ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (بۇلۇت) 1.0 نەشرى كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىدۇ | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  IT خەۋەرلىرى,بىلوگ بىلدۈرگۈسى  >  يازما كۆرۈش

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (بۇلۇت) 1.0 نەشرى كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىنىدۇ

[ IT خەۋەرلىرى، بىلوگ بىلدۈرگۈسى ]

ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى يۇمشاق دېتالى (بۇلۇت) 1.0 نەشرى تاماملىنىپ، كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىش باسقۇچىغا كىردى. بۇ دېتال ئۇيغۇر تەبىئىي تىلىنى كومپيۇتېردا بىر تەرەپ قىلىش (NLP-自然语言处理)نىڭ تۇنجى قەدىمىنى باسقان بولۇپ، تۇنجى نەشرى 1999-يىلى 10-ئايدا بارلىققا كەلگەن. بۇ 15 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى ھەرقايسى ئىدارە-ئورگانلار ۋە بىرقىسىم نەشرىياتلاردا ئومۇملاشقان بولسىمۇ، ئەمما ئەلكاتىپ يۇمشاق دېتالىغا ئوخشاش شەخسلەر ئارىسىدا كەڭ ئومۇملاشمىغان ئىدى، بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ ئاۋام ئىستېمال بازىرىغا يۈزلەنگەن نۇسخىسى يوق ئىدى. مانا بۈگۈن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ شەخسلەر (ھەقسىز) نۇسخىسى بارلىققا كېلىپ، كېلەر ھەپتە ئېلان قىلىش باسقۇچىغا كىردى. 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن 10:00 دا ئېلان قىلىنىدۇ.

ئىملانى توغرا ئىشلىتىش پەقەت تاراتقۇلارنىڭ ئىشى بولماستىن، شۇ يېزىقنى ئىشلىتىدىغان ھەربىر شەخسلەرنىڭمۇ مەسئۇلىيىتىدۇر، كەسكىن قىلىپ ئېيتقاندا ئىملانى بىلمەسلىك، توغرا يازالماسلىققا ھېچقانداق باھانە سەۋەب يوق، بۇنىڭدا ھەرقايسى تاراتقۇلار، كارخانىچىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى ئەڭ ئېغىر.

كوررېكتورلۇق زور كۈچ تەلەپ قىلىدىغان ئەقلىي ئەمگەك بولۇپ، بۇنداق جاپالىق خىزمەت ئەمدى بولسىمۇ ئاپتوماتلاشسۇن، ئىش ئۈنۈمى ئاشسۇن، پېشقەدەم كوررېكتورلارنى ئاسرايلى، تور بېكەتلەردىكى ئىملا خاتالىقى ئەمدى بولسىمۇ ئازايسۇن، ئىنتېرنېتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ ئىملاسى توغرا ۋە راۋان بولسۇن. ھەممىمىز ئۆز ئانا تىلىمىزنىڭ ئىملاسىنى پىششىق ئۆگىنەيلى.
================
تۆۋەندە بۇلۇت ھېسابلاش تېخنىكىسى (cloud computing-云计算技术)، چوڭ مەلۇمات دەۋرى(big data大数据时代)نىڭ زادى قانداق بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىنىڭ ئاپتوماتىك ئىملا توغرىلاش ئىقتىدارىنى كۆرۈپ باقايلى

izdinix-0
(1) ئىزدىنىش مۇنبىرىدىكى ئەڭ يېڭى تېمىدىن بىرنى كۆچۈرۈپ، ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ باقايلى
===============
izdinix-0
(2) بۇ ماقالىنىڭ ئىملاسىنى تەكشۈرۈپ باقساق توغرىلىقى 89.67 پىرسەنت، گۇمانلىق سۆز 31 ئىكەن، ئەمما ئاپتوماتىك توغرىلاش نىسبىتى 90.32 پىرسەنت ئىكەن، يەنى ئاپتوماتىك توغرىلاش دېگەن كۇنۇپكىنى بېسىپ كۆزىڭىزنى يۇمۇپ-ئېچىپ بولغۇچە، 90 پىرسەنت ئاپتوماتىك توغرىلاپ بېرىدۇ دېگەن گەپ. بۇنىڭ سەۋەبى بەلكىم باشقا بىرەيلەن بۇ ماقالىنى سىزدىن بۇرۇن تەكشۈرۈپ كۆرگەن بولۇشى مۇمكىن.
===============

izdinix-0
(3) «ئىملا توغرىلاش (ئاپتوماتىك)»نى بېسىپ كۆرۈپ باقايلى، يېشىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاپتوماتىك توغرىلاشقا بولىدۇ.
===============

izdinix-0
(4) يېشىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنىڭ ئىملاسىنى ئاپتوماتىك توغرىلاپ كۆك رەڭدە بوياپ بەردى، قىزىل رەڭدە بويالغان سۆزلەرنى نامزات سۆزنى كۆرسىتىپ، ئىچىدىن توغرىسىنى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ.
===============

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
95 پارچە باھا يېزىلدى
  • ئىنتىرنىتكە ئۇلىنىدۇ، يۇ لىكىن ئىلخەتكە مۇناسىۋەتلىك ھىچقانداق تور بەتكە كىرگىلى بولمايدۇ؟! بۇنداق ئەھۋالدا قانداق ئېلتىماس قىلىمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى am 00:04
  • ھە ئەسلى مۇنداقكەندە، بۈگۈن ئالپ تورىدا مۇشۇ تېمىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك بىر تېما بارئىكەن، ئۇنىڭدا «… ئۈرۈمچى ئەنقا ئۇيغۇرسوفت شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلىنىڭ ئيېتىشىچە، شىركەت ئېلان قىلماقچى بولغان ئۇيغۇرسوفت كوررىكتورى… مەنبە: ئەرقال تورى…» دىگەندەك مەزمۇنلار بارئىكەن، شۇڭا سىزنىڭ نەرسىڭىزنى باشقىلار ئۆز نامىدا تارقىتىۋاتقانمىدۇ؟ دەپ گۇمان قىلىپ قاپتىمەن. مەن ئۈرۈمچىدە بولمىغاندىكىن بىلمەيدىغان ئوخشايمەن.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 20:50
    • لېكىن بۇ يەردە دېيىلگەن گەپ توغرا بولماپتۇ، خاتا گەپلەرمۇ بار ئىكەن. بىز ھېچقانداق تاراتقۇچلارغا بۇ ھەقتە ئۇچۇر بەرمىدۇق، ئۇلار ئۆز ئالدىغا يېزىپ ئېلان قىلىپتۇ. ئەڭ ياخشىسى مۇنداق ئۇچۇرلارنى ئۇيغۇرسوفتنىڭ ئورگان تورىدىن (ياكى ئالىم ئەھەت بىلوگىدىن) كۆرۈڭ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 22:38
  • ئالدى بىلەن سىلەرگە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت. مەن ئىلگىرى ئىزچىل ئۇدمىش كوررېكتورىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. ئۇنىڭ كېڭەيتىلگەن رايوندىن كۆچۈرۈش، كېڭەيتىلگەن رايوندا تەتۈر كۆچۈرۈش، كېڭەيتىلگەن رايوندىن چاپلاش قاتارلىق ئىقتىدارلىرى ماڭا شۇنداڭلا خىزمىتىمگە بەكلا قولايلىق ئېلىپ كەلگەن، بولسا ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورىغىمۇ مۇشۇ ئىقتىدارلارنى قوشقىلى بولارمۇ؟ چۈنكى مەن سىن بىرتەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى قىلىمەن، شۇڭا Adobe نىڭ فوتوشوپتىن باشقا ھېچقانداق دېتالىغا ئۇيغۇرچىنى بىۋاستە چاپلىغىلى بولمايدۇ. ئامال يوق تەتۈر چاپلاپ ئىشلىتىمىز. ئەگەر مۇشۇ ئىقتىدار قېتىلغان بولسا شەخسەن مەن بەك مەمنۇن بولاتتىم، يەنە ULY ئايلاندۇرۇش قاتارلىق.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 18:47
    • ئۇيغۇرسوفت ئەلكاتىپ تەھرىرلىگۈچتە كېڭەيتىلگەن رايونغا ئوڭ-تەتۈر ئايلاندۇرۇش،…دېگەندەك ئىقتىدارلار بار ئىدى. ئىشلەتكۈچىلىرىمىز Photoshop تا مۇشۇنداق ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدى. سىز دېگەندەك ئىقتىدارلارنى قوشۇپ قويۇشۇم مۇمكىن. يەنە مەسىلەن: كود ئالماشتۇرۇش دېگەندەك. ئەمما ULY نىڭ گېپىنى قىلىشمىساق مەنمۇ سىزدىن مەمنۇن بولاتتىم.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 19:10
  • رەھمەت،بەك ياخشى ئىش بولۇپتۇ !!!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 15:08
    • مانا بۈگۈن تارقىتىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرسوفت كوررېكتورى (بۇلۇت) نەشرى 360 ۋىرۇسخورنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ تەستىقلاندى، ئەمدى خاتىرجەم تارقىتىشقا تەييارلىق قىلساق بولىدۇ.
      ../wp-content/uploads/2014/12/360认证图片.jpg

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 19:21
  • مۇئەللىم, سىزنىڭ ئۈرۈمچى ئەنقا ئۇيغۇرسوفت شىركىتى دىگەن بىلەن بىلەن مۇناسىۋىتىڭىز بارمۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 13:45
    • مۇناسىۋىتىم بار، ئەمما ئۇيغۇرچە ئاتىلىشىدا ئەنقا دېگەن گەپ يوق، بولمىسا ئۇ بىز ئەمەس، بەلكىم باشقا شىركەت ئوخشايدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى pm 14:23
  • تەبىرىكلەيمەن، مۇمكىن بولسا تور بەتلەر نۇسخىسىنى تارقاتسىڭىز، ئۇيغۇر تورلىرىدا ئىملا مەسىلىسى پۈتۈنلەي ھەل قىلىنسا .

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 24-كۈنى am 00:28
  • ئايالىم تەھرىرلىك، كوررىكتۇرلۇق قىلىپ كۆپ جاپالارنى تارتىۋاتقان ئىدى.يا ماۋۇ ئېدارىسىدىن ئۇيغۇرسوفىت كوررىكتۇرىنى
    ئېلىپ بەرمىگەچكە
    ئادەم كۈچى بىلەن بۇ ئىشلارنى بىجىرىپ كەلگەن.بۇ خەۋەرنى
    ئاڭلاپ شۇنداق خۇشال بولدى، ھەم مەن ئارقىلىق سىزگە سالامىنى يوللىدى سىز ئاخپارات ساھەسىدىكىلەرنىڭ جاپاسىنى چۈشىنىسىز، ئۇلارنىڭ ھەر بىر بەت خەتنى قايتا-قايتا ئوقىغان ھالەتلىرى كۆز
    ئالدىمدىن كەتمەيدۇ.سىزگە رەھمەت ئالىم مۇئەللىم، ئەجرىڭىزنى بىرە.
    ھەر قېتىم ئۇيغۇرچە خەتنى كۇنۇپكا تاختىسىدىن كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا سىز ھەم ھوشۇر ئىسلام مۇئەللىم قاتارلىقلاردىن ئالەمچە خۇشال بولىمەن.مىڭلارچە داۋىراڭدىن زەررىچە ئەمەلىي ھەرىكەت ئەلا.مانا بۇ مېنىڭ سىزنىڭ بىلوگىڭىزدىن ئالغان ھاسىلاتىم.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 22:51
  • يەنە بىر يېڭىلىققا مۇبارەك بولسۇن! ئالىم مۇئەللىمنىڭ ئەجرىگە تەشەككۇر!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 21:01
  • ئانا-تىلىمىز ئۈچۈن باسقان ھەربىر قەدىمىڭلاردىن گۈل ئۈنسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 20:52
  • تەبىرىك ! ئالىم مۇئەللىم ، مۇرەككەپ فورمۇلا بار تېكىسنى قوللامدۇ ؟ ، رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 16:59
  • ھەممىمىز تەشۋىق قىلايلى ! ئالىم مۇئەللەم خالىسىڭىز ئۇيغۇر خەۋەر تورىغا api ئېچىپ بەرگەن بولسىڭىز .بەت سىستىمىسى php دا 0 دىن باشلاپ يېزىلغان
    api تەمىنلەپ بەرسىڭىز قۇشۇپ باقسام .
    http://www.uynews.com/mazmun_6293.html

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 16:08
    • ئەلۋەتتە بولىدۇ، ئالدى بىلەن بۇنى ئوڭۇشلۇق تارقىتىۋالاي، بىرنەچچە ھەپتە مۇقىم مېڭىۋالغاندىن كېيىن قىلساقمۇ كېچىكمەيمىز.

      يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 18:29
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۇبارەك بولسۇن. سىلەرگە كۆپ رەھمەت، جاپا چەكتىڭلار.

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 15:45
  • بۇنداق ئسىل جابدۇقنى تارقىتىپ ياخشى ئىش بولدى..
    بۇلۇتقا چىقرىپ قويدۇق دەيسىلەر بۇلۇتمۇ بىكاغا مۇلازىمەت قىلماس، بۇنىڭ چىقىمىنى سىلەر ئۈستۈڭلارغا ئالساڭلار قانداق بولغىنى؟…ئەسلى 10كويدىن سېتىلغان بولسىمۇ ھېچ كىمگە ئېغىر كەلمەستى…ئەجرىنى چۇقۇم بىرىدۇ.ئىشلىرىڭلار بەركەت تاپقاي.
    مۇشۇ بىلوگكىمۇ ئىملا توغرىلاش ئىقتىدارى قاچان قېتىلىدۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 14:55
  • مۇبارەك بولسۇن، ئالىم مۇئەللىم، تەشۋىقات قىلىش مەقسىتىدە مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇپ سۈزۈك فىلىم تورىغا تېمىڭىزنى يوللاپ قويدۇم:
    http://suzukfilim.com/forum.php?mod=viewthread&tid=2093

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى pm 12:36
  • رەھمەت ئالىم مۇئەللىم، بارچە ئۇيغۇر سىلىدىن سۆيۈنىدۇ

    يوللانغان ۋاقىت: 2014-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى am 11:54