ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) تارقىتىلدى
[ IT خەۋەرلىرى، ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئەسسالامۇئەلەيكۇم كۆپچىلىك، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ھازىر رەسمىي تارقىتىلدى، تۆۋەندىكى ئۇيغۇرسوفت ئىملا تورىنى زىيارەت قىلىڭ.
http://imla.uighursoft.com
(سىغىمى: 1.84 مېگابايت)
بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىشلىتىشنى باشلاشتىن ئىلگىرى بۇ ئۇلانمىدىكى مەزمۇنلارنى ئەستايىدىل ئوقۇڭ. ../?p=4218
ئىشلىتىش داۋامىدا يېڭى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلسىڭىز، كېيىنكى نەشرىدە تۈزىتىۋېلىشىمىز ئۈچۈن مۇشۇ يەردە ئىنكاس قالدۇرۇڭ، رەھمەت. بۇ يۇمشاق دېتال ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بەرمەكچى بولسىڭىز، ئەلۋەتتە مۇشۇ يەردە ئىنكاس قالدۇرۇڭ ياكى alim.ahat@gmail.com غا خەت ئەۋەتىڭ.
ئۇيغۇرسوفت شىركىتى 2014-يىل دېكابىر
يازما ئۇچۇرلىرى
- يازما كۆرۈلۈشى: 66,237 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى am 9:45
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەتە تارقىتىلىدۇ.
- كېيىنكى يازما :PROS AND CONS OF NUCLEAR Power
تېخىمۇ كۆپ
411 پارچە باھا يېزىلدى
كورىكتورنى كومپيوتېر غوجىدارى ۋىروس دەپ تۇنۋېلىۋاتدۇ قانداق قىلسام بولدۇ
بىزگە ئىشىنەمسىز ياكى ئاۋۇ غوجىدارغا؟ بۇ سىزگە باغلىق ئىش ئىكەن، مېنىڭ جاۋاب بېرىشىمنىڭ ئورنى يوق
مىنىڭ كومپىيۇتىرىمدا ئىملا تەكشۈرگۈچ نۇرمال قوزغالمىدى.ئېشېش ھۆججىتى خاتالىقى دەپ خەت چىقتى
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەلىم ئالدى بىلەن سىلەرنىڭ ئۇيغۇر سوفىت كوررېكتورىنىڭ ھەقسىز تەمىنلىگىنىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن.
مەن بۈگۈن ئۇيغۇر سوفىت كوررېكتورىنى چۈشۈرۈش WindowsXP مەشخۇلات سېستىمىسىغا قاچىلاپ پىروگراممىنى ئىجرا قىلسام سېستىدىنmscoree.dll ھۆججىتى تېپىلمىدى،پىروگراممىنى قايتا قاچىلاپ ئىجرا قىلىڭ دەپ ئۇچۇر چىقىۋالدى،شۇنىڭ بىلەن مەن mscoree.dll ھۆججىتىنى توردىن چۈشۈرۈش مەشخۇلات سېستىمىسىنىڭ C:\WINDOWS\system32 مۇندەرىجىسى ئاستىدا قاچىلىدىم،لېكىن يەنە 应用程序正常初始化失败 دەپ ئۇچۇر چىقىۋېلىپ ئۇيغۇر سوفىت كوررېكتورى ئېچىلمىدى،شۇڭا قانداق قىلىشىمنى بىلەلمەي سىلەردىن ياردەم سوراشنى توغرا تاپتىم،ياردەم قىلساڭلار رەھمەت
توردىن microsoft net frame work 4.0 نى چۈشۈرۈپ قاچىلىسىڭىز ئوڭشىلىدۇ، پېتىغدىۋەتكەن ئەلالاشتۇرۇلغان win xp دىن يىراق تۇرۇڭ
بۇ ئىملاچىنى تارقاتقان ۋاقىتتا قاچىلىغاندا نۇرمال ئىدى. بۇ يېقىندىن نۇرمال قوزغىلىدۇ، لېكىن، نۇرمال تەكشۈرەلمەيدۇ. تەييار تېكىستنى چاپلاپ تەكشۈرتكەندە، «ئە» ھەرپىنى تەكشۈرەلمەيدۇ، ئەسلىدىكى توغرا خەتتىكى «ئە» ھەرپىنى بايقىمايۋاتىدۇ. مەسىلەن، «مەكتىپىمىز» دېگەن سۆزنى خاتا چىقىرىپ، توغرىلاش كۆزنىكىدە «مكتىپىمىز» دەپ كۆرۈنىدۇ، ئالماشتۇرىدىغان سۆزگە «مېتىلىمىز» دەپ چىقىدۇ. ئاندىن يەنە بىرەر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئالدىنقى سۆز بىلەن كېيىنكى سۆزنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنى قوشۇپ بىر سۆز قىلىپ تەكشۈرۈپ، توغرا سۆزنى خاتالاشتۇرۇپ قويىۋاتىدۇ. ئىشلەتكىنىم ۋىندوۋس سەككىزنىڭ ھەقىقىي نۇسخىسى بولۇپ، 8.1 گە يېڭىلانغان. يوقىرىدىكى كاشىلا نېمە ئۈچۈن يۈز بېرىدۇ؟ قانداق ھەل قىلىمىز؟
(ئۈستىدىكى ئىنكاس خاتا بولۇپ قاپتۇ.)
ئۆزىڭىز خاتا سۆزلەرنى ئامبارغا قوشۇپ قويۇپسىز، ئۇنى ھازىرچە چىقىرىۋېتەلمەيسىز، باشقا نامدا تىزىملىتىپ، ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ
بۇ ئىملاچىنى تارقاتقان ۋاقىتتا قاچىلىغاندا نۇرمال ئىدى. بۇ يېقىندىن نۇرمال قوزغىلىدۇ، لېكىن، نۇرمال تەكشۈرەلمەيدۇ. يەنى، «ئە» ھەرپىنى تەكشۈرەلمەيدۇ، ئەسلىدىكى توغرا خەتتىكى «ئە» ھەرپىنى بايقىمايۋاتىدۇ. مەسىلەن، «مەكتەپ» دېگەن سۆزنى خاتا چىقىرىپ، توغرىلاش كۆزنىكىدە «مكتىپىمىز» دەپ كۆرۈنىدۇ، ئالماشتۇرىدىغان سۆزگە «مېتىلىمىز» دەپ چىقىدۇ. ئاندىن يەنە بىرەر قۇر تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئالدىنقى سۆز بىلەن كېيىنكى سۆزنىڭ مەلۇم قىسىملىرىنى قوشۇپ بىر سۆز قىلىپ تەكشۈرۈپ، توغرا سۆزنى خاتالاشتۇرۇپ قويىۋاتىدۇ. ئىشلەتكىنىم ۋىندوۋس سەككىزنىڭ ھەقىقىي نۇسخىسى بولۇپ، 8.1 گە يېڭىلانغان. يوقىرىدىكى كاشىلا نېمە ئۈچۈن يۈز بېرىدۇ؟ قانداق ھەل قىلىمىز؟
ئالىم مۇئەللىم بايامقى مەسلىنى ھەل قىلالىدىم. ئەسلىدە مەن Word ھۆججىتىدىكى ئەسلىدىكى ماتىرياللارنى يۇيىۋەتمەي تەھرىرلىگەن ھۆججەتلەرنى ئۈستىگىلا چاپلاپتىم مۇشۇنداق مەسلە كىلىپ چىقىپتۇ، ئەگەر ئەسلىدىكى ھۆججەتلەرنى تولۇق تازلىۋىتىپ ئاندىن، تەھرىرلىگەن يازمىنى چاپلىساق ئۇنداق سېرىق بەلگە چىقىۋالمايدىكەن. مۇشۇ خىل ئۇسۇلغا دوستلارنىڭمۇ دېققەت قىلشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
تولۇق تۇلۇق
تولۇق ئوتتۇرا
تۇلۇق ئوتتۇرا
تۇلۇقسىمان
تولۇقلىما تارقىتىش
تولۇقلىما تارقىتىش
تولۇق يېزىش
تۇلۇق يېزىش
تۇلۇق تېپىش
سۇ تولۇقلاش
سۇ تۇلۇقلاش
يۇقارقىلارنىڭ (يۇقىرىقىلارنىڭ) ئىملاسى پۈتۈنلەي توغرىمۇ؟ كورىكتور %100 دەپ چىقاردى.
بىر تەكلىپ: ئوڭ كۇنۇپكىنى باسقاندا چىقىدىغان تەكلىپ سۆزلەر ئەسلىدىكى قىزىل بويالغان سۆزنى توسىۋالىدىكەن، قىزىل بويالغان سۆز زادى خاتا بولىشى ناتايىن، بەلكىم ئارقىمۇ-ئارقا تۈرلىنىش، قوشۇمچە قوشۇش شەكلى ئامبارغا كىرگۈزۈلمىگەن بولىشى مۇمكىن، ياكى قالايمىقانچىلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تۈزىتىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمىگەندۇ. ئەمما تەكلىپ سۆزلەر توسىۋالغان بولغاچقا زادى نەرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولمايدىكەن.
يەنە بىر كىچىككىنە تەلىپىم، ئۇيغۇر سوفىت ھېساباتىدىكى alshir دىگەن نامنى باشقىلار تىزىملىتۋالدىمۇ ياكى مەن پارولنى بىلەلمىدىممۇ مېنىڭ ئۆز ئىسمىمنى ئىشلەتكىم بار ئىدى. مۇمكىن بولارمۇ؟
كوررېكتوردا مەزمۇن تەھرىرلىنىۋاتقان ھالەتتە كوررېكتورنى تاقىسا، ھېچقانداق ئەسكەرتىش بەرمەيلا چېكىنىدىكەن.
مۇمكىن بولسا، مەزمۇننى ساقلىۋېلىش ئەسكەرتمىسى چىقىپ، ساقلىمايمەن دېگەندىن كېيىن، ئاندىن تاقالسا.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەلىم ،msgboxدىكى خەت نۇسخىسىنى قانداق تەڭشەيمىز؟ ئازراق بىر بىلىم بەرگەن بولسىڭىز
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم ، كوررىكتوردىن كىچىككىنە بىر مەسىلىنى بايقاپ قالدىم، يەنى مەن ئىشلەتكۈچى نامىنى ئۇيغۇرچە نام بىلەن تىزىملاتقان ئىدىم ، دېتالنى ئۆچۈرۈپ قايتا ئاچسام ئىشلەتكۈچى نامى سۇئال بەلگىسىگە ئايلىنىپ قاپتۇ، كىرىش كۇنۇپكىسىنى باسسام كىرمىدى، ئىشلەتكۈچى نامىنى كىرگۈزىدىغان رامكىدىكى سۇئال بەلگىلىرىنى ئۆچۈرىۋېتىپ نامنى قايتا كىرگۈزسەم نورمال كىردى . كومپيۇتېرىمنىڭ سېستىمىسى ۋىندوۋس 8.1 ئۇيغۇرچە تىل بولىقى قاچىلانغان.
شۇنداق مەسىلە مەۋجۇت ئىكەن، مەن كېيىنكى نەشرىدە تۈزىتىشكە تىرىشىۋالاي، ھازىر ئۆلچەملىك نۇسخىسىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىنى ئۇلاشقا تەييارلىنىۋاتىمەن، كېلەر ھەپتە ئىچىدە يېڭىلىنىشى مۇمكىن.
كوررىكتورنى چۈشۈرۈشىمگىلا ئالتۇنتاغ ۋېروسخورى يەۋەتتى، بۇ نورمال ئەھۋالمۇ ؟
ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام
بۇ يۇمشاق دېتالىمىز 360 ۋىرۇسخورنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەن. چۈشەندۈرۈشنى ئەستايىدىل ئوقۇشقا ئادەتلىنىڭ، بۇ يىل ئۇيغۇرلارنىڭ كىتاب ئوقۇش يىلى.
../?p=4218
(4) بۇ يۇمشاق دېتالىمىز بۈگۈن 360 ۋىرۇسخورنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى. كومپيۇتېرىڭىزدا 金山 قاتارلىق باشقا ۋىرۇسخورلار ۋە مۇداپىيە ئوت تېمى بولسا، ئۇلارنى ۋاقتىنچە توختىتىپ تۇرۇپ دېتالىمىزنى قاچىلاڭ، ئاندىن بۇ دېتالىمىزنى ئىشەنچ رايونىغا قوشۇپ قويسىڭىز بولىدۇ.
ئۇنداق بولسا يېڭى مەھسۇلاتىڭىزنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىمىز.
كوررىكتورىنى بۇلۇتلۇق قىلىپ ناھايىتى ياخشى قىلىدىڭىز، بولسا لۇغەتنىمۇ ئۈندىدارغا بېقىنمايدىغان، مۇستەقىل، ئۈستەل يۈزىدىن چىكىپلا ئىشلەتكىلى بولىدىغان قىلىسىڭىز ناھايىتى ياخشى بولاتتى.
ئويلىغانلىرىمنى قانداق بىلىۋالغانسىز-ھە؟ مەن سىزگە ئىلگىرى دېمىگەن ئىدىمغۇ؟(ھا!!!ھا!!!!)، بۇ ئىشلارغا ئاز قالدى.
ئىسىلنى ئېسىلغا ئاپتۇماتىك ئۆزگەرتىۋېتىدىكەن. ئىسىل بىلەن ئېسىل مەنىداش ئەمەس.
بۇ يەردە مەنىداش سۆزلەرنى ئاپتوماتىك ئۆزگەرتىدۇ دېگەن يوق. ئۇيغۇر تىلىدا ئىسىل دەپ سۆز يوق. ئېسىل بار.
ئېسىل، سۈپەت: ئېسىل نەرسە سېتىۋالدىم.
ئېسىل، پېئىل: بۇ سىمغا ئېسىل
«ئىسىل»ىنى «ئېسىل»غا ئۆزگەرتىشى %100 توغرا.
چىقىلدى بىلەن چېقىلدى دېگەن سۆزنىڭ، بىرىلدى بىلەن بېرىلدى دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى ئوخشىمايدۇ. چىقىلدىنى چېقىلدىغا، بىرىلدىنى بېرىلدىغا ئاپتۇماتىك ئۆزگەرتىۋىتىدىكەن. لوغەتكىمۇ قوشالمىدىم. تەكلىپىم مۇۋاپىق بولۇپ، مۇمكىن بولۇپ قالسا، چىقىلدى بىلەن بىرىلدى دېگەن سۆزلەرنى لوغەتكە كىرگۈزۈپ قويۇشلىرىنى ئۈمىت قىلىمەن.