ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (بۇلۇت) 1.0 نەشرى كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىدۇ
[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالى (بۇلۇت) 1.0 نەشرى تاماملىنىپ، كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىش باسقۇچىغا كىردى. بۇ دېتال ئۇيغۇر تەبىئىي تىلىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش (NLP-自然语言处理)نىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان بولۇپ، تۇنجى نەشرى 1999-يىلى 10-ئايدا بارلىققا كەلگەن. بۇ 15 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلار ۋە بىرقىسىم نەشرىياتلاردا ئومۇملاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئەلكاتىپ يۇمشاق دېتالىغا ئوخشاش شەخسلەر ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشمىغان ئىدى، بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ ئاۋام ئىستېمال بازىرىغا يۈزلەنگەن نۇسخىسى يوق ئىدى. مانا بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ شەخسلەر (ھەقسىز) نۇسخىسى بارلىققا كېلىپ، كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىش باسقۇچىغا كىردى. 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 10:00 دا ئېلان قىلىنىدۇ.
ئىملانى توغرا ئىشلىتىش پەقەت تاراتقۇلارنىڭ ئىشى بولماستىن، شۇ يېزىقنى ئىشلىتىدىغان ھەربىر شەخسلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىدۇر، كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا ئىملانى بىلمەسلىك، توغرا يازالماسلىققا ھېچقانداق باھانە سەۋەب يوق، بۇنىڭدا ھەرقايسى تاراتقۇلار، كارخانىچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەڭ ئېغىر.
كوررېكتورلۇق زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئەقلىي ئەمگەك بولۇپ، بۇنداق جاپالىق خىزمەت ئەمدى بولسىمۇ ئاپتوماتلاشسۇن، ئىش ئۈنۈمى ئاشسۇن، پېشقەدەم كوررېكتورلارنى ئاسرايلى، تور بېكەتلەردىكى ئىملا خاتالىقى ئەمدى بولسىمۇ ئازايسۇن، ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئىملاسى توغرا ۋە راۋان بولسۇن. ھەممىمىز ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنى پىششىق ئۆگىنەيلى.
================
تۆۋەندە بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى (cloud computing-云计算技术)، چوڭ مەلۇمات دەۋرى(big data大数据时代)نىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش ئىقتىدارىنى كۆرۈپ باقايلى
(1) ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى ئەڭ يېڭى تېمىدىن بىرنى كۆچۈرۈپ، ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ باقايلى
===============
(2) بۇ ماقالىنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ باقساق توغرىلىقى 89.67 پىرسەنت، گۇمانلىق سۆز 31 ئىكەن، ئەمما ئاپتوماتىك توغرىلاش نىسبىتى 90.32 پىرسەنت ئىكەن، يەنى ئاپتوماتىك توغرىلاش دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ كۆزىڭىزنى يۇمۇپ-ئېچىپ بولغۇچە، 90 پىرسەنت ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ دېگەن گەپ. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم باشقا بىرەيلەن بۇ ماقالىنى سىزدىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن.
===============
(3) «ئىملا توغرىلاش (ئاپتوماتىك)»نى بېسىپ كۆرۈپ باقايلى، يېشىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاپتوماتىك توغرىلاشقا بولىدۇ.
===============
(4) يېشىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ كۆك رەڭدە بوياپ بەردى، قىزىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنى نامزات سۆزنى كۆرسىتىپ، ئىچىدىن توغرىسىنى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ.
===============
- يازما كۆرۈلۈشى: 12,151 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2014-يىلى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى am 9:22
- ئالدىنقى يازما :ئۇيغۇرسوفت يېمەك-ئىچمەك تىجارىتىنى باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى بازارغا سېلىندى
- كېيىنكى يازما :ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (ھەقسىز نەشرى) ئەتە تارقىتىلىدۇ.
تەبرىكلەيمەن. ئانا-تىلىمىز ئۈچۈن باسقان ھەربىر قەدىمىڭلاردىن گۈل ئۈنسۇن!
مۇئەللىم، ئۇيغۇر كوررىكتور ئۈچ ئاي سىناق باسقۇچىدا ھەقسىزمۇ ياكى مەڭگۈلۈكمۇ؟
بارىكاللا مىھنىتىڭىزگە ئالىم مۇئەللىم ،سىزنىڭ مەسئولىيەتچانلىق ،تىرىشچانلىق رۇھىڭىز تۇلىمۇ قىممەتلىك ،مىنىڭ تەكلىپىم ئۆزىڭىزنىڭ ئۆگىنىش تارىخى،ئۆگىنىش ئۇسۇلىڭىزنى تۇنۇشتۇرسىڭىز
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۈم ئالىم مۇئەللىم يۇمشاق دىتالنى تۆت كۆزىمىز بىلەن كۈتىۋاتىمىز .ئۇشبۇ ئۇيغۇر خەۋەر تورىنىڭ ئىملاسىنى قاتتىق چىڭ تۇتۇشقا تىرىشىمىز.سىزگە ۋە ئۇيغۇر سوفىتتىكى بارلىق قېرىنداشلارغا چىن دىلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز.رەھمەت مۇئەللىم.
مۇبارەك بولسۇن
رەھمەت ئالىم مۇئەللىم ! ئانا تىلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۇن غايەت زور تۆھپىلەرنى قوشىۋاتىسىز، بۇنى ئانا تىلىمىزنى سۆيىدىغان ھەربىر ئۇيغۇر ھەرگىز ئۇنتۇپ قالمايدۇ
قوللىرىڭلارغا دەت كەلمىسۇن ،ئىشلىرىڭلارغا بەركەتلەر بولسۇن مۇئەللىم . مۇبارەك بولسۇن !
ئاللاھ رازى بولسۇن.
كۈندە نەچچە ماتىلاپ بلوگىڭىزنى، 1000 ئادەمنىڭ ئىچىگە كىرەلمەي قالارمەنمۇ دەپ ئەنسىرگەن.(سەت ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)
رەخمەت ئالىم مۇئەللىم ھەقىقەتەن ئۇلۇغ بىر ئىش قىلدىلا،بارىكاللا ئۇيغۇرسوفىت……………بارىكاللا،ئالىم مۇئەللىم ………..
باركاللا، بۇلۇت ئىقتىدارى بولسا نېمە دىگەن ياخشى، بەك قوللىنىشچان بولغۇدەك، قوللايمەن
قوللىرىمنى بىلەپ، تورىمنى بەتلەپ تۇراي. چىقسا بىر ئىشلىتىپ باقاي دەيمەن.
بىر ئىشنى سورىسام ئالىم مۇئەللىم. مۇنبەرلەرگە ئورنىتىش ئىقتىدارى ھازىرلاندىمۇ ياكى كېيىنگە قالدىمۇ؟
ئاساسەن ھازىرلاندى، ئەمما بىرەرسىمۇ ئىزدەپ كەلمىدى، ئاۋۋال بۇنى تارقىتىۋېلىپ، بىرنەچچە ھەپتىدىن كېيىن قىلارمىز.
رەخمەت ئالىم مۇئەللىم ،ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىش ۋۇجۇدقا چىقىپتۇ.
29-چېسلانى تۆت كۆز بىلەن كۈتىمەن. ھەممە ئادەم ھەقسىزمۇ ياكى ئالدىن تىزىملاتقان 1000ئادەمگە ھەقسىزمۇ؟
ھەممە ئادەمگە ھەقسىز،
قاچان چىقاركى دەپ كۆزۈم تۆت ئولتۇرغان ئىدىم، رەھمەت ئالىم ئاكا، بەك ياخشى ئىشلارنى قىلىۋاتىسىز، قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن……
تەبرىكلەيمەن!