قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]
قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟
مەن 1991-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى كومپيۇتېر بىلەن تۇنجى ئۇچراشقان كۈنىدىن باشلاپ پىروگرامما يېزىپ كەلدىم. نۇرغۇن پىروگرامما تىلىنى ئۆگەندىم، پىروگرامما ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدىم، بەزىلىرى مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ «ئۇيغۇرسوفت» يۇمشاق دېتاللىرى نامىدا بازارغا يۈزلەندى. ئەلۋەتتە بەزى ئەگرى-توقاي يوللارنىمۇ باستىم، ئەمما ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بۇ كەسىپ بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن. شۇنداقلا يەنە مۇشۇ ساھەگە كىرىشنى ئويلايدىغانلارنى تېخىمۇ توغرا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ تېز نەتىجە يارىتىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. لېكىن بەزىلەرنىڭ يەنە «ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىستىقبالى يوق، بۇ كەسىپ بىلەن جان باققىلى بولمايدۇ، شۇڭا مەن شۇغۇللانمىغان ئىدىم» دېگەن سۆزلەرنى پات-پات ئاڭلاپ تۇرىمەن. ھەتتا نەچچە كۈن ئالدىدا بىرسىدىن شۇنداق سۆزنى يەنە ئاڭلىدىم. ئەگەر جان بېقىش ئۈچۈن بىر كەسىپنى ئۆگىنىش زۆرۈر بولسا، مېنىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جاۋابىم تىلەمچىلىك قىلسىمۇ جان باققىلى بولىدۇ. لېكىن ھەرگىز ئۇنداق قىلىپ سالماڭ. مەيلى قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماڭ ئۆز ھالال تەرىڭىز بىلەن ئىشلىسىڭىز، چوقۇم ھالاۋىتىنى كۆرىسىز.
مەن پەقەت يۇمشاق دېتال كەسپىگە قىزىقىۋاتقان، مەلۇم بىر پىروگرامما لايىھەلەش تىلىنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلار، «ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال سىنىپى»غا قاتنىشىپ بىز بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىپ باقتىم.
بىرىنچى: پىروگرامما تىلىنى پۇختا ئۆگىنىش.
پىروگراممىچى بولىمەن دېسىڭىز، چوقۇم پىروگرامما لايىھەلەش تىلىنى ئۆگىنىسىز. بۇ ھېچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت. ئەمما نۇرغۇن ياشلار قايسى پىروگرامما تىلىنى ئۆگەنسەم بولار؟ قايسى تىل ئەڭ ياخشىدۇ؟ ياكى قايسى تىل ئۆگىنىشكە ئاسانراق؟ – دەپ تولا غەم قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئوخشىمىغان جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، نۇرغۇن ۋاقتىنى بىھۇدە سەرپ قىلىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئالدى بىلەن مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىنى پۇختا ئۆگىنىڭ. مەسىلەن:C/C++ (Java)، C# ياكى Visual Basic .NET نىڭ خالىغان بىرسىنى ئۆگىنىڭ. ئادەتتە مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىدا تۈزۈلگەن يۇمشاق دېتالنى يەنە بىر تىلدىمۇ تۈزۈشكە بولىدۇ. مەلۇم بىر تىل يەنە بىر تىلدىن پەۋقۇلئاددە ياخشى دەيدىغان كۆز قاراشقا ئىشەنمەڭ. ئەمما، بىرنەچچە پىروگرامما تىلىنى ئۆگىنىشكە سەل قارىماڭ. چۈنكى، مەلۇم بىر پىروگرامما تىلى سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولالمايدۇ. تېخنىكىنىڭ ئۆزگىرىشىنى، تەرەققىياتىنى توسۇپ بولالمايمىز. مەن 20 يىلنىڭ ئالدىدا MS-DOS, (Apple-2) Mac, Windows 3.1 مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا تۈزۈپ چىققان نۇرغۇن پىروگراممىلارنى ھازىر ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇ جەرياندا توپلىغان ئەمەلىي تەجرىبەم يېڭى بىر پىروگرامما تىلىنى تېز ئۆگىنىش، مەلۇم بىر مەسىلىنى تېخىمۇ ئاسان يول بىلەن ھەل قىلىشتا ماڭا يېتەكچى بولۇپ كەلدى، سىزگە بېرىلىدىغان تەكلىپىم شۇكى پىروگرامما لايىھەلەش تىلى ئىچىدىن بىرسىنى ئىنتايىن پۇختا ئۆگىنىڭ، قوشۇمچە يەنە 1-2 پىروگرامما تىلىنى بىلىۋېلىڭ.
مەن دائىم بىرقىسىم پىروگرامما سېپىگە كىرىشكەنلەرنىڭ ئاغزىدىن «مەن ئۆگىنىۋاتقان بۇ پىروگرامما تىلىدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن، شۇڭا، مەن باشقا پىروگرامما تىلىنى ئۆگىنىۋاتىمەن»-دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالىمەن. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بىرقىسىم ياشلار ئۆزىنىڭ پىروگرامما تۈزۈش ماھارىتىدىن كۆرمەي، پىروگرامما تىلىغا ئارتىپ قويىدۇ. بۇ خۇددى بىليارت ئوينىغاندا، ئۇرۇقنى تۆشۈككە سولىيالمىسا، بۇ ھاسا بولمايدىكەن دەپ يەنە بىر ھاسىغا ئالماشتۇرغاندەكلا ئىش. ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇنى يەنە «ئاتالمىساڭ ئوقۇڭدىن، چىچالمىساڭ پوقۇڭدىن كۆرمە» دەپتىكەن.
ئىككىنچى: مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى كود يېزىشتىنمۇ مۇھىم
ھەممە نەرسىنى نوقۇل كود يېزىش بىلەن ھەل قىلىمەن دېمەڭ، پىروگرامما لايىھەلەشتە ئويلاش، پىكىر قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپماي تۇرۇپ، مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىغا پىششىق بولۇپ كەتسىڭىزمۇ، كود يازالماي قىينىلىپ تۇرىسىز. يۇمشاق دېتالدا چوڭ تۈرلەرنى تاماملاشتا، بۇلارنى ھەرگىزمۇ بىر ئادەم قىلمايدۇ. لېكىن مەن بۇ يەردە بۇنداق چوڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى چۈشەندۈرمەيمەن.
ھەممە ئادەم پىروگرامما لايىھەلەش تىلىنى ئۆگىنەلىشى مۇمكىن، لېكىن بېرىلگەن مەسىلىنى چۈشىنىش، ھەل قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى پەرق تۈپەيلىدىن ئاخىرقى نەتىجە ئوخشاش بولمايدۇ يەنى بەزىلەر مۇنەۋۋەر پىروگراممېر بولالمايدۇ. بۇ خۇددى ھەممە ئادەم ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنى ئۆگىنىپ ساۋاتىنى چىقىرالايدۇ، لېكىن ئۇيغۇرچە مۇنەۋۋەر ئەسەر يېزىپ بولالمىغاندەكلا ئىش. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئويلاش، كۆپ كۆرۈش، كۆپ مەشىق قىلىش،…قاتارلىق پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. لېكىن بەكمۇ ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ھەممە ئادەمدە ئوخشىمىغان پىكىر قىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ، تۆۋەندىكى مەسىلىنى ھەل قىلالىسىڭىز، سىزدە زور ئۈمىد بار. «ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال تەربىيەلەش سىنىپى»غا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ئۇلاردىن مۇنداق ئىمتىھان ئېلىشىم مۇمكىن.
سوئال: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى (شەنبە)، يەنە 100 كۈندىن كېيىن قىزىم 10 ياشقا كىرىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ كۈنى ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ؟
جاۋابىڭلاردىن باشقا يەنە ھەل قىلىش ئۇسۇلۇڭلارنى ئاڭلاپ باقاي، ئاندىن مەن بۇ تېمىنى مۇشۇ يەردە يەنە داۋاملاشتۇرىمەن.
============== تۆۋەندىكىسى داۋامى (2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى يېزىلدى) ============================
يۇقىرىقى مەسىلىنى پىروگرامما تىلى ئارقىلىق ھەل قىلىمەن دېسىڭىز، شۇ پىروگرامما تىلىنى قوزغىتىپ، كود يېزىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ. ئالدى بىلەن قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىڭىز بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈڭ. ئۆگەنگۈچىلەر ئىمكانقەدەر ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئۆزلىرى ئويلاپ تېپىشى كېرەك. تورداشلار بەس-بەستە ئىنكاس يېزىپ، بۇ مەسىلىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا ھەل قىلىپتۇ، بۇ مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى، سىلەردە ھەقىقەتەن ئۈمىد زور ئىكەن. ئوقۇتقۇچىمۇ يۇقىرىقىدەك ئوخشاش بىر مەسىلىنى ھەرخىل ھەل قىلىش چارىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇشى، ھەرگىزمۇ بىرخىل ئۇسۇلغا ئېسىلىۋالماسلىقى ياكى ئۆز ئىدىيەسىنى مەجبۇرى تاڭماسلىقى كېرەك. ئۆگەنگۈچىلەر بۇ چۈشەندۈرۈشلەر ئىچىدە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئەڭ ياخشى چارىنى قوللانسا، ھازىرچە شۇ ئەڭ ياخشى.
ھەرقانداق ئېگىز تاغقا چىقىدىغان يول بىردىنبىر بولۇشى ناتايىن، بۇ سۆزنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئوخشىمىغان بۇنداق بىرنەچچە يول ئىچىدە ئەڭ ئاسان يولنىڭ بارلىقىغا جەزمەن ئىشىنىڭ، ئۈمىدۋار بولۇڭ. نىشان ئېگىز تاغقا چىقىش، مەقسەتمۇ ئېنىق بولدى. ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلى:
دەسلەپتە 100 كۈندىن كېيىن ھەپتىنىڭ قانچە بولىدىغانلىقىنى بىلمىسىڭىز مەيلى، لېكىن پىكىر قىلىشتىن، تەپەككۇر يۈرگۈزۈشتىن ھۇرۇنلۇق قىلماڭ. ناۋادا قىيىنچىلىق بەك چوڭ دەپ ھېس قىلسىڭىز، ئاز-ئازدىن ھەل قىلىڭ. مەسىلەن: بۈگۈن شەنبە بولسا، 1 كۈندىن كېيىن يەكشەنبە، 2 كۈندىن كېيىن دۈشەنبە بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىڭ (ئەگەر بۇنى بىلمەيمەن دېسىڭىز، 1 مىنۇت كالېندار كۆرۈڭ). يەنە داۋاملىق ئويلىنىپ باقسىڭىز، 7 كۈندىن كېيىن يەنە شەنبە بولۇپ تەكرارلىنىدۇ، 9 كۈندىن كېيىن ئەلۋەتتە يەنە دۈشەنبە بولىدۇ، چۈنكى بىر ھەپتە 7 كۈن بولۇپ تەكرارلىنىدۇ. 7 گە پۈتۈن بۆلۈنسە يەنە شۇ كۈن بولىدۇ. مەسىلەن 7-، 14-، 21-، 28-،…كۈنلىرى يەنە شەنبە بولىدۇ. ئۇنداقتا سىز بۇ مەسىلىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، 9 كۈندىن كېيىن ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ دەپ سوراپ بېقىڭ. بارماقلىرىڭىز ئارقىلىق بىربىرلەپ ساناپ تېپىپ بېقىڭ، ئاندىن 7 بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ھېس قىلىشقا تىرىشىڭ يەنى 9 نى 7 گە بۆلسەك، قالدۇق سان 2 بولىدۇ. بۈگۈن شەنبە بولسا، ئۇنداقتا قالدۇق سان 2 بولغاچقا، بۇ مەسىلە 2 كۈندىن كېيىن ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ دېگەن ئىنتايىن ئاددىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا 9 كۈندىن كېيىن دۈشەنبە بولىدۇ دېگەننى خۇلاسىلەپ چىقىڭ. ئۇنداقتا 100 كۈندىن كېيىن، 1000 كۈندىن كېيىن دېسىمۇ سىز بىربىرلەپ ساناپ يۈرمەيسىز، پەقەت 7 گە بۆلۈپ، قالدۇق ساننى تېپىپ كۆرۈپ باقسىڭىزلا بولىدۇ.
دېمەك بۇ تاغقا چىقىشنىڭمۇ بىرنەچچە يولى بار ئىكەن، ئاسان يولنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى ئۆزىڭىز ھېس قىلىڭ. لېكىن بۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. سىز مۇشۇنداق مەسىلىنى ھەل قىلغان چېغىڭىزدا ئىمكانقەدەر ئوخشىمىغان نۇقتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆزىڭىزگە ئاسان بىلىنىدىغان چارە (ساناپ چىقىش) ئارقىلىق ھەل قىلىڭ، ئاندىن ھەممىگە ماس كېلىدىغان چارە (قانۇنىيەت) ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاخىرىدا ئۇنى خۇلاسىلەپ چىقىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن خۇلاسە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، كېيىن مۇشۇنداق مەسىلە ئۇچرىغاندا ئۇنى ساناپ يۈرۈپ ھەل قىلمايسىز. ئۇنى ئىمكانقەدەر ھەممە كىشى كۆرسە چۈشىنەلەيدىغان نەزەرىيە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇڭ. كېيىن بۇ نەزەرىيەگە ئاساسەن ئۆزىڭىز قول سېلىپ ئىشلەڭ ياكى باشقىلارغا تاشلاپ بېرىڭ، كود يېزىلسىلا بۇ مەسىلە ھەل بولغان بولىدۇ. يۇقىرى سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپالىغان بولسىڭىز ياكى يۇقىرىدىكى ھەل قىلىش چارىسىنى چۈشەنگەن بولسىڭىز، بىز يەنە داۋاملىق پىكىر قىلىپ باقايلى.
سوئال: بۈگۈن 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى (جۈمە) بولسا، بىر يىلدىن كېيىن يەنى 2014- يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى بولىدۇ؟ بىر يىل بۇرۇن يەنى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى بولغان ئىدى؟
ئىزاھات: يەنە كالېندار ۋاراقلايمەن ياكى بىرمۇبىر ساناپ چىقىمەن ۋەياكى Excel دا ئىشلەپ باقىمەن دېسىڭىز، ئۈستىدىكى خۇلاسىنى يەنە بىر ئوقۇڭ، ئادەمدە ئازئازدىن بولسىمۇ، ئىلگىرلەش بولمىسا زادى بولمايدۇ.
مەن ئازىراق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەي: ئادەتتە 1 يىل 365 كۈن، كەبىسە يىلى 366 كۈن بولىدۇ، 2012-يىلى كەبىسە يىلى. ئۇنداقتا يۇقىرىقى قانۇنىيەت بويىچە ئويلىنىپ بېقىڭ.
2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېلەر يىلى يەنى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە 365 كۈن بولىدۇ. 365 نى 7 گە بۆلگەندە، بۆلۈنمە 52 بولۇپ 1 قالدۇق قالىدۇ. بۇ جۈمە كۈنىدىن 1 كۈن كېيىن ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ دېگەن ئاددىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. جۈمە كۈنىدىن 1 كۈن كېيىنكى كۈن شەنبە بولىدۇ. شۇڭا، كېلەر يىلى يەنە 2014-يىلى (كەبىسە يىلى ئەمەس) 2-ئاينىڭ 15-كۈنى شەنبە بولىدۇ. ئالدىنقى يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇ يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگە 366 كۈن بولىدۇ، چۈنكى 2012-يىلى كەبىسە يىلى بولۇپ، 2-ئاي 29 كۈنلۈك بولىدۇ. 366 نى بۆلگەندە، 2 قالدۇق قالىدۇ. ئالدىنقى يىلىدىكى ھەپتىنى تاپماقچى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، جۈمە كۈنىدىن 2 كۈن بۇرۇنقى كۈن قايسى دېگەن ئاددىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. جۈمە كۈنىدىن 2 كۈن بۇرۇنقى كۈن چارشەنبە بولىدۇ. شۇڭا، 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى چارشەنبە بولىدۇ.
پىروگرامما يازغاندا ئالدى بىلەن شۇ مەسىلىنى ئۆزىمىز چوڭقۇر چۈشىنىپ ، ئۇنى ئىمكانقەدەر ئاددىي بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىپ باقساق بولىدۇ. ئىزدەنمىسەك، بۇ مەسىلە يەنە شۇ پېتى تۇرۇۋېرىدۇ ، قىيىنچىلىق ھەرگىز ئاسانلاشمايدۇ. تىرىشمىساق نەتىجە پۈتۈنلەي 0 بولىدۇ، تىرىشىپ باقساق، نەتىجە پۈتۈنلەي 0 بولۇشى ناتايىن. مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان ياخشى بىر ئىدىيە، پىروگرامما لايىھەلەش تىلىدىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.
كالېندارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنايلى، كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىشمۇ بىر دەۋرىيلىك ھەرىكەت، بۇمۇ مۇئەييەن بىر قانۇنىيەتكە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇنداقتا شۇنداق بىر پىروگرامما تۈزۈپ چىقىڭكى خالىغان بىر چېسلانى كىرگۈزۈپ بەرسىڭىز، شۇ كۈنىدىكى كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش ۋاقتىنى ئېنىق ھېسابلاپ بەرسۇن. ناۋادا بۇنى ھېسابلاپ چىقالىسىڭىز، يەر شارىدىكى خالىغان جاينىڭ ناماز ۋاقتىنىمۇ توغرا ھېسابلاپ چىقالايسىز. ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟ ئويلىنىپ بېقىڭ، تەپەككۇر قىلىڭ. جاۋابىڭىزنى ساقلاپ، داۋامىنى داۋاملاشتۇرىمەن.
ئىزاھات: ئازىراق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەي، تۆۋەندىكى رەسىمنى ۋە ئاستىدىكى فورمۇلانى چۈشەندىڭىزمۇ؟
==============
بۇ سوئال تەس كەلگەن ئوخشايدۇ، ھەممىڭلار جىمىپ كەتتىڭلار. ئەمەلىيەتتە پىروگراممېر بولغان كىشى ھەممە نەرسىنى ئۆزۈم ئويلاپ ھەل قىلىمەن دېسە، بەزىدە نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تاماملىمىسىڭىز، ئۇ نەرسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.
يۇقىرىقىدەك نەرسىلەرنى ئۆزىمىز ئويلاپ، فورمۇلاسىنى تۈزۈپ چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنداق ئاممىباب نەرسىلەرنى باشقىلار ئاللىبۇرۇن قىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. توردىن ئىزدىنىپ باقساقلا بولىدۇ. ھازىر قاچان كۈن تۇتۇلىدۇ؟ يەرشارىنىڭ قايسى جايىدا كۈن تۇتۇلۇشىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ؟-دېگەندەك ئىشلار ئىنتايىن ئاددىي مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭ تەييار ھېسابلاش فورمۇلاسى بار. ئۇنى ماتېماتىكا ئالىملىرى خېلى بۇرۇنلا ئېلان قىلغان. بىز پەقەت شۇ فورمۇلانى چۈشۈنۈپ، پىروگرامما تىلىغا ئايلاندۇرساق بولىدۇ. يۇقىرىقى 1-رەسىمدە يەرشارىنىڭ قۇياشنى ئايلانغاندىكى ۋاقىتنىڭ ئېغىش پەرقى بولۇپ، 365 كۈندە ۋاقىت ئوخشاش بولمايدۇ. 2-ئايلاردا 10 نەچچە مىنۇت ئارقىدا قالىدۇ، تەخمىنەن 11-ئايلاردا 10 نەچچە مىنۇت ئالدىغا كېتىدۇ. ئەمما بۇنى زادى چۈشىنىۋالىمەن دەپ ئۆزىڭىزنى زورلىماي، ھازىرچە پەقەت 3-رەسىمدىكى فورمۇلانى چۈشەنسىڭىزلا بولىدۇ. ئۇنى پىروگرامما لايىھەلەش تىلىدا مۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.
=========================================
ئۈچىنچى: بىرنەچچە تارماق ئىلىملەرنى پىششىق ئۆگىنىڭ
كومپيۇتېر ئىلىمىدىكى بىرنەچچە تارماقلارنى پىششىق ئۆگىنىڭ، قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. مەسىلەن: تور، ساندان، كېلىشىم، پىروگرامما ھاسىللاش، سانلىق مەلۇمات قۇرۇلمىسى، گىرافىك، سۈنئىي ئىدراك، مەشغۇلات سىستېمىسى، ئىنتېرنېت، تور بېكەت، ھېسابلاش ئۇسۇلى (ئالگورىزىم) ۋە باشقىلار.
بۇ يەردىكى بىرنەچچە تارماقلارنى يەنە سۆزلىسەم بولاتتى، لېكىن چۈشكەن ئىنكاس بويىچە داۋاملاشتۇرىمەن. بولمىسا زېرىكىپ قالماڭلار.
- يازما كۆرۈلۈشى: 14,066 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 02-ئاينىڭ 14-كۈنى am 11:55
- ئالدىنقى يازما :Surface Pro مۇشۇ ئاينىڭ 9-كۈنى سېتىلىشقا باشلايدۇ
- كېيىنكى يازما :«ئۇيغۇرسوفت تەربىيەلەش سىنىپى»غا تىزىملىتىش باشلاندى
ئەسسەلامۇ ئەلەيكۇم مۇئەللىم مەن مەنمۇ پىروگىرامما بىلىملىرىگە بەك قىزىقىمەن لىكىن مىنىڭ خەنزۇ تىلى ياكى ئىنگىلىز تىلىدىن ھىچقانداق ساۋادىم يوق مۇشۇنداق ئەھۋالدا سىنىپىڭىزغا كىرەلەمدىم يوق؟ سوراپ باقاي دىگەن
جاۋابىڭىزنى كۈتىمەن
ئەسسالامۇئەلەيكۇم !
مۇئەللىم بىر مەسىلىنى سوراي دېگەن ئىدىم. ئادەتتە كۆپ ۋاقىتلاردا بىز 10 لۇق سېستىما ۋە 16 لىك سېستىما دېگەن گەپلەنى كۆپرەك ئىشلىتىمىز. ئەمما مۇشۇ 8 لىك سېستىمىنىڭ زادى ئايرىم 8 لىك سېستىما دەپ ئايرىلىشىدىكى سەۋەب نېمە ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار؛
بۇ يەردە ئالىم مۇئەللىم كۆپچىلىكنىڭ مەلۇم بىر مەسىلنى پىروگرامما تىلى بىلەن قانداق ھەل قىلىشنىڭ يولىنى تەپەككۈر قىلىپ بېقىشقا ئۈندەش ئۈچۈن يۇقارقى سۇئالنى تاشلاپتۇ…
توغۇلغان كۈندە ئۇنى قىلدىڭ، بۇنى قىلدىڭ دەپ ئەيىپلىمەڭلار…
ھەقىققەتەن بىر ئىشنى ھەل قىلىشنىڭ نۇرغۇن يولى بولىدۇ، خۇددى جان بېقىشنىڭمۇ نۇرغۇن يولى بولغاندەك…
ئەگەر ئالىم مۇئەللىمگە جەريان كىرەك بولسا ھەل قىلىش يولىنى ئوتتۇرغا قويغانلار قالتىش ئىش قىپتۇ….. (بۇ مۇ مۇئەللىمنىڭ ئۈمىد قىلدىغىنى بولسا كىرەك..)
ئەگەر جەريان كىرەك ئەمەس دىيىلسە…. (ئەمەلىيەتتە بۇنداق ھېساپلاشنىڭ بىردىن ئارتۇق يولى يوق، لىكىن بۇمۇ پىكىر قىلمىغاندىن كۆپ ياخشى….) كومپىيۇتېرنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى سائەتنىڭ رەسىمنى چېكىپ ئانچە-مۇنچە بېسپلا قويساق جاۋاپنى تاپالايمىز….
گەرچە بۇ ئەڭ توغرا ، ئەڭ ئاسان تاپقان، تەپەككۇر تەلەپ قىلمايدىغان جاۋاپ بولسىمۇ 100كۈنگىچە ساقلاپ تۇرغاندىن جىق ياخشى…
يەنە بىرسىگە بولسا :
int day = 5 + 365;
day%=7;
مەن C تىلى ئىشلەتتىم ..كۈرۈپ بېقىڭلارچۇ :
int day=6;
day+= 100%7;
day%=7;
يېزىپ كۈرۈپ بېقىڭ …ناھايتى ئاددىي ھە….
ئالىم مۇئەللىم مەن بۇرۇندىن كومپيۇتىر غا قىزىقاتتىم،ھازىر ھىسابلاپ كۆرسەم مۇشۇ كومپيۇتىر بىلەن ئۇچراشقىلى 13يىل بوپتۇ،بىراق بۇ 13يىلدا راسىت گەپنى قىلغاندا ھىچقانداق بىرنەرسە ئۆگەنمەپتىمەن بولمىسىغۇ كومپيۇتىردا ئۇيۇنمۇ ئوينىمايمەن بىرمەزگىل توربەت بىلەنمۇ شۇغۇنللىنىپمۇ باقتىم توربەت تەرجىمە قىلىپمۇ باقتىم بولمىسىغۇ توربەتنىڭ بەزى كودلىرىنى ئازراق چۈشىنەلەيمەن يەنى 13يىلدا ئۆگەنگىنىم مۇشۇ بوپتۇ يەنە كومپيۇتىر نى تورغا ئۇلاش بىرنەچچە كومپيۇتىرنى تورلاشتۇرۇش دىگەندەك كىچىك بالىلارنىڭ ئىشىنى قىلالايمەن ،كومپيۇتىر تىللىرىدىن مەخسۇس بىرسىنى تۇتۇپ .ئۆگۈنەي دىگەن بىراق كىتابقا قاراپلا بېشىم ئايلىنىپ كەتتى ھازىر راسىت گەپنى قىلغاندا مىنىڭ بىكار ۋاقتىم كۆپرەك بىراق ھازىر خىزمىتىم بولغاچقا خىزمەتتىن ئايرىلىپ بىرەر يەرگە بېرىپ ئوقۇشقا پۇرسەت يوق شۇڭا مىنىڭ دىمەكچى بولغىنىم بولسا سىزنىڭ دەرىس سۆزلىگەندىكى سۈرەتلىك ماتىرىياللارنى تورغا يوللىغىلى بولغان بولسا ھەقلىق بولسىمۇ بولاتتى بىزدەك بېرىپ ئۆگۈنۈشكە پۇرسەت يوقلار ياخشى بولاتتى شۇڭا بۇنى بىر ئويلاپ باققان بولسىڭىز.
بولىدۇ، كېيىنچە ئويلىشىپ باقارمىز.
مەنمۇ VB.Net دىن يېزىپ باقاي.
Dim Day() As String = {”Yekshenbe“, ”Düshenbe“, ”Seyshenbe“, ”Charshenbe“, ”Peyshenbe“, ”Jüme“, ”Shenbe“}
Dim DaysNum As Integer = InputBox(”Hisablimaqchi bolghan kün sanini kirgüzüng“, ”Input“)
Debug.Print(Day(((DateTime.Now.DayOfWeek + DaysNum Mod 7)) Mod 7))
بۇ كود ئاۋال كومپيوتېردىكى چېسلا ئۇچۇرىنى ئوقۇپ، ئاندىن كىرگۈزگەن سانغا ئاساسەن، ھەپتە كۈنىنى چىقىرىپ بىرىدۇ. شۇڭا توغرا نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن، كومپيوتېرنىڭ ۋاقتى توغرا بولۇشى شەرت.
,قانداق قىلغاندا پىروگېرامما تۈزۈشنى ۈگەنگىلى بولىدۇ ؟ قانداق شەرىتلەرنى ھازىرلىشىم كىرەك؟
دىمەكچىمەنكى — ئاۋۋال ئاۋۇ دەرىسلىكنى ئۈگىنىش ئارقىلىق مەلۇم ئۈنۈمگە يەتكىلى بولىدىغاندۇ ؟
مۇختەر روزىنىڭ WB6.0 دەرىسلىگى شۇدۇ ؟
سوئال: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى (شەنبە)، يەنە 100 كۈندىن كېيىن قىزىم 10 ياشقا كىرىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ كۈنى ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ؟ دېگەن سۇئالنى java دا مۇنداق ھېسابلاپ چىقاردىم.
public class Yuz{
public static void main (String args [])
{
int i=100;
int j=7;
int a=i%j;
switch (a)
{
case 1:
System.out.print(”yakxanba“);
break;
case 2:
System.out.print(”duxanba“);
break;
}
}
}
ھېسابلىسام قالدۇق 2 چىقتى شۇڭا ئاخىرنى يازمىدىم
نېمە دەپ قالدۇق 1، 2 بولغان ئەھۋالنى تەكشۈردىڭىز؟ بىر ساننى 7 گە بۆلگەندە قالدۇق، 0، 1، 2، 3، 4، 5، 6 بولۇشى مۇمكىن. شۇڭا، بۇ پىروگرامما ياخشى تۈزۈلمىگەن، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا يېتەرسىزلىك بار. كود يېزىشقا ئالدىراپ كەتمەڭلار. مەسىلىنى تولۇق چۈشىنىپ، ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقىڭلار.
مۇشۇنداق تېمىنى سىزنىڭ تور بېتىڭىزدە كۆرۈپ شۇنچە خوش بولدۇم. بىر خىل پروگرامما قىزغىنلىقى يوقاپ كىتىپ بارغاندەك بىلىنەتتى ماڭا. ئىشەنسىڭىز سىزنىڭ تەسىرىڭىز شىنجاڭدىكى پروگرامما ھەۋەسكارلىرىغا تەسىرى خېلە بولىدۇ. ئاددىسى ماڭىمۇ شۇنداق. بولسا ئۆزىڭىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭىزمۇ مۇشۇ ئىشلار بولغاندىكىن ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن مۇشۇنداق تېما. ئايدا بىرسى بولسىمۇ ھىساپ. يېڭىدىن پروگرامما ئۆگەگۈچىلەرنى ئىدىيە جەھەتتن يىتەكلەپ مېڭىشمۇ مۇھىم ئىش. بۇنداق ئىدىيەنى يەنىلا كەسىپى كىشىلەر سىڭدۈرسە تېخىمۇ ئۈنىمى ياخشى بولىدۇ. مۇشۇ باھانىدە بۇ قۇشۇن يەنە بىر باسقۇچ كۆپىيىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.ئاللاھ ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن.
ئالىم مۇئەللىم، ماۋۇ تېمىڭىز توختاپ قالمىسا بولاتتى، كۈندە قارايمەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا surface pro غا win8 دىن باشقا باشقا سېستىمىلارنى قاچىلغىلى بۇلىدىكەن،مەسىلەن ubuntu دىگەندەك ..بۇ راستمۇ؟
سالام ئالىم مۇئەللىم!
بۇ ئىنكاسنى نەگە يېزىشىمنى پەقەت بىلەلمەي،مۇشۇ يېڭى تېمىغا يېزىشقا مەجبۇر بولدۇم.توغرا چۈشەنگەيسىز!
ئىككى كۈن بولدى،www.udict.cnنىڭ ئېچىلىشى تازا نورمال ئەمەس،سەھەردە نورمال ئېچىلىدۇ،كەچلەردە قېتىۋېلىپ تۇرۇپ كېتىدۇ.بىر نەچچە تور كۆرگۈچتە سىناپ باقتىم ،ئوخشاش.
بىرەرسى ئېتىشىۋاتامدۇ-نېمە؟، مەن قاراپ باقاي، رەھمەت سىزگە.
ئەتىگەن سائەت 7 دىن كېچە سائەت 1 لەرگىچە نورمال، ئۇدا ئۈچ كۈن سىناپ باقتىم.كېچە سائەت 2 لەردىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاساسەن 4-3 سائەت رايون بۆلگۈچى سىزىقتىن باشقا ھېچقانداق مەزمۇن يوق.
بېشىڭىزنى ئاغرىتىپ كەتكەن بولسام،ئۆزرە سورايمەن،مۇئەللىم!
ئامان بولۇڭ ، رەھمەت !