتقان قىسقۇچتا settings.ini دەپ بىر ھۆججەت بار، شۇ يەرگە ساقلاپ بېرىدۇ، بىر قاراپ بېقىڭ.
    =====
    شۇنداقكەن، شۇ يەردە ساقلىنىدىكەن. قانداق قىلسام ساقلىمايدىغان قىلالايمەن؟ ئۇيغۇرچە ئىسىم ئورنىغا سوراق بەلگىسى چىقىۋالغان ئىشنىچۇ؟
    كەچۈرڭ، بىلىمسىزلىكىمدىن سىزنى ئاۋارە قىلدىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 23:58
  • يەنە بىر تەكلىپ ئالىم مۇئەللىم ! ئۆتكەن يېلى سىلنىڭ ئاچقان سىنىپلىرغا ئۇقۇيمەن دەپ بارغان ۋاقىتتا ئۇيغۇرسوفتنىڭ سېتىش بۆلىمدە بىر بالنى ئۇچقاتقان ، ئىسمى ئابدۇكىرەمغۇ دەيمەن ئىسىمدە قىلىشچە ، شۇبالا بۇ ئىملا توغرۇلۇق خىلى جىق نەرسىلارنى قىپتىكەن ،مۇمكىن بولسا شۇبالىمۇ مۇشۇ سىلنىڭ گۇرپىغا قىتلسا ياخشى بۇلاتتى . ئۇبالا .netدىگەننى خىلى ئۇيناپ قۇيدىكەن ، بىزنىڭ دوختۇرخاننىڭ كىسەللىك تارىخى يازدىغان سىستېمنىمۇ شۇبالا تۈزۈپتىكەن . بىز شۇنى ئىشلىتىۋاتىمىز، شۇبالا ئەينىۋاقىتتا بۇ سىستېىمغا ئىملا ئىقتىدارنى قاتماقچى ئىكەنتۇق ، سۆزلۇق مىقداى بەك ئاز بۇ ھەقتە ئۇيغۇرسوفىتتىكى ئالىم كام بىلەن دىيىشسەك بۇلاتتى دەپ شۇنداق دىگەن . شۇڭا مەن يۇقارى ئىنكاستا ئۇلاش ئىغزى بولسا دەپ يازغان ئىدىم .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 23:56
  • بايا يازغان ئىنكاسىمنى بىر توغرىلاپ باققانتىم، لۇغەتكە قوشۇشنى باسىمەن دەپ ئاپتۇماتىك لۇغەتكە قوشۇشنى بېسىۋېتىپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن نەشىردە دىگەن سۆزنى داۋاملىق نەزىردە دەپ ئۆزگەرتىپ تۇرىۋالدى، بۇنى قانداق قىلىپ توغرىلىيالايمەن؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 23:41
    • ناھايىتى ئوبدان ئىشتىن بىرنى ئىنكاس قىلىپسىز، مەن ئەمدى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئامبار باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى قوشسام بولغۇدەك، يەنى سىلەر خالىغانچە ئۆزۈڭلارنىڭ ئامبىرىنى قوشالايسىلەر، چىقىرىۋېتەلەيسىلەر،…دېگەندەك.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى am 00:18
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ! سىلىگە بىر تەكلىپىم ، مۇشۇ دېتالنى ئىككىنچى تەرەپ تۈزىگەن دىتالارغىمۇ قوشۇپ ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىر ئۇلاش ئېغزى ياكى dllھۆججەت بولسا تەمىنلەپ بەرسىلە ، (ئەلۋەتتە تورغا ئۇلانغان شارائىتتا سىلىنىڭ مۇلازىمىتېرغا ئۇلۇنۇپ ئىچىلدىغان بولسا بولىدۇ ). RICHTEXTئىشلىتىپ تۈزىگەن دىتاللا بولسا شۇنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ ئىملا توغرىلايدىغان قىلۋالساق ، مەسىلەن
    دوختۇرخانلاردا كېسەللىك تارىخى يېزىشتا . دېگەندەك ئىشلاردا پايدىلانساق .
    ئۇيغۇر سوفىت ئىملا دىتالىدا توغۇرلاندى .

    يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنى pm 23:24
    • ناھايىتى توغرا دەپسىز، ئەلۋەتتە شۇنداق قىلىش كېرەك، مەن ئۇزۇنغا قالماي باشقىلار تور بېكەتلىرىدە بىزنىڭ ئىملا تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى قانداق ئىشلىتىدۇ؟ ئۆزلىرى يازغان RichText لاردا قانداق ئىشلىتىدۇ؟ …دېگەنلەرنى ئېچىۋېتىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2015-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى am 00:21