ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (بۇلۇت) 1.0 نەشرى كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىدۇ
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالى (بۇلۇت) 1.0 نەشرى تاماملىنىپ، كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىش باسقۇچىغا كىردى. بۇ دېتال ئۇيغۇر تەبىئىي تىلىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش (NLP-自然语言处理)نىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان بولۇپ، تۇنجى نەشرى 1999-يىلى 10-ئايدا بارلىققا كەلگەن. بۇ 15 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلار ۋە بىرقىسىم نەشرىياتلاردا ئومۇملاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئەلكاتىپ يۇمشاق دېتالىغا ئوخشاش شەخسلەر ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشمىغان ئىدى، بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ ئاۋام ئىستېمال بازىرىغا يۈزلەنگەن نۇسخىسى يوق ئىدى. مانا بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ شەخسلەر (ھەقسىز) نۇسخىسى بارلىققا كېلىپ، كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىش باسقۇچىغا كىردى. 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 10:00 دا ئېلان قىلىنىدۇ.
ئىملانى توغرا ئىشلىتىش پەقەت تاراتقۇلارنىڭ ئىشى بولماستىن، شۇ يېزىقنى ئىشلىتىدىغان ھەربىر شەخسلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىدۇر، كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا ئىملانى بىلمەسلىك، توغرا يازالماسلىققا ھېچقانداق باھانە سەۋەب يوق، بۇنىڭدا ھەرقايسى تاراتقۇلار، كارخانىچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەڭ ئېغىر.
كوررېكتورلۇق زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئەقلىي ئەمگەك بولۇپ، بۇنداق جاپالىق خىزمەت ئەمدى بولسىمۇ ئاپتوماتلاشسۇن، ئىش ئۈنۈمى ئاشسۇن، پېشقەدەم كوررېكتورلارنى ئاسرايلى، تور بېكەتلەردىكى ئىملا خاتالىقى ئەمدى بولسىمۇ ئازايسۇن، ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئىملاسى توغرا ۋە راۋان بولسۇن. ھەممىمىز ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنى پىششىق ئۆگىنەيلى.
================
تۆۋەندە بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى (cloud computing-云计算技术)، چوڭ مەلۇمات دەۋرى(big data大数据时代)نىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش ئىقتىدارىنى كۆرۈپ باقايلى
(1) ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى ئەڭ يېڭى تېمىدىن بىرنى كۆچۈرۈپ، ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ باقايلى
===============
(2) بۇ ماقالىنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ باقساق توغرىلىقى 89.67 پىرسەنت، گۇمانلىق سۆز 31 ئىكەن، ئەمما ئاپتوماتىك توغرىلاش نىسبىتى 90.32 پىرسەنت ئىكەن، يەنى ئاپتوماتىك توغرىلاش دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ كۆزىڭىزنى يۇمۇپ-ئېچىپ بولغۇچە، 90 پىرسەنت ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ دېگەن گەپ. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم باشقا بىرەيلەن بۇ ماقالىنى سىزدىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن.
===============
(3) «ئىملا توغرىلاش (ئاپتوماتىك)»نى بېسىپ كۆرۈپ باقايلى، يېشىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاپتوماتىك توغرىلاشقا بولىدۇ.
===============
(4) يېشىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ كۆك رەڭدە بوياپ بەردى، قىزىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنى نامزات سۆزنى كۆرسىتىپ، ئىچىدىن توغرىسىنى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ.
===============
- يازما كۆرۈلۈشى: 12,148 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى am 9:22
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى بازارغا سېلىندى
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەتە تارقىتىلىدۇ.
ئاكتىپلاندىمۇ كۆرۈپ بىقىڭ
خاتالىق ئۇچۇرىنى خاتا يېزىپ قويۇپتىمەن ماۋۇ خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالىدۇ 0x800b0101
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم مەن windows8 ئىشلىتى ۋاتاتتىم يىڭپىنىم بۇزۇلۇپ قېلىپ ئالماشتۇرغان ئىدىم windows8 ئاچقۇچۇمنى كىرگۈزسەم توغرا دەپ چىقىدۇ قاچىلاپ بولۇپ ئىلخەت ئادرىسىمنى كىرگۈزسەم خاتالىق ئۇچۇرى 0xC004C008دەپ چىقىۋالىدۇ ياردەم قىلغان بولساڭلار ئىنتېرنېتقا چىقىشتىن باشقا مەشغۇلاي قىلاممىدىم
مەن ياردەم قىلاي 2523275160مۇشۇ نومىرنى قوشۇڭ
مەن ياردەم قىلاي مۇشۇ qq نومىرنى قوشۇڭ 2523275160 windows8 ياردەم دىسىڭىز بولىدۇ.
ئالىم مۇئەللىم كەچۈرۈڭ تىمىغا مۇناسىۋەتسىز سوئالدىن بىرنى سورايدىغان بولدۇم ، مەن يېقىندا بىرەيلەيدىن windows8 نىڭ ئاچقۇچ نومۇرىدىن بىرنى سېتىۋالغانتىم ئاچقۇچ نومۇر بىلەن ئورگان بېتىدىن سېستىمىنى چۈشۈرۈپ قاچىلىغان ئىدىم لىكىن ئاكتىپلىيالمىدىم ئاكتىپلايدىغان يەردە نومۇر ئىناۋەتلىك دەپ چىقتى لىكىن ئاكتىپلانماي 0xC004C008 مانا مۇشۇنداق خاتالىق ئۇچۇرى چىقىۋالدى ياردەم قىلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن
ئالىم ئاكا بولسا تور بىكەت نەشىرنىمۇ ئويلىشىپ باقسىڭىز
يۇمشاق دىتال يوق تور بار شارائىتتا ئىشلىتىش ئۈچۈن . 29-چىسلانى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىۋاتىمىز.
ئالىم ئاكا بولسا تور بىكەت نەشىرنىمۇ ئويلىشىپ باقسىڭىز
يۇمشاق دىتال يوق تور باش شارائىتتا ئىشلىتىش ئۈچۈن . 29-چىسلانى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىۋاتىمىز.
توربىكەت نۇسخىسى بولغان بولسا….. بىزدەك لىنۇكىس ئىشلىتىدىغانلار قانداقمۇ قىلامىز
بۇمۇ بولۇپ قالار، ئاۋۋال بۇنى ئېلان قىلىۋېتەيلى
ھەقىقەتەن قالتىس ئېش بولۇپتۇ!
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئالىم مۇئەللىم . بۇ سىستېمنىڭ ئېغىزىنى قايسى خىل تېخنىكىدائۇلاپ بەرمەكچى ؟ webservesتا قىلماقچى مۇ ياكى ؟
تور بېكەت ماڭدۇرۇۋاتقانلار قايسى ئېغىزدا ياساپ بەر دېسە، شۇنىڭدا قىلىپ بەرسەم بولىدۇ.
مۇبارەك بولسۇن، ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتى، مەۋجۇتلىقى ئۈچۈن قىلغان بارچە ئەمگەكلىرىڭىزنى خەلقىڭىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ. رەھمەت سىزگە!
ئىمكان بولسا پۈتۈن ئۇيغۇر مۇنبەرلەر ئېغىز بىلەن تەمىنلەنسە، مۇنبەرگە يوللايدىغان يازمىلار يوللاشتىن بۇرۇن ئاپتوماتىك ئىملا تەكشۈرلۈپ، ئىملاسى پۈتۈنلەي توغرا بولغاندا ئاندىن يوللىغىلى بولسا .
رەھمەت ئالىمجان ئاكا بۇ بىر كاتتا خوش خەۋەر بولۇپتۇ… مۇبارەك بولسۇن!!! ئەمدى ئانا تىلنى تېخىمۇ توغرا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپتۇق
بەس-بەستە ئىشلىتىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن،
تەبرىكلەيمەن. ئانا-تىلىمىز ئۈچۈن باسقان ھەربىر قەدىمىڭلاردىن گۈل ئۈنسۇن!
بىزنى قوللىغان بارلىق كىشىلەرگە سەمىمىي رەھمەت!
ئەھۋالدىن قارىغاندا ئەرقال شىركىتى قىزىل بايراق يولىدىكى سېتىش بۆلۈمىگە تېلىفۇن قىلىپ سىزگە تېلىفۇن قىلمىغان ئوخشايدۇ. ئەگەر خەۋەر مەزمۇنىدا خاتالىق بار بولسا ئۇلارغا دىسەك شۇ ھامان تۈزىتىپ بېرىدۇ. قۇدرەت ئەپەندىم بۇ ئىشلارغا بەك زىل قارايدۇ. بەلكىم خىزمەتچىلەرنىڭ ئۇقۇشماسلىقىدىن كىلىپ چىققان بولىشى مۇمكىن ، خاتا چۈشىنىش كىلىپ چىقمىسۇن.
ئادىرىسى: http://www.erqal.com/uyghur/html/2014/0819/636-7.html
ئەرقال شىركىتى ھەقىقەتەن مەسئۇلىيەتچان ئىكەن، بىزنىڭ خادىملارغا تېلېفون قىلىپ خەۋەر مەزمۇنىنى تۈزىتىپتۇ. بىلىملىك كىشىلەر قۇرغان شىركەت يەنىلا باشقىچە بولىدىكەن، قۇدرەت ئەپەندىمگە رەھمەت، ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ سۆزلۈك ئامبىرىغا «ئەرقال» دېگەن سۆزنى قوشۇپ مەنمۇ ئۆز سەمىمىيىتىمنى بىلدۈرىمەن.