قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]
قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟
مەن 1991-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى كومپيۇتېر بىلەن تۇنجى ئۇچراشقان كۈنىدىن باشلاپ پىروگرامما يېزىپ كەلدىم. نۇرغۇن پىروگرامما تىلىنى ئۆگەندىم، پىروگرامما ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدىم، بەزىلىرى مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ «ئۇيغۇرسوفت» يۇمشاق دېتاللىرى نامىدا بازارغا يۈزلەندى. ئەلۋەتتە بەزى ئەگرى-توقاي يوللارنىمۇ باستىم، ئەمما ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بۇ كەسىپ بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن. شۇنداقلا يەنە مۇشۇ ساھەگە كىرىشنى ئويلايدىغانلارنى تېخىمۇ توغرا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ تېز نەتىجە يارىتىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. لېكىن بەزىلەرنىڭ يەنە «ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىستىقبالى يوق، بۇ كەسىپ بىلەن جان باققىلى بولمايدۇ، شۇڭا مەن شۇغۇللانمىغان ئىدىم» دېگەن سۆزلەرنى پات-پات ئاڭلاپ تۇرىمەن. ھەتتا نەچچە كۈن ئالدىدا بىرسىدىن شۇنداق سۆزنى يەنە ئاڭلىدىم. ئەگەر جان بېقىش ئۈچۈن بىر كەسىپنى ئۆگىنىش زۆرۈر بولسا، مېنىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جاۋابىم تىلەمچىلىك قىلسىمۇ جان باققىلى بولىدۇ. لېكىن ھەرگىز ئۇنداق قىلىپ سالماڭ. مەيلى قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماڭ ئۆز ھالال تەرىڭىز بىلەن ئىشلىسىڭىز، چوقۇم ھالاۋىتىنى كۆرىسىز.
مەن پەقەت يۇمشاق دېتال كەسپىگە قىزىقىۋاتقان، مەلۇم بىر پىروگرامما لايىھەلەش تىلىنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلار، «ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال سىنىپى»غا قاتنىشىپ بىز بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىپ باقتىم.
بىرىنچى: پىروگرامما تىلىنى پۇختا ئۆگىنىش.
پىروگراممىچى بولىمەن دېسىڭىز، چوقۇم پىروگرامما لايىھەلەش تىلىنى ئۆگىنىسىز. بۇ ھېچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت. ئەمما نۇرغۇن ياشلار قايسى پىروگرامما تىلىنى ئۆگەنسەم بولار؟ قايسى تىل ئەڭ ياخشىدۇ؟ ياكى قايسى تىل ئۆگىنىشكە ئاسانراق؟ – دەپ تولا غەم قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئوخشىمىغان جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، نۇرغۇن ۋاقتىنى بىھۇدە سەرپ قىلىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئالدى بىلەن مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىنى پۇختا ئۆگىنىڭ. مەسىلەن:C/C++ (Java)، C# ياكى Visual Basic .NET نىڭ خالىغان بىرسىنى ئۆگىنىڭ. ئادەتتە مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىدا تۈزۈلگەن يۇمشاق دېتالنى يەنە بىر تىلدىمۇ تۈزۈشكە بولىدۇ. مەلۇم بىر تىل يەنە بىر تىلدىن پەۋقۇلئاددە ياخشى دەيدىغان كۆز قاراشقا ئىشەنمەڭ. ئەمما، بىرنەچچە پىروگرامما تىلىنى ئۆگىنىشكە سەل قارىماڭ. چۈنكى، مەلۇم بىر پىروگرامما تىلى سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولالمايدۇ. تېخنىكىنىڭ ئۆزگىرىشىنى، تەرەققىياتىنى توسۇپ بولالمايمىز. مەن 20 يىلنىڭ ئالدىدا MS-DOS, (Apple-2) Mac, Windows 3.1 مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا تۈزۈپ چىققان نۇرغۇن پىروگراممىلارنى ھازىر ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇ جەرياندا توپلىغان ئەمەلىي تەجرىبەم يېڭى بىر پىروگرامما تىلىنى تېز ئۆگىنىش، مەلۇم بىر مەسىلىنى تېخىمۇ ئاسان يول بىلەن ھەل قىلىشتا ماڭا يېتەكچى بولۇپ كەلدى، سىزگە بېرىلىدىغان تەكلىپىم شۇكى پىروگرامما لايىھەلەش تىلى ئىچىدىن بىرسىنى ئىنتايىن پۇختا ئۆگىنىڭ، قوشۇمچە يەنە 1-2 پىروگرامما تىلىنى بىلىۋېلىڭ.
مەن دائىم بىرقىسىم پىروگرامما سېپىگە كىرىشكەنلەرنىڭ ئاغزىدىن «مەن ئۆگىنىۋاتقان بۇ پىروگرامما تىلىدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن، شۇڭا، مەن باشقا پىروگرامما تىلىنى ئۆگىنىۋاتىمەن»-دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالىمەن. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بىرقىسىم ياشلار ئۆزىنىڭ پىروگرامما تۈزۈش ماھارىتىدىن كۆرمەي، پىروگرامما تىلىغا ئارتىپ قويىدۇ. بۇ خۇددى بىليارت ئوينىغاندا، ئۇرۇقنى تۆشۈككە سولىيالمىسا، بۇ ھاسا بولمايدىكەن دەپ يەنە بىر ھاسىغا ئالماشتۇرغاندەكلا ئىش. ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇنى يەنە «ئاتالمىساڭ ئوقۇڭدىن، چىچالمىساڭ پوقۇڭدىن كۆرمە» دەپتىكەن.
ئىككىنچى: مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى كود يېزىشتىنمۇ مۇھىم
ھەممە نەرسىنى نوقۇل كود يېزىش بىلەن ھەل قىلىمەن دېمەڭ، پىروگرامما لايىھەلەشتە ئويلاش، پىكىر قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپماي تۇرۇپ، مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىغا پىششىق بولۇپ كەتسىڭىزمۇ، كود يازالماي قىينىلىپ تۇرىسىز. يۇمشاق دېتالدا چوڭ تۈرلەرنى تاماملاشتا، بۇلارنى ھەرگىزمۇ بىر ئادەم قىلمايدۇ. لېكىن مەن بۇ يەردە بۇنداق چوڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى چۈشەندۈرمەيمەن.
ھەممە ئادەم پىروگرامما لايىھەلەش تىلىنى ئۆگىنەلىشى مۇمكىن، لېكىن بېرىلگەن مەسىلىنى چۈشىنىش، ھەل قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى پەرق تۈپەيلىدىن ئاخىرقى نەتىجە ئوخشاش بولمايدۇ يەنى بەزىلەر مۇنەۋۋەر پىروگراممېر بولالمايدۇ. بۇ خۇددى ھەممە ئادەم ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنى ئۆگىنىپ ساۋاتىنى چىقىرالايدۇ، لېكىن ئۇيغۇرچە مۇنەۋۋەر ئەسەر يېزىپ بولالمىغاندەكلا ئىش. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئويلاش، كۆپ كۆرۈش، كۆپ مەشىق قىلىش،…قاتارلىق پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. لېكىن بەكمۇ ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ھەممە ئادەمدە ئوخشىمىغان پىكىر قىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ، تۆۋەندىكى مەسىلىنى ھەل قىلالىسىڭىز، سىزدە زور ئۈمىد بار. «ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال تەربىيەلەش سىنىپى»غا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ئۇلاردىن مۇنداق ئىمتىھان ئېلىشىم مۇمكىن.
سوئال: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى (شەنبە)، يەنە 100 كۈندىن كېيىن قىزىم 10 ياشقا كىرىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ كۈنى ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ؟
جاۋابىڭلاردىن باشقا يەنە ھەل قىلىش ئۇسۇلۇڭلارنى ئاڭلاپ باقاي، ئاندىن مەن بۇ تېمىنى مۇشۇ يەردە يەنە داۋاملاشتۇرىمەن.
============== تۆۋەندىكىسى داۋامى (2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى يېزىلدى) ============================
يۇقىرىقى مەسىلىنى پىروگرامما تىلى ئارقىلىق ھەل قىلىمەن دېسىڭىز، شۇ پىروگرامما تىلىنى قوزغىتىپ، كود يېزىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ. ئالدى بىلەن قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىڭىز بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈڭ. ئۆگەنگۈچىلەر ئىمكانقەدەر ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئۆزلىرى ئويلاپ تېپىشى كېرەك. تورداشلار بەس-بەستە ئىنكاس يېزىپ، بۇ مەسىلىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا ھەل قىلىپتۇ، بۇ مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى، سىلەردە ھەقىقەتەن ئۈمىد زور ئىكەن. ئوقۇتقۇچىمۇ يۇقىرىقىدەك ئوخشاش بىر مەسىلىنى ھەرخىل ھەل قىلىش چارىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇشى، ھەرگىزمۇ بىرخىل ئۇسۇلغا ئېسىلىۋالماسلىقى ياكى ئۆز ئىدىيەسىنى مەجبۇرى تاڭماسلىقى كېرەك. ئۆگەنگۈچىلەر بۇ چۈشەندۈرۈشلەر ئىچىدە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئەڭ ياخشى چارىنى قوللانسا، ھازىرچە شۇ ئەڭ ياخشى.
ھەرقانداق ئېگىز تاغقا چىقىدىغان يول بىردىنبىر بولۇشى ناتايىن، بۇ سۆزنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئوخشىمىغان بۇنداق بىرنەچچە يول ئىچىدە ئەڭ ئاسان يولنىڭ بارلىقىغا جەزمەن ئىشىنىڭ، ئۈمىدۋار بولۇڭ. نىشان ئېگىز تاغقا چىقىش، مەقسەتمۇ ئېنىق بولدى. ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلى:
دەسلەپتە 100 كۈندىن كېيىن ھەپتىنىڭ قانچە بولىدىغانلىقىنى بىلمىسىڭىز مەيلى، لېكىن پىكىر قىلىشتىن، تەپەككۇر يۈرگۈزۈشتىن ھۇرۇنلۇق قىلماڭ. ناۋادا قىيىنچىلىق بەك چوڭ دەپ ھېس قىلسىڭىز، ئاز-ئازدىن ھەل قىلىڭ. مەسىلەن: بۈگۈن شەنبە بولسا، 1 كۈندىن كېيىن يەكشەنبە، 2 كۈندىن كېيىن دۈشەنبە بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىڭ (ئەگەر بۇنى بىلمەيمەن دېسىڭىز، 1 مىنۇت كالېندار كۆرۈڭ). يەنە داۋاملىق ئويلىنىپ باقسىڭىز، 7 كۈندىن كېيىن يەنە شەنبە بولۇپ تەكرارلىنىدۇ، 9 كۈندىن كېيىن ئەلۋەتتە يەنە دۈشەنبە بولىدۇ، چۈنكى بىر ھەپتە 7 كۈن بولۇپ تەكرارلىنىدۇ. 7 گە پۈتۈن بۆلۈنسە يەنە شۇ كۈن بولىدۇ. مەسىلەن 7-، 14-، 21-، 28-،…كۈنلىرى يەنە شەنبە بولىدۇ. ئۇنداقتا سىز بۇ مەسىلىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، 9 كۈندىن كېيىن ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ دەپ سوراپ بېقىڭ. بارماقلىرىڭىز ئارقىلىق بىربىرلەپ ساناپ تېپىپ بېقىڭ، ئاندىن 7 بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ھېس قىلىشقا تىرىشىڭ يەنى 9 نى 7 گە بۆلسەك، قالدۇق سان 2 بولىدۇ. بۈگۈن شەنبە بولسا، ئۇنداقتا قالدۇق سان 2 بولغاچقا، بۇ مەسىلە 2 كۈندىن كېيىن ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ دېگەن ئىنتايىن ئاددىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا 9 كۈندىن كېيىن دۈشەنبە بولىدۇ دېگەننى خۇلاسىلەپ چىقىڭ. ئۇنداقتا 100 كۈندىن كېيىن، 1000 كۈندىن كېيىن دېسىمۇ سىز بىربىرلەپ ساناپ يۈرمەيسىز، پەقەت 7 گە بۆلۈپ، قالدۇق ساننى تېپىپ كۆرۈپ باقسىڭىزلا بولىدۇ.
دېمەك بۇ تاغقا چىقىشنىڭمۇ بىرنەچچە يولى بار ئىكەن، ئاسان يولنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى ئۆزىڭىز ھېس قىلىڭ. لېكىن بۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. سىز مۇشۇنداق مەسىلىنى ھەل قىلغان چېغىڭىزدا ئىمكانقەدەر ئوخشىمىغان نۇقتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆزىڭىزگە ئاسان بىلىنىدىغان چارە (ساناپ چىقىش) ئارقىلىق ھەل قىلىڭ، ئاندىن ھەممىگە ماس كېلىدىغان چارە (قانۇنىيەت) ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاخىرىدا ئۇنى خۇلاسىلەپ چىقىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن خۇلاسە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، كېيىن مۇشۇنداق مەسىلە ئۇچرىغاندا ئۇنى ساناپ يۈرۈپ ھەل قىلمايسىز. ئۇنى ئىمكانقەدەر ھەممە كىشى كۆرسە چۈشىنەلەيدىغان نەزەرىيە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇڭ. كېيىن بۇ نەزەرىيەگە ئاساسەن ئۆزىڭىز قول سېلىپ ئىشلەڭ ياكى باشقىلارغا تاشلاپ بېرىڭ، كود يېزىلسىلا بۇ مەسىلە ھەل بولغان بولىدۇ. يۇقىرى سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپالىغان بولسىڭىز ياكى يۇقىرىدىكى ھەل قىلىش چارىسىنى چۈشەنگەن بولسىڭىز، بىز يەنە داۋاملىق پىكىر قىلىپ باقايلى.
سوئال: بۈگۈن 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى (جۈمە) بولسا، بىر يىلدىن كېيىن يەنى 2014- يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى بولىدۇ؟ بىر يىل بۇرۇن يەنى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى بولغان ئىدى؟
ئىزاھات: يەنە كالېندار ۋاراقلايمەن ياكى بىرمۇبىر ساناپ چىقىمەن ۋەياكى Excel دا ئىشلەپ باقىمەن دېسىڭىز، ئۈستىدىكى خۇلاسىنى يەنە بىر ئوقۇڭ، ئادەمدە ئازئازدىن بولسىمۇ، ئىلگىرلەش بولمىسا زادى بولمايدۇ.
مەن ئازىراق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەي: ئادەتتە 1 يىل 365 كۈن، كەبىسە يىلى 366 كۈن بولىدۇ، 2012-يىلى كەبىسە يىلى. ئۇنداقتا يۇقىرىقى قانۇنىيەت بويىچە ئويلىنىپ بېقىڭ.
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېلەر يىلى يەنى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە 365 كۈن بولىدۇ. 365 نى 7 گە بۆلگەندە، بۆلۈنمە 52 بولۇپ 1 قالدۇق قالىدۇ. بۇ جۈمە كۈنىدىن 1 كۈن كېيىن ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ دېگەن ئاددىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. جۈمە كۈنىدىن 1 كۈن كېيىنكى كۈن شەنبە بولىدۇ. شۇڭا، كېلەر يىلى يەنە 2014-يىلى (كەبىسە يىلى ئەمەس) 2-ئاينىڭ 15-كۈنى شەنبە بولىدۇ. ئالدىنقى يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇ يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگە 366 كۈن بولىدۇ، چۈنكى 2012-يىلى كەبىسە يىلى بولۇپ، 2-ئاي 29 كۈنلۈك بولىدۇ. 366 نى بۆلگەندە، 2 قالدۇق قالىدۇ. ئالدىنقى يىلىدىكى ھەپتىنى تاپماقچى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، جۈمە كۈنىدىن 2 كۈن بۇرۇنقى كۈن قايسى دېگەن ئاددىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. جۈمە كۈنىدىن 2 كۈن بۇرۇنقى كۈن چارشەنبە بولىدۇ. شۇڭا، 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى چارشەنبە بولىدۇ.
پىروگرامما يازغاندا ئالدى بىلەن شۇ مەسىلىنى ئۆزىمىز چوڭقۇر چۈشىنىپ ، ئۇنى ئىمكانقەدەر ئاددىي بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىپ باقساق بولىدۇ. ئىزدەنمىسەك، بۇ مەسىلە يەنە شۇ پېتى تۇرۇۋېرىدۇ ، قىيىنچىلىق ھەرگىز ئاسانلاشمايدۇ. تىرىشمىساق نەتىجە پۈتۈنلەي 0 بولىدۇ، تىرىشىپ باقساق، نەتىجە پۈتۈنلەي 0 بولۇشى ناتايىن. مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان ياخشى بىر ئىدىيە، پىروگرامما لايىھەلەش تىلىدىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
كالېندارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنايلى، كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىشمۇ بىر دەۋرىيلىك ھەرىكەت، بۇمۇ مۇئەييەن بىر قانۇنىيەتكە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇنداقتا شۇنداق بىر پىروگرامما تۈزۈپ چىقىڭكى خالىغان بىر چېسلانى كىرگۈزۈپ بەرسىڭىز، شۇ كۈنىدىكى كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش ۋاقتىنى ئېنىق ھېسابلاپ بەرسۇن. ناۋادا بۇنى ھېسابلاپ چىقالىسىڭىز، يەر شارىدىكى خالىغان جاينىڭ ناماز ۋاقتىنىمۇ توغرا ھېسابلاپ چىقالايسىز. ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟ ئويلىنىپ بېقىڭ، تەپەككۇر قىلىڭ. جاۋابىڭىزنى ساقلاپ، داۋامىنى داۋاملاشتۇرىمەن.
ئىزاھات: ئازىراق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەي، تۆۋەندىكى رەسىمنى ۋە ئاستىدىكى فورمۇلانى چۈشەندىڭىزمۇ؟
==============
بۇ سوئال تەس كەلگەن ئوخشايدۇ، ھەممىڭلار جىمىپ كەتتىڭلار. ئەمەلىيەتتە پىروگراممېر بولغان كىشى ھەممە نەرسىنى ئۆزۈم ئويلاپ ھەل قىلىمەن دېسە، بەزىدە نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تاماملىمىسىڭىز، ئۇ نەرسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.
يۇقىرىقىدەك نەرسىلەرنى ئۆزىمىز ئويلاپ، فورمۇلاسىنى تۈزۈپ چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنداق ئاممىباب نەرسىلەرنى باشقىلار ئاللىبۇرۇن قىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. توردىن ئىزدىنىپ باقساقلا بولىدۇ. ھازىر قاچان كۈن تۇتۇلىدۇ؟ يەرشارىنىڭ قايسى جايىدا كۈن تۇتۇلۇشىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ؟-دېگەندەك ئىشلار ئىنتايىن ئاددىي مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭ تەييار ھېسابلاش فورمۇلاسى بار. ئۇنى ماتېماتىكا ئالىملىرى خېلى بۇرۇنلا ئېلان قىلغان. بىز پەقەت شۇ فورمۇلانى چۈشۈنۈپ، پىروگرامما تىلىغا ئايلاندۇرساق بولىدۇ. يۇقىرىقى 1-رەسىمدە يەرشارىنىڭ قۇياشنى ئايلانغاندىكى ۋاقىتنىڭ ئېغىش پەرقى بولۇپ، 365 كۈندە ۋاقىت ئوخشاش بولمايدۇ. 2-ئايلاردا 10 نەچچە مىنۇت ئارقىدا قالىدۇ، تەخمىنەن 11-ئايلاردا 10 نەچچە مىنۇت ئالدىغا كېتىدۇ. ئەمما بۇنى زادى چۈشىنىۋالىمەن دەپ ئۆزىڭىزنى زورلىماي، ھازىرچە پەقەت 3-رەسىمدىكى فورمۇلانى چۈشەنسىڭىزلا بولىدۇ. ئۇنى پىروگرامما لايىھەلەش تىلىدا مۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
=========================================
ئۈچىنچى: بىرنەچچە تارماق ئىلىملەرنى پىششىق ئۆگىنىڭ
كومپيۇتېر ئىلىمىدىكى بىرنەچچە تارماقلارنى پىششىق ئۆگىنىڭ، قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. مەسىلەن: تور، ساندان، كېلىشىم، پىروگرامما ھاسىللاش، سانلىق مەلۇمات قۇرۇلمىسى، گىرافىك، سۈنئىي ئىدراك، مەشغۇلات سىستېمىسى، ئىنتېرنېت، تور بېكەت، ھېسابلاش ئۇسۇلى (ئالگورىزىم) ۋە باشقىلار.
بۇ يەردىكى بىرنەچچە تارماقلارنى يەنە سۆزلىسەم بولاتتى، لېكىن چۈشكەن ئىنكاس بويىچە داۋاملاشتۇرىمەن. بولمىسا زېرىكىپ قالماڭلار.
- يازما كۆرۈلۈشى: 14,078 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 02-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:55
- ئالدىنقى يازما :Surface Pro مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى سېتىلىشقا باشلايدۇ
- كېيىنكى يازما :«ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»غا تىزىملىتىش باشلاندى
ئالىم مۇئەللىم، ھېسابلاش ئۇسۇلى،ساندان، تور توغۇرلۇق سۆزلىسىڭىز بولاتتى.
بولىدۇ، يېقىندا ئېچىلماقچى بولغان دەرسلىك پىلانىنى تۈزۈپ سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم، ماۋۇ تېمىنى داۋاملاشتۇرىمەن
ھەقىقەتەن ++C ئىقتىدارى كۈچلۈك بىر تىل. مەنمۇ شۇنداق ئامراقلىق قىلىمەن.
ئالىم مۇئەللىم، سىز قايسى پىروگرامما تىلىغا ھەممىدىن بەك ئامراق؟ مەن ھەممىسىگە ئامراق دەپ جاۋاب بەرمەڭ جۇمۇ، بۇنى ھەممىمىز بىلىمىز. مېنىڭ بىلمەكچى بولغىنىم سىزنىڭ پىروگرامما تىللىرىغا بولغان ئامراقلىقىڭىز قايسى تىلغا بەكرەك ئېغىپ كېتىدۇ؟
ئەلۋەتتە ++C، بۇنى بەك ئۇزۇن ئىشلەتتىم.
مەنمۇ ++c غا ھەرقانداق تىلدىن نەچچە ھەسسە ئامراق، ھېچقانداق پىروگرامما تىلىنى بۇ تىلغا تەڭ قىلمايمەن. چوقۇم ياخشى ئۈگىنەلەيمەن.
ئالىم مۇئەللىم مۇشۇ س پلاس پلاس توغرىسىدا بىر ئۇيغۇرچە دەرسلىك بارمىدۇ؟ بار بولسا تەۋسىيە قىلسىڭىز يوق بولسا كۇرس باشلىغاچ كونسىپىكلارنى رەتلەپ بىر ئىشلەپ قويسىڭىز بوپتىكەن، ئويلىشىپ باقسىڭىز.
ئۇيغۇرچە دەرسلىك يوق، راۋرۇس ئۆگىتەلەيدىغان ئوقۇتقۇچى بار. قېنى بۇنىمۇ ئويلىشارمىز.
ئاندىن يەنە بىر سوئال ، مەتلەبكە بەك قىزىقىمەن ، مەتلەبتىمۇ بىر يۇمشاق دېتال ياساپ چىققىلى بولامدۇ؟ ياكى پەقەت بىر تەقلىدى تەتقىقات قىلىدىغان سۇپىمۇ يا بۇ ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم ، بىزنىڭ ئادەتتە پىروگرامما تۈزۈشتە بىۋاستە قىزىقىدىغىنىمىز تور، ساندان، كېلىشىم، پىروگرامما ھاسىللاش،سۈنئىي ئىدراك، مەشغۇلات سىستېمىسى، ئىنتېرنېت، تور بېكەت، ھېسابلاش ئۇسۇلى قاتىرلىقلار بولغانلىقى ئۈچۈن بولسا بىزگە مۇشۇلارنى ، بولۇپمۇ ئالگورنىزىم توغۇرلۇق يازمىلارنى كۆپرەك يوللاپ بەرگەن بولسىڭىز ، بىزنىڭ مەسىلە ھەل قىلىش ئۇسۇلىمىزغا نىسبەتەب بەكرەك پايدىسى بولاتتى .
بولسا ئاددىراق سەۋىيەدىن باشلانسا ، سىز چۈشەندۈرۈپ ۋە مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ تۇرسىڭىز بىز جاۋاب بىرىپ تۇرساق ، ئاندىن سىز خۇلاسىلەپ بىرىپ يەنە داۋامىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرسىڭىز .
سۈنئىي ئىدىراك :人工智能؟
ئالىم مۇئەللىم،ئىككى سۇئال سورىۋالاي.
1.مېنىڭ ھېسابلاپ چىققان ئۈرۈمچىنىڭ كۈن پېتىش ۋە چىقىش قا مۇناسىۋەتلىك ئويلىغانلىرىم توغرىمۇ؟ ۋاقتچۇ؟
2.بىرىنجى رەسىمدە ۋاقىتنىڭ ئېغىش پەرقىدىن كۈننىڭ چىڭقى چۈشتىكى ۋاقتى ھەر قايسى جايلاردا ئوخشاش بولمايدىكەن، بۇنىڭدىكى ئاساسلىق سەۋەب يەر شارىنىڭ يانتۇ بولغانلىقى شۇنداقمۇ؟
يارشارىنىڭ 20 نەچچە گىرادۇس يانتۇ بولۇشى، قۇياشنى ئايلىنىش ئوربېتاسىنىڭ چەمبەر بولماي ئېللىپىس بولۇشى، يەنە بىرسى ئىنسانلار ئۆزلىرى ياسىۋالغان ۋاقىت ئۆلچەيدىغان سائەت بىلەن ئۆلچىشى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىز بىلمەيدىغان باشقا سەۋەبلەرمۇ بولۇشى مۇمكىن.
ئالىم مۇئەللىم، ئەسلى ئىككىنجى سۇئالنى سورىمىسام بوپتىكەن،نازۇك سۇئال بوپ قاپتۇ، مەقسىتڭىزنى چۈشەندىم.
ئاخىرىدىكى تارماق ئىلىملەر نامىنىڭ ئېنگىلىزچىسى،خەنچىسىنى قوشۇپ، ئازراق ساۋات قوشۇپ قويسىڭىز، ماتىرىيال ئىزدەشكىمۇ، ئاز-تولا چۈشەنچە ھاسىل قىلىشقىمۇ، ئىنكاسنىڭ كۆپىيىشىگىمۇ پايدىسى بولاتتى دەپ ئويلىدىم…[ھىجايغان چىراي ئىپادىسى]…
ئاساسلىقى مۇشۇنى چۈشەنمىدىڭىزغۇ دەيمەن، ھاسىللاش پىرىنسىپى 编译原理
ئاۋۇ كىتابنى نىمكەش كىتابخانىدىن بىرنى سېتىۋالغانىدىم…مېنىڭ ھازىرغىچە ئالگورىزىمنى كۆرسەملا بېشىم قايىدۇ،شۇنداقتىمۇ كىتابتىن بىرنى تېپىپ قويدۇم، مۇشۇ ئاي چوقۇم كۆرۈپ تۈگىتىپ كاللامدا راۋرۇس ئۇقۇم پەيدا قىلمىسام بولمىدى. مېنىڭ ئاۋۇ سۈنئىي ئىدراك توغرىلىق ئاز-تولا بىر نېمە بىلگۈم بار ئىدى…
سۈنئىي ئىدراك دىگەن ئالامەت نەرسە ، مىسال قىلىپ چۈشەندۈرۈپ بېرەي. سىز ئۇچۇر تورىغا چىقسىڭىز نۇرغۇن خىزمەت ئۇچۇرلىرى بار ، شۇنىڭ ئارىسىدا ئۆيدە ئولتۇرۇپ خەت باسىمەن دىگەندەك ئۇچۇرلارمۇ بەك كۆپ ئۇچرايدۇ. ئەمدى بۇنىڭ سۈنئىي ئىدراك بىلەن نېمە مۇناسىۋىتى دېسىڭىز، مۇشۇ سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق بىر كىتابنى رەسىمگە تارتىپلا كونۇپكىنى بىرلا باسسىڭىز كىتابتىكى ھەرپلەر ئۆزىنى بىلىپلا كومپىيوتېرغا تىزىلىپ چىقىدۇ. قولدا بىردىن بىردىن بېسىش كەتمەيدۇ. مۇشۇنداق پروگراممىنى سۈنئىي ئىدراكتا ياسايدۇ.
يەنە بىر ئىشلىتىلىشى سىز ماشىنا ھەيدەۋېتىپ قىزىل چىراقتىن ئۆتۈپ كېتىپ قالدىڭىز، پاراس پۇرۇس قىلىپ رەسىمگە چۈشۈرۈپ قويىدۇ ماشىنىڭىزنى، ئەمدى بۇ رەسىم نەگە بارىدۇ؟
ئەلۋەتتە قاتناش تارماقلىرىنىڭ ئامبىرىغا بارىدۇ، بۇ رەسىمدىن سىزنىڭ ماشىنىڭىز ئىكەنلىكىنى قانداق بىلىدۇ؟ ئەلۋەتتە سۈنئىي ئىدراك ئارقىلىق ،ماشىنىڭىزنىڭ نومۇرىنى ئاپتوماتىك تونۇۋېلىپ سىزگە 6 نومۇرنى كېسىدىغانغا تەييار بولۇپ تۇرىدۇ. چۈشىنىشلىك؟ يەنە چۈشەنمىسىڭىز ئۇيغۇرچە مەنبە بىلىك تورى؛
http://www.bilik.biz/bbs/viewthread.php?tid=12325
http://bbs.bilik.biz/viewthread.php?tid=7138&highlight=ocr
ئالىم مۇئەللىم سىزنىڭ «ئاتلان»دا يېقىندا سۆزلىگەن دوكلادىڭىزنى توردىن كۆرۇش ئىمكانىيتى بارمۇ؟
باشقىلار تۈزگەن پىروگراممىنى ياقتۇرۇپ ئىشلىتىش ماڭا ئەڭ ماس كېلىدىغان ئوخشايدۇ.
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىمكا … مىنىڭ مۇشۇ پروگرامما تۈزۈش بىلىملىرىنى ئۆگىنىشكە ئوتتەك ئىشتىياقىم ھە پولاتتەك قاتتىق ئىرادەم ،ئۆگەتكەن ئىلىم ئېگىسىگە ھاياتىمنى بېغىشلىغۇدەك ئىشتىياقىم بار ئىدى … ھەي … ئەپسۇس ،مەندەك دېھقان بالىسى سەھرالىققا …… ئورۇن يۇق ئوخشايدۇ …. كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى …
قارىغاندا يەنىلا داۋاملىق ئۆزۈم ئۆگىنىپ تۇرسام بولىدىغان ئوخشايدۇ ….
مەنغۇ پىروگرامما يازغاننى كۆرۈپ باققان، پىروگرامما يېزىش ھەققىدە ئېلىپبە ساۋادىم بارمىكىن دەيمەن، بىراق بىلمىسەممۇ مۇشۇنداق «ئەپسۇس، …، كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى،… ۋەھاكازا» دەپ يېلى چىقىپ ماڭماي تۇرۇپ يېلى چىقىپ كېتىدىغان بالوندەك سۆزلەر بىر نەرسە دېگۈزگۈزۈۋېتىدۇ.
^^^^^^^^^^^^^^^^^^^^
ئوتتەك ئىشتىياق، پولاتتەك ئىرادە بولسا ھەمدە لوگىكىلىق پىكىر قىلالىسىڭىزلا كومپيۇتېر پىروگراممىسى تۈزۈشنىڭ ئۆگىنىشنىڭ ئاساسلىق شەرتلىرى ھازىرلىنىپتۇ، ئەگەر تىل ئاساسىڭىز يېتەرلىك بولسا ئىنگلىزچە(خەنزۇچە) قاتارلىق تىللاردىكى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزلۈكىڭىزدىن ئۆگەنسىڭزمۇ بولىدۇ، بىراق يېڭى باشلاش تەس بىلىنىشى مۇمكىن، ئۆزلۈكىڭىزدىن ئۆگەنگەندە ياخشى دەرسلىك ماتېرىيالنى تاللاشمۇ مۇھىم بىر مەسىلە. C# دېگەندەك تىللاردىن باشلاپ كۆرۈپ باقسىڭىز ياخشى بولارمىكىن، قالغىنى داۋاملىق مۇشۇ يەردە باھا يېزىش شەكلىدە سۆزلىشەرمىز.
مەن بۇ ئىنكاسنى يىلىم چىقىپ كىتىپ يازغان ئىنكاس ئەمەس بەلكى بەزى شارائىتلىرىمنىڭ شەرتكە ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ يازدىم ، بۇ يولدا سىزنىڭ يىلىڭىز چىقىپ كەتسىمۇ مىنىڭ يىلىم چىقمايدۇ ،كىم بولۇڭ نىمىدىن خەۋەردار بولۇڭ ،قانچىلىك بىلىڭ ،مەن سىزدىن مەسلەھەت سورىمىدىم ، ھەم سىزگە يېلىنمىدىم ،ھەرقانچە قىيىن كۈنلەر بولسىمۇ مەن ئۆزۈم تىرىشىپ ئۆگىنىمەن ھەم ئۆگىنىۋاتىمەن ،باشقىلارنىڭ ئىنكاسىنى تىگى تەكتىدىن ئېنىق چۈشەنمىگەن بولسىڭىز باشقىلارنىڭ ھېسياتى بىلەن قالايمىقان ئويناشماڭ ،كىشىنىڭ ھېسياتى قىزغىنلىقى بىلەن ، قىزغىنلىقى ئارزۇ نىشان بىلەن ، ئارزۇ نىشان شۇ كىشىنىڭ تەقدىرى ھاياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ،ھەرقانچە بىر نەرسە دىگۈڭىز كەلسىمۇ ئۆزىڭىزنى قارشى تەرەپنىڭ ئورنىغا قويۇپ ئويلاپ بېقىڭ ، قارشى تەرەپنىڭ ھېسياتىنى چۈشۈنۈپ بېقىڭ ،قالايمىقان پىكىر يۈرگۈزمەڭ !!! شۇ ئىقتىساد مەسىلىسى بولمىغان بولسا مەنمۇ بۇنداق سۆزلەرنى قىلىپ ئولتۇرماستىم ؟؟؟ مەزكۇر تېمىغا ۋە بلوگدىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىغا بىرنەچچە قېتىم ئىنكاس يازدىم ئەمما ئالىم ئاكامنىڭ قىممەتلىك ۋاقتى يىتىشمىگەنلىكى سەۋەبىدىن بەلكىم ئىنكاسىمنى كۆرمىگەن بولىشى مۇمكىن ،شۇنىڭ ئۈچۈن …….. مىنىڭ بۇ بىلىمگە ،بۇ كەسىپكە بولغان قىزىقىشىم ۋە ھۆرمىتىم ئىنتايىن چوڭ ،ھەر قېتىم ئالىم ئاكا ۋە ھوشۇر ئىسلام ئاكىلار توغۇرسىدا ئاڭلاپ قالسام ياكى ئوقۇپ قالسام قانچىلىك پەخىرلىنىپ كېتىدىغانلىقىمنى پەقەت ئۆزۈملا بىلىمەن ، سىزچۇ ؟ شۇنچىلىك چىن دىلىڭىزدىن پەخىرلىنىپ باقتىڭىزمۇ ؟ ھېس قىلىپ باقتىڭىزمۇ ؟؟ بۇندىن كىيىن تەپەككۇر ۋە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىڭىزغا دېققەت قىلىڭ ، ئەمدى يىنىكلىك قىلىپ بۇ بلوگغا ئىنكاس يازمايمەن ، چۈنكى ھىچكىمنىڭ كارى يوق كارى بولسىمۇ پەقەت سىزدەكلا دەيدۇ ۋە چۈشىنىدۇ . رەھمەت !!
ئۇيغۇرچە ئوقۇتۇش ماتىرياللىرى بار ئۆگىنىمەن دىسىڭىز چوقۇم ئۆگىنىپ كېتىسىز. تېىخى خەنزۇچە ۋە ئېنگىلىزچىنىمۇ ئۆگىنىپ قالىسىز.
ئۇيغۇرچە ماتىريال ؟ مەن ئۇيغۇرچە ماتىرياللارنى تاپالمىدىم ،مەن پەقەت خەنچە ماتىرياللاردىنلا پايدىلىنىۋاتىمەن ،مەن شۇنچە ئىشتىياق باغلىساممۇ ،پۇرسەت يوق ئىدى ،ئەمدىلەتىن مەزكۇر ماتىرياللار قولۇمغا چۈشۈپ قالدى ،ھازىر ئانچە ئاھىم يوق ،چۈنكى ھازىرچە ئۆگىنىش ماتىريالى بار بولدى .
سىزگە ئامېرىكىلىق بىر مۇئەللىمنىڭ گېپىنى مىسال قىلىپ بېرەي:
پروگرامما تۈزۈشنى ئۈگىنىش ئۈچۈن نېمىلەر كېرەك؟
ستەنفورد ئۇنىۋېتسىتى ئوقۇتقۇچىسى: سىز پەقەت كومپىيوتېرنى ئېچىشنى ھەم تاقاشنى بىلسىڭىزلا پروگراممىر بولالايسىز.
ئالىمكا ياخشىمۇسىز؟ مەن visual studio2012 قاچىلاپ ئىشلىتىپ باقتىم، ئىلگىرى 2005 نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كەلگەن، بۇ يېڭى نۇسخىسىدىن پايدىلىنىپ تور بېكەت كۆزنەك پىروگراممىسىدىن بىرنى يېڭىدىن قۇرسام، سېستىما ئۆزى تۈزۈپ قويغان قېلىپ ھالىتىدە ئېچىلىدىكەن، مەن ئۇ قېلىپنى ئىشلەتمەي ئۆز خائىشىم بويىچە ئىشلەتمەكچى ئىدىم، ئېغىر كۆرمەي ياردەم قىلسىڭىز، ماڭا ئاپپاق بىر بەت ئېچىلسا بولاتتى.
مەن پەقەت ئۈستىدىكى راسىمنى چۈشەندىم ئازراقلا بىر نەرسە ھىس قىلىدىم، ئاستىدىكى رەسىمگە قاراپ بۇۋاقىتنى قانساق چىقرىش كىرەك دىگەننى قاتتىق ئۇيلاپ قالدىم ، قارغاندا ئالىم مۇئەللىم تەربىلەش سىنىپىنىڭ ئىنتاھانسىنى مۇشۇنداق ئالدىغان ئوخشايدۇ .بۇنداق سۇئاللارنى بەزى ئادەملەر بىردەم دە ھال قىلىدۇ ، مەندەك كاللىسى قاتمال چالا پروگىراممىر سەل تەسرەك جۇما ! (ياخشىسى بىر ئويلۇنۇپ باقاي )
ئۈستۈنكى رەسىمنى ياخشى چۈشەندىم ،كۈن چىقىش ۋاقتى بىر يىلدا ئىككى قىتىم ئالدىغا ،ئىككى قىتىم كەينىگە كۈنىگە بىر مىنۇت سۈرۈلىدىكەن.لىكىن كىيىنكى رەسىمدىكىسىدە مىنىڭ پەرىزىمچە گىرادوس ئارقىلىق ئوخشىمىغان جايلارنىڭ ۋاقتىنى ھىساپلاپ چىققىلى بولىدىكەن،بۇنى ئۈستۈنكى قانۇنىيەت بىلەن بىرىكتۈرۈپ ئوخشىمايدىغان جايلارنىڭ ئوخشىمايدىغان كۈنلەردىكى كۈن چىقىش كۈن پىتىش ۋاقىتلىرىنى ھىساپلاپ چىققىلى بولىدىكەن.ئەگەر بىرەيلەن ماڭا كىيىنكى ئىپادىنى چۈشەندۈرەلىسە كودىنى ئۆزۈم يىزىپ چىقاتتىم!
ئالىم مۇئەللىم ،win8 نى قاچىلىغاندىن كىيىن 耳机 ئىشلەتسە ئاۋاز چىقمىدى، لىكىن 耳机 نى ئىلىۋەتسە ئاۋاز نۇرمال چىقىدۇ. 驱动 تونىمىغان ئوخشايدۇ دەپ قارىسام تولۇق تونۇپتۇ بولمىسا ، بۇ نىمە سەۋەپتىن ، قانداق ھەل قىلساق بولا؟
سىز سېستىما قاچىلغاندىن كېيىن قوزغاتقۇچ(驱动) قاچىلغانمىدىڭىز ؟ ئەگەر قاچىلغان بولسىڭىز يۇيۋەتسىڭىز ئوڭشىلدۇ.
مانداق قىلىڭ http://wenku.baidu.com/view/8af32527bcd126fff7050b84.html
ئالىم مۇئەللىم، كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش ۋاقتىنى ئالىي مەكتەپ ئالىي ماتېماتىكا سىدىكى ئۈچ ئۆلچەملىك تەكشىلىك ئۇقۇمى ۋە Wikipedia دىن ماتېريال كۆرۈش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك ئويلاپ باقتىم، لېكىن پروگراممىسىنى يېزىش خىلى تەسكەن.
يەنى يەر مەركىزى O نۇقتىنى ئۈچ ئۆلچەملىك تەكشىلىكنىڭ كوئوردىنات بېشىغا ئۈستمۇ-ئۈست قىلىپ ئورۇنلاشتۇردۇم(ئەسلى سەل قىيپاش ئورۇنلاشتۇرساق بولاتتى)، ئېكۋاتور تەكشىلىكى xy ئوقتا ياتىدۇ، بۇ چاغدا ئۇزۇنلۇق ۋە كەڭلىك گىرادۇسلىرى بەلگىلىنىپ بولغان بولىدۇ ھەمدە xyz ئوق يولىنىشلىرىمۇ بەلگىلىنىدۇ(ئوڭ قول قائىدىسىگە بويسۇنىدۇ).
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقتتا شار سىرتى تەڭلىمىسۇ بار بولىدۇ(رادىئۇسىنى بىر بىرلىك ئالدىم). كۈن چىققان ۋە پاتقان چەمبىەر تەڭلمىسىمۇ بار بولىدۇ، چۈنكى كۈن پېتىش-چىقىش پەقەت y ۋە z ئوققىلا مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ يەنى y^2+z^2=1, بۇ ئارقىلىق z ئوقنىڭ كوئوردىنات ئۆزگىرىشى ۋە كەڭلىك گىرادۇسى مەلۇم قىممەتنى ئالغاندا x,y كوئوردىناتىنى تاپساق كۈن پېتىش ۋە چىقىش ۋاقتىنى ھېسابلىغىلى بولارمىكىن دېدىم. مۇشۇ ئۇسۇل بويچە ئۈرۈمچىنىڭ كۈن پېتىش ۋە چىقىش ۋاقتىنى ھېسابلاپ باقسام تۆۋەندىكىدەك چىقتى . ئۈرۈمچى: كۈن چىقىش ۋاقتى تەخمىنەن 5:02، كۈن پېتىش ۋاقتى تەخمىنەن 7:12 ، ئۈرۈمچى ۋاقتى ئېلىندى.
مۇئەللىم بۇلارنى خىلى تەستە ھېسابلاپ چىقتىم، خاتالىقلار بولسا كۆرسىتىپ بەرسىڭىز
ئۇرۇمچىنىڭ كۇن چىقىش ۋاقتى 6:05،بامداتىنى مۇشۇ ۋاقىتتا ئوقۇيدۇ.كۇن ئولتۇرۇش ۋاقتى 7:12 دىگەن خۇپتەن ۋاقتى.شام بولغاندا كۇن ئولتۇرىدۇ،5:42دە.
مەن يەنە ھېسابلاپ باقاي، لېكىن بۇنچە چوڭ پەرق چىقماسلىقى كىرەكتى.
ئاۋۇ فورمۇلا ئارقىلىق ھېسابلىسىڭىز ئۇنداق بولمايدۇ، خاتا ھېسابلاپ قويۇپسىز.