نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى  >  يازما كۆرۈش

قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى ]


قانداق قىلغاندا پىروگراممېر بولغىلى بولىدۇ؟

مەن 1991-يىلى 10-ئاينىڭ 19-كۈنى كومپيۇتېر بىلەن تۇنجى ئۇچراشقان كۈنىدىن باشلاپ پىروگرامما يېزىپ كەلدىم. نۇرغۇن پىروگرامما تىلىنى ئۆگەندىم، پىروگرامما ئارقىلىق نۇرغۇن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدىم، بەزىلىرى مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ «ئۇيغۇرسوفت» يۇمشاق دېتاللىرى نامىدا بازارغا يۈزلەندى. ئەلۋەتتە بەزى ئەگرى-توقاي يوللارنىمۇ باستىم، ئەمما ئۆزۈم ياخشى كۆرىدىغان بۇ كەسىپ بىلەن ئىزچىل شۇغۇللىنىپ كېلىۋاتىمەن. شۇنداقلا يەنە مۇشۇ ساھەگە كىرىشنى ئويلايدىغانلارنى تېخىمۇ توغرا يېتەكلەپ، ئۇلارنىڭ تېز نەتىجە يارىتىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن. لېكىن بەزىلەرنىڭ يەنە «ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتاللارنىڭ ئىستىقبالى يوق، بۇ كەسىپ بىلەن جان باققىلى بولمايدۇ، شۇڭا مەن شۇغۇللانمىغان ئىدىم» دېگەن سۆزلەرنى پات-پات ئاڭلاپ تۇرىمەن. ھەتتا نەچچە كۈن ئالدىدا بىرسىدىن شۇنداق سۆزنى يەنە ئاڭلىدىم. ئەگەر جان بېقىش ئۈچۈن بىر كەسىپنى ئۆگىنىش زۆرۈر بولسا، مېنىڭ ئۇلارغا بېرىدىغان جاۋابىم تىلەمچىلىك قىلسىمۇ جان باققىلى بولىدۇ. لېكىن ھەرگىز ئۇنداق قىلىپ سالماڭ. مەيلى قايسى كەسىپ بىلەن شۇغۇللانماڭ ئۆز ھالال تەرىڭىز بىلەن ئىشلىسىڭىز، چوقۇم ھالاۋىتىنى كۆرىسىز.

مەن پەقەت يۇمشاق دېتال كەسپىگە قىزىقىۋاتقان، مەلۇم بىر پىروگرامما لايىھەلەش تىلىنى ئۆگىنىشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلار، «ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال سىنىپى»غا قاتنىشىپ بىز بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشنى خالايدىغانلار ئۈچۈن بۇ تېمىنى يېزىپ باقتىم.

بىرىنچى: پىروگرامما تىلىنى پۇختا ئۆگىنىش.

پىروگراممىچى بولىمەن دېسىڭىز، چوقۇم پىروگرامما لايىھەلەش تىلىنى ئۆگىنىسىز. بۇ ھېچقانداق مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان پاكىت. ئەمما نۇرغۇن ياشلار قايسى پىروگرامما تىلىنى ئۆگەنسەم بولار؟ قايسى تىل ئەڭ ياخشىدۇ؟ ياكى قايسى تىل ئۆگىنىشكە ئاسانراق؟ – دەپ تولا غەم قىلىپ، باشقىلارنىڭ ئوخشىمىغان جاۋابلىرىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ جىددىيلىشىپ، نۇرغۇن ۋاقتىنى بىھۇدە سەرپ قىلىدۇ. ئېسىڭىزدە بولسۇن، ئالدى بىلەن مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىنى پۇختا ئۆگىنىڭ. مەسىلەن:C/C++ (Java)، C# ياكى Visual Basic .NET نىڭ خالىغان بىرسىنى ئۆگىنىڭ. ئادەتتە مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىدا تۈزۈلگەن يۇمشاق دېتالنى يەنە بىر تىلدىمۇ تۈزۈشكە بولىدۇ. مەلۇم بىر تىل يەنە بىر تىلدىن پەۋقۇلئاددە ياخشى دەيدىغان كۆز قاراشقا ئىشەنمەڭ. ئەمما، بىرنەچچە پىروگرامما تىلىنى ئۆگىنىشكە سەل قارىماڭ. چۈنكى، مەلۇم بىر پىروگرامما تىلى سىزگە بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولالمايدۇ. تېخنىكىنىڭ ئۆزگىرىشىنى، تەرەققىياتىنى توسۇپ بولالمايمىز. مەن 20 يىلنىڭ ئالدىدا MS-DOS, (Apple-2) Mac, Windows 3.1 مەشغۇلات سىستېمىلىرىدا تۈزۈپ چىققان نۇرغۇن پىروگراممىلارنى ھازىر ئىشلەتكىلى بولمايدۇ. ئەمما بۇ جەرياندا توپلىغان ئەمەلىي تەجرىبەم يېڭى بىر پىروگرامما تىلىنى تېز ئۆگىنىش، مەلۇم بىر مەسىلىنى تېخىمۇ ئاسان يول بىلەن ھەل قىلىشتا ماڭا يېتەكچى بولۇپ كەلدى، سىزگە بېرىلىدىغان تەكلىپىم شۇكى پىروگرامما لايىھەلەش تىلى ئىچىدىن بىرسىنى ئىنتايىن پۇختا ئۆگىنىڭ، قوشۇمچە يەنە 1-2 پىروگرامما تىلىنى بىلىۋېلىڭ.
مەن دائىم بىرقىسىم پىروگرامما سېپىگە كىرىشكەنلەرنىڭ ئاغزىدىن «مەن ئۆگىنىۋاتقان بۇ پىروگرامما تىلىدا بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولمايدىكەن، شۇڭا، مەن باشقا پىروگرامما تىلىنى ئۆگىنىۋاتىمەن»-دېگەنلىرىنى ئاڭلاپ قالىمەن. ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق بىرقىسىم ياشلار ئۆزىنىڭ پىروگرامما تۈزۈش ماھارىتىدىن كۆرمەي، پىروگرامما تىلىغا ئارتىپ قويىدۇ. بۇ خۇددى بىليارت ئوينىغاندا، ئۇرۇقنى تۆشۈككە سولىيالمىسا، بۇ ھاسا بولمايدىكەن دەپ يەنە بىر ھاسىغا ئالماشتۇرغاندەكلا ئىش. ئاتا-بوۋىلىرىمىز بۇنى يەنە «ئاتالمىساڭ ئوقۇڭدىن، چىچالمىساڭ پوقۇڭدىن كۆرمە» دەپتىكەن.

ئىككىنچى: مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسى كود يېزىشتىنمۇ مۇھىم

ھەممە نەرسىنى نوقۇل كود يېزىش بىلەن ھەل قىلىمەن دېمەڭ، پىروگرامما لايىھەلەشتە ئويلاش، پىكىر قىلىش ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. مەسىلىنى ھەل قىلىش چارىسىنى تاپماي تۇرۇپ، مەلۇم بىر پىروگرامما تىلىغا پىششىق بولۇپ كەتسىڭىزمۇ، كود يازالماي قىينىلىپ تۇرىسىز. يۇمشاق دېتالدا چوڭ تۈرلەرنى تاماملاشتا، بۇلارنى ھەرگىزمۇ بىر ئادەم قىلمايدۇ. لېكىن مەن بۇ يەردە بۇنداق چوڭ يۇمشاق دېتال قۇرۇلۇشىنى چۈشەندۈرمەيمەن.
ھەممە ئادەم پىروگرامما لايىھەلەش تىلىنى ئۆگىنەلىشى مۇمكىن، لېكىن بېرىلگەن مەسىلىنى چۈشىنىش، ھەل قىلىش ئۇسۇلى جەھەتتىكى پەرق تۈپەيلىدىن ئاخىرقى نەتىجە ئوخشاش بولمايدۇ يەنى بەزىلەر مۇنەۋۋەر پىروگراممېر بولالمايدۇ. بۇ خۇددى ھەممە ئادەم ئۇيغۇر تىلى ئېلىپبەسىنى ئۆگىنىپ ساۋاتىنى چىقىرالايدۇ، لېكىن ئۇيغۇرچە مۇنەۋۋەر ئەسەر يېزىپ بولالمىغاندەكلا ئىش. بۇنىڭ ئۈچۈن كۆپ ئويلاش، كۆپ كۆرۈش، كۆپ مەشىق قىلىش،…قاتارلىق پىكىر قىلىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. لېكىن بەكمۇ ئەنسىرەپ كەتمەڭ، ھەممە ئادەمدە ئوخشىمىغان پىكىر قىلىش ئىقتىدارى بولىدۇ، تۆۋەندىكى مەسىلىنى ھەل قىلالىسىڭىز، سىزدە زور ئۈمىد بار. «ئۇيغۇرسوفت يۇمشاق دېتال تەربىيەلەش سىنىپى»غا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلغاندا، ئۇلاردىن مۇنداق ئىمتىھان ئېلىشىم مۇمكىن.

سوئال: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى (شەنبە)، يەنە 100 كۈندىن كېيىن قىزىم 10 ياشقا كىرىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ كۈنى ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ؟
جاۋابىڭلاردىن باشقا يەنە ھەل قىلىش ئۇسۇلۇڭلارنى ئاڭلاپ باقاي، ئاندىن مەن بۇ تېمىنى مۇشۇ يەردە يەنە داۋاملاشتۇرىمەن.

============== تۆۋەندىكىسى داۋامى (2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى يېزىلدى) ============================

يۇقىرىقى مەسىلىنى پىروگرامما تىلى ئارقىلىق ھەل قىلىمەن دېسىڭىز، شۇ پىروگرامما تىلىنى قوزغىتىپ، كود يېزىشقا ئالدىراپ كەتمەڭ. ئالدى بىلەن قىلىدىغان بىرىنچى ئىشىڭىز بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىش ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈڭ. ئۆگەنگۈچىلەر ئىمكانقەدەر ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئۆزلىرى ئويلاپ تېپىشى كېرەك. تورداشلار بەس-بەستە ئىنكاس يېزىپ، بۇ مەسىلىنى ھەر خىل ئۇسۇلدا ھەل قىلىپتۇ، بۇ مېنى ئىنتايىن خۇشال قىلدى، سىلەردە ھەقىقەتەن ئۈمىد زور ئىكەن. ئوقۇتقۇچىمۇ يۇقىرىقىدەك ئوخشاش بىر مەسىلىنى ھەرخىل ھەل قىلىش چارىلىرىنى سېلىشتۇرۇپ، چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدىغان بولۇشى، ھەرگىزمۇ بىرخىل ئۇسۇلغا ئېسىلىۋالماسلىقى ياكى ئۆز ئىدىيەسىنى مەجبۇرى تاڭماسلىقى كېرەك. ئۆگەنگۈچىلەر بۇ چۈشەندۈرۈشلەر ئىچىدە ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ئەڭ ياخشى چارىنى قوللانسا، ھازىرچە شۇ ئەڭ ياخشى.

ھەرقانداق ئېگىز تاغقا چىقىدىغان يول بىردىنبىر بولۇشى ناتايىن، بۇ سۆزنى ئاڭلىغىنىڭىزدا ئوخشىمىغان بۇنداق بىرنەچچە يول ئىچىدە ئەڭ ئاسان يولنىڭ بارلىقىغا جەزمەن ئىشىنىڭ، ئۈمىدۋار بولۇڭ. نىشان ئېگىز تاغقا چىقىش، مەقسەتمۇ ئېنىق بولدى. ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە كېلەيلى:
دەسلەپتە 100 كۈندىن كېيىن ھەپتىنىڭ قانچە بولىدىغانلىقىنى بىلمىسىڭىز مەيلى، لېكىن پىكىر قىلىشتىن، تەپەككۇر يۈرگۈزۈشتىن ھۇرۇنلۇق قىلماڭ. ناۋادا قىيىنچىلىق بەك چوڭ دەپ ھېس قىلسىڭىز، ئاز-ئازدىن ھەل قىلىڭ. مەسىلەن: بۈگۈن شەنبە بولسا، 1 كۈندىن كېيىن يەكشەنبە، 2 كۈندىن كېيىن دۈشەنبە بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىڭ (ئەگەر بۇنى بىلمەيمەن دېسىڭىز، 1 مىنۇت كالېندار كۆرۈڭ). يەنە داۋاملىق ئويلىنىپ باقسىڭىز، 7 كۈندىن كېيىن يەنە شەنبە بولۇپ تەكرارلىنىدۇ، 9 كۈندىن كېيىن ئەلۋەتتە يەنە دۈشەنبە بولىدۇ، چۈنكى بىر ھەپتە 7 كۈن بولۇپ تەكرارلىنىدۇ. 7 گە پۈتۈن بۆلۈنسە يەنە شۇ كۈن بولىدۇ. مەسىلەن 7-، 14-، 21-، 28-،…كۈنلىرى يەنە شەنبە بولىدۇ. ئۇنداقتا سىز بۇ مەسىلىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، 9 كۈندىن كېيىن ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ دەپ سوراپ بېقىڭ. بارماقلىرىڭىز ئارقىلىق بىربىرلەپ ساناپ تېپىپ بېقىڭ، ئاندىن 7 بىلەن قانداق مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ھېس قىلىشقا تىرىشىڭ يەنى 9 نى 7 گە بۆلسەك، قالدۇق سان 2 بولىدۇ. بۈگۈن شەنبە بولسا، ئۇنداقتا قالدۇق سان 2 بولغاچقا، بۇ مەسىلە 2 كۈندىن كېيىن ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ دېگەن ئىنتايىن ئاددىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا 9 كۈندىن كېيىن دۈشەنبە بولىدۇ دېگەننى خۇلاسىلەپ چىقىڭ. ئۇنداقتا 100 كۈندىن كېيىن، 1000 كۈندىن كېيىن دېسىمۇ سىز بىربىرلەپ ساناپ يۈرمەيسىز، پەقەت 7 گە بۆلۈپ، قالدۇق ساننى تېپىپ كۆرۈپ باقسىڭىزلا بولىدۇ.

دېمەك بۇ تاغقا چىقىشنىڭمۇ بىرنەچچە يولى بار ئىكەن، ئاسان يولنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى ئۆزىڭىز ھېس قىلىڭ. لېكىن بۇنىڭ بىلەن ئىش پۈتمەيدۇ. سىز مۇشۇنداق مەسىلىنى ھەل قىلغان چېغىڭىزدا ئىمكانقەدەر ئوخشىمىغان نۇقتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئۆزىڭىزگە ئاسان بىلىنىدىغان چارە (ساناپ چىقىش) ئارقىلىق ھەل قىلىڭ، ئاندىن ھەممىگە ماس كېلىدىغان چارە (قانۇنىيەت) ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئاخىرىدا ئۇنى خۇلاسىلەپ چىقىڭ. ئېسىڭىزدە بولسۇن خۇلاسە قىلىش ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، كېيىن مۇشۇنداق مەسىلە ئۇچرىغاندا ئۇنى ساناپ يۈرۈپ ھەل قىلمايسىز. ئۇنى ئىمكانقەدەر ھەممە كىشى كۆرسە چۈشىنەلەيدىغان نەزەرىيە قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇڭ. كېيىن بۇ نەزەرىيەگە ئاساسەن ئۆزىڭىز قول سېلىپ ئىشلەڭ ياكى باشقىلارغا تاشلاپ بېرىڭ، كود يېزىلسىلا بۇ مەسىلە ھەل بولغان بولىدۇ. يۇقىرى سوئالنىڭ جاۋابىنى تاپالىغان بولسىڭىز ياكى يۇقىرىدىكى ھەل قىلىش چارىسىنى چۈشەنگەن بولسىڭىز، بىز يەنە داۋاملىق پىكىر قىلىپ باقايلى.

سوئال: بۈگۈن 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى (جۈمە) بولسا، بىر يىلدىن كېيىن يەنى 2014- يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى بولىدۇ؟ بىر يىل بۇرۇن يەنى 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى ھەپتىنىڭ قايسى كۈنى بولغان ئىدى؟

ئىزاھات: يەنە كالېندار ۋاراقلايمەن ياكى بىرمۇبىر ساناپ چىقىمەن ۋەياكى Excel دا ئىشلەپ باقىمەن دېسىڭىز، ئۈستىدىكى خۇلاسىنى يەنە بىر ئوقۇڭ، ئادەمدە ئازئازدىن بولسىمۇ، ئىلگىرلەش بولمىسا زادى بولمايدۇ.

مەن ئازىراق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەي: ئادەتتە 1 يىل 365 كۈن، كەبىسە يىلى 366 كۈن بولىدۇ، 2012-يىلى كەبىسە يىلى. ئۇنداقتا يۇقىرىقى قانۇنىيەت بويىچە ئويلىنىپ بېقىڭ.

2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن كېلەر يىلى يەنى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگىچە 365 كۈن بولىدۇ. 365 نى 7 گە بۆلگەندە، بۆلۈنمە 52 بولۇپ 1 قالدۇق قالىدۇ. بۇ جۈمە كۈنىدىن 1 كۈن كېيىن ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ دېگەن ئاددىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. جۈمە كۈنىدىن 1 كۈن كېيىنكى كۈن شەنبە بولىدۇ. شۇڭا، كېلەر يىلى يەنە 2014-يىلى (كەبىسە يىلى ئەمەس) 2-ئاينىڭ 15-كۈنى شەنبە بولىدۇ. ئالدىنقى يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن بۇ يىل 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگە 366 كۈن بولىدۇ، چۈنكى 2012-يىلى كەبىسە يىلى بولۇپ، 2-ئاي 29 كۈنلۈك بولىدۇ. 366 نى بۆلگەندە، 2 قالدۇق قالىدۇ. ئالدىنقى يىلىدىكى ھەپتىنى تاپماقچى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، جۈمە كۈنىدىن 2 كۈن بۇرۇنقى كۈن قايسى دېگەن ئاددىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىدۇ. جۈمە كۈنىدىن 2 كۈن بۇرۇنقى كۈن چارشەنبە بولىدۇ. شۇڭا، 2012-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى چارشەنبە بولىدۇ.

پىروگرامما يازغاندا ئالدى بىلەن شۇ مەسىلىنى ئۆزىمىز چوڭقۇر چۈشىنىپ ، ئۇنى ئىمكانقەدەر ئاددىي بىر مەسىلىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىزدىنىپ باقساق بولىدۇ. ئىزدەنمىسەك، بۇ مەسىلە يەنە شۇ پېتى تۇرۇۋېرىدۇ ، قىيىنچىلىق ھەرگىز ئاسانلاشمايدۇ. تىرىشمىساق نەتىجە پۈتۈنلەي 0 بولىدۇ، تىرىشىپ باقساق، نەتىجە پۈتۈنلەي 0 بولۇشى ناتايىن. مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغان ياخشى بىر ئىدىيە، پىروگرامما لايىھەلەش تىلىدىنمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

كالېندارغا مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنايلى، كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىشمۇ بىر دەۋرىيلىك ھەرىكەت، بۇمۇ مۇئەييەن بىر قانۇنىيەتكە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. ئۇنداقتا شۇنداق بىر پىروگرامما تۈزۈپ چىقىڭكى خالىغان بىر چېسلانى كىرگۈزۈپ بەرسىڭىز، شۇ كۈنىدىكى كۈن چىقىش ۋە كۈن پېتىش ۋاقتىنى ئېنىق ھېسابلاپ بەرسۇن. ناۋادا بۇنى ھېسابلاپ چىقالىسىڭىز، يەر شارىدىكى خالىغان جاينىڭ ناماز ۋاقتىنىمۇ توغرا ھېسابلاپ چىقالايسىز. ئۇنداقتا بۇ مەسىلىنى قانداق ھەل قىلىمىز؟ ئويلىنىپ بېقىڭ، تەپەككۇر قىلىڭ. جاۋابىڭىزنى ساقلاپ، داۋامىنى داۋاملاشتۇرىمەن.

ئىزاھات: ئازىراق يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەي، تۆۋەندىكى رەسىمنى ۋە ئاستىدىكى فورمۇلانى چۈشەندىڭىزمۇ؟


==============
بۇ سوئال تەس كەلگەن ئوخشايدۇ، ھەممىڭلار جىمىپ كەتتىڭلار. ئەمەلىيەتتە پىروگراممېر بولغان كىشى ھەممە نەرسىنى ئۆزۈم ئويلاپ ھەل قىلىمەن دېسە، بەزىدە نۇرغۇن ۋاقىت كېتىدۇ. بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە تاماملىمىسىڭىز، ئۇ نەرسىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن.
يۇقىرىقىدەك نەرسىلەرنى ئۆزىمىز ئويلاپ، فورمۇلاسىنى تۈزۈپ چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق. بۇنداق ئاممىباب نەرسىلەرنى باشقىلار ئاللىبۇرۇن قىلىپ بولغان بولۇشى مۇمكىن. توردىن ئىزدىنىپ باقساقلا بولىدۇ. ھازىر قاچان كۈن تۇتۇلىدۇ؟ يەرشارىنىڭ قايسى جايىدا كۈن تۇتۇلۇشىنى ئېنىق كۆرگىلى بولىدۇ؟-دېگەندەك ئىشلار ئىنتايىن ئاددىي مەسىلە بولۇپ، ئۇنىڭ تەييار ھېسابلاش فورمۇلاسى بار. ئۇنى ماتېماتىكا ئالىملىرى خېلى بۇرۇنلا ئېلان قىلغان. بىز پەقەت شۇ فورمۇلانى چۈشۈنۈپ، پىروگرامما تىلىغا ئايلاندۇرساق بولىدۇ. يۇقىرىقى 1-رەسىمدە يەرشارىنىڭ قۇياشنى ئايلانغاندىكى ۋاقىتنىڭ ئېغىش پەرقى بولۇپ، 365 كۈندە ۋاقىت ئوخشاش بولمايدۇ. 2-ئايلاردا 10 نەچچە مىنۇت ئارقىدا قالىدۇ، تەخمىنەن 11-ئايلاردا 10 نەچچە مىنۇت ئالدىغا كېتىدۇ. ئەمما بۇنى زادى چۈشىنىۋالىمەن دەپ ئۆزىڭىزنى زورلىماي، ھازىرچە پەقەت 3-رەسىمدىكى فورمۇلانى چۈشەنسىڭىزلا بولىدۇ. ئۇنى پىروگرامما لايىھەلەش تىلىدا مۇنداق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز.


=========================================
ئۈچىنچى: بىرنەچچە تارماق ئىلىملەرنى پىششىق ئۆگىنىڭ

كومپيۇتېر ئىلىمىدىكى بىرنەچچە تارماقلارنى پىششىق ئۆگىنىڭ، قانچە كۆپ بولسا شۇنچە ياخشى. مەسىلەن: تور، ساندان، كېلىشىم، پىروگرامما ھاسىللاش، سانلىق مەلۇمات قۇرۇلمىسى، گىرافىك، سۈنئىي ئىدراك، مەشغۇلات سىستېمىسى، ئىنتېرنېت، تور بېكەت، ھېسابلاش ئۇسۇلى (ئالگورىزىم) ۋە باشقىلار.

بۇ يەردىكى بىرنەچچە تارماقلارنى يەنە سۆزلىسەم بولاتتى، لېكىن چۈشكەن ئىنكاس بويىچە داۋاملاشتۇرىمەن. بولمىسا زېرىكىپ قالماڭلار.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
148 پارچە باھا يېزىلدى
باھا بېتى: 1 2 3 6
  • خا خا خا … ئەپسۇس مەن كىچىكىپ كۆرۈپ قاپتىمېن تېمىنى . مەن سۇئالنى ئوقۇغاندىن كىيىن ئەسلى سۇئالنى ، بۈگۈن شەنبە 100 كۈندىن كىيىن ھەپتىگە قانچە ؟ دەپ ئۆزگەرتىۋالدىم .. ئاندىن Eclipse نى ئېچىپ java تىلىدا بىر دانە for ئارقىلىق قالدۇققا ھۆكۈم قىلىپ ئاندىن بىرجۈپ if ،else ئارقىلىق ھەپتىنىڭ نەچچە ئىكەنلىكىگە پىرىنتلاپ چىقىرىپ بەردىم . ئالىم مۇئەللىم قانداق مېنى ئوقۇغۇچىللىققا قۇبۇل قىلدىڭىزمۇ؟ /ھىجايغان چىراي ئىپادىسى /

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 15:56
    • تۇلۇقلاپ قوياي مېن 10 كۈن ، 20 كۈن ، 30 كۈن ….. 100كۈن دىن كىيىن ھەپتىگە نەچچە بولدىغىنىنى ھېساپلاپ چىقاردىم جۇما. ئەگەر پەقەن 100 كۈندىن كىيىنكىنى ھېساپلىسام ئاۋۇ for ئارتۇقچە بوپ قالىدۇ .

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 15:59
  • مەن ھەممىڭلاردىن ئىتتىك تاپتىم. كومپىيوتېرنىڭ ئوڭ تەرەپ ئاستىدىكى چىسلا سىنبەلگىسىنى مائۇس بىلەن چېكىپلا بىر بىرلەپ ساناپ دەل 100 بولغان كۈننى سانىسام، سىلەرنىڭكى بىلەن ئوخشاش دۈشەنبە چىقتى….
    قارىغاندا، ھەممىدىن ئۇستىسى مەن ئوخشايمەن جۇمۇ….(ھى..ھى..ھى…)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 15:29
  • ئالىمكا ! مەن يەنە جاۋاپىسز قالدىمما ؟ ئەمما مەن ئىنتاھاندىن ئۆتسەممۇ ئۇقۇيمەن ، ئۆتمىسەممۇ ئۇقۇيمەنغۇ ! (ھى ھى ھى ) زادى چۇقۇم ………………

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 14:19
  • قارىغاندا بىرەر پىروگرامما تىلىدىن ئاساسىمىز ياخشىراق بولمىسا ئالىم مۇئەللىمنىڭ كۇرسىنىڭ بوسۇغىسىغىمۇ دەسسىيەلمەيدىغان ئوخشايمىز…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 13:51
  • مەن ئۈستىدىكى يەزرشاھ قېرىندىشىمىزدەك ئويلىغانىدىم، ئەمما java نى ئەمدى ئۆگىنىۋاتقان بولغاچقا تورغا مۇراجەت قىلىپ ماتېرىيال ئاختۇرسام مۇنداق پىروگرامما كودى چىقتى.
    ئەگەر كومپيۇتېرنىڭ چېسلاسىنى 2013.02.09 غا توغۇرلىسام جاۋابى: 2013年05月20日چىقتى. ناۋادا بۈگۈننىڭ ۋاقتىنى قوللانغاندا 2013年05月25日 چىقتى. كودى تۆۋەندىكىچە:
    import java.text.SimpleDateFormat;
    import java.util.Calendar;
    import java.util.Date;

    public class Test {
    public static void main(String[] args) {
    SimpleDateFormat sdf = new SimpleDateFormat(”yyyy年MM月dd日“);
    Date date = new Date();
    Calendar c = Calendar.getInstance();
    c.setTime(date);
    c.add(Calendar.DATE, 100);
    System.out.println(sdf.format(c.getTime()));
    }
    }

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 13:38
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم : ئالىم مۇئەللىم . مەن جاۋاب بىرەي مەن ھىچكىمنىڭ جاۋابىنى كۆرمىدىم ، لىكن مىنىڭ ھەل قىلىش چارەمنى ئاڭلاپ بىقىڭ، 2-ئاي 28كۈن ، 3-ئاي 31 كۈن ، 4-ئاي 30 كۈن ، 5-ئاي 31 كۈن. شىۇنىڭ ئۈچۈن 28-9+31+30+31=111 ؛ 111-100=11 . جاۋابى : 31-11=20 : 5-ئاينىڭ 20-كۈنى بولسا دۈشەنبە. قىنى پىكىر يولىمغا ياخشى باھالارنى بەرگەن بولسىڭىز.رەھمەت.يازمڭىزدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگنىۋالدىم….

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 13:35
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.ئالىم مۇئەللىم،windows8 نى ئۆيدىكى ئۈستەل كومپىيوتىرىغا قاچىلىغان ئىدىم،ئاۋازنى تونۇتالماي،كىين xp قاچىلىغان،ئاشۇ windows8 نىڭ نۇمۇرىنى باشقا كومپىيوتىرغا windows8 قاچىلاپ ئىشلەتكەندە توسالغۇغا ئۇچرىماي ئاكتىپلاشتۇرغىلى بولارمۇ؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 13:18
    • بۇ سوئالنى مۇناسىۋەتلىك تېمىغا يازغايسىز، بولمىسا بۈگۈن كەچتە ئۆچۈرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 13:24
  • ئۇقۇغۇچى قۇبۇل قۇلغاندا مەيلى بۇندىن بۇرۇن پروگىرامما تۈزۈپ باققان ياكى باقمىغانلىغا قارماي ھەممىسىدىن ئىنتاھان ئېلىنامدۇ ؟ ياكى تۈزگەن پروگراممىلىرمىزنى ئالغاچ بارساق ، شۇلارغا قارتا بىرگەپ بۇلامدۇ ؟ (ئۈزىمىز تۈزگەن يۇمشاق دىتاللارنىمۇ كۈرۈپ باقسىلا بۇلاتتى ) بىلسەكمۇ ئىنتاھان بەرسەك ، بەزى سۇئاللارنى دە ماللىق ئۇلاپ بۇلالماي ، بەختىمىز گە ئوتتۇرۇپ كۇيمايلى دەيمەنچۇ ! (ھى ھى ھى ) چۈنكى سىلەدىگەن بىر ماتماتىكا ئۇقۇتقۇچسى ، ھەم ئۇچىغا چىققان پروگىراممىر ، شۇڭا بىردەك بالا پروگىراممىرلار سىلەچىقاغان سۇئاللارغا جاۋاپ بىرەلماي قالامىزمىكىن دەي دىكەن مىز ، مۇشۇ سۇئاللارنى بىر ئويلۇنۇپ باقسىلا . ئىنتاھان دىسە مەن ئەمەس ،خىلى مەن دىگەن ئادەممۇ قۇرقۇپ پۇتلىردە جان قالمايدۇ ، ھى ھى ھى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 13:08
  • يا ئاللا مەنمۇ توغرا چىقىرپتىمەن ، مەن #Cتا dateTimePicker1 تىن 2 نى ئىشلىتپلا 100÷7=14……2مۇشۇ ئۇسلدىن پايدىلانغان ، ئارلىقىتىكى ھەپتە 14 ، ئاشقان كۇن 2 ، بۇلارنى بىر دىن تاپتىم ،
    ئالىمكا پۇ سىنىپ زادى قاچان ئېچلىدۇ ؟ تەپسىلى بىر چۈشۈنچە بەرسىلە بۇلاتتى ؟؟؟؟؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:55
    • ئاز قالدى، مۇشۇنداق ئىقتىدارى بار، ئۇيغۇرسوفتنى بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى خالايدىغانلارنى ئاۋۋال ئويلىشمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 13:08
      • ئېنىقراق بىر ۋاقىتنى دەپ بەرسىڭىز، يىراقتىكىلەر ئىشلىرىمىزنى يىغىشتۇرۇپ، تەييار بولغاچ تۇرساق بولىتى…

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 16:50
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم مۇئەللىم، بۈگۈن كومپىيۇتېرىمدىكى ۋىندوۋس8دىن توساتتىن چاتاق چىقتى، كومپىيۇتېرنى قوزغىتىپ، تورغا ئۇلىماي قويۇپ قويغان، ئۇخلاش ھالىتىگە ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن بوشلۇق كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئويغاتسامsume error。。。。。。。。。。。。。。。
    دەپ ئىككى قاتار ئېنگىلىزچە خەت چىقىپ قايتا قوزغالدى ۋە كومپىيۇتېرىڭىزدا خاتالىق پەيدا بولدى، مىكروسوفىتقا يوللامسىز؟ دەپ چىقىۋىدى يوللاي دەپ تورغا ئۇلاپ بولغۇچە ئۇنىمۇ يوقىتىپ قويدۇم، ئۈستەل يۈزىدە تور كۆرگۈچ قوزغىلىپلا ئۆچىۋېلىۋاتىدۇ، چ چ مۇ قوزغالمدى، officeنورمالدەك قىلىدۇ، لېكىن تەسرەك قوزغالدى، كومپىيۇتېردا پەيدا بولغان بايىقىدەك خاتالىقلارنى كومپىيۇتېرىمنىڭ قەيىرىدىن تاپالايمەن؟ سېستىمىنى قايتا قاچىلىماي تۇرۇپمۇ ئوڭشىغىلى بولارمۇ؟؟؟

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:52
    • بۇ سوئالنى بىلوگىمدىكى مۇناسىۋەتلىك تېمىغا يازغايسىز، بولمىسا بۈگۈن كەچتە ئۆچۈرۈلۈپ كېتىشى مۇمكىن

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:58
  • دۈشەنبە بۇلىدۇ يەنى ھەپتىنىڭ بىرى. چۈنكى 100 كۈن دىگەن 14ھەپتە 2 كۈن بۇلىدۇ، سىز ئاي، كۈننى سورىمىغانلىقىڭىز ئۈچۈن، ئاۋۇ پۈتۈن چىققان 14 ھەپتىنىڭ بۇ تىما بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ ئويلايمەن، ماڭا كىرەك بولغىنى ھەپتىدىن ئېشىپ قالغان 2كۈن، ۋە سىز ئەسكەرتكەن شەنبە. شۇڭا 100 كۈندىن كىيىن دىگەننى 2 كۈندىن كىيىن دەپ چۈشۈنۈشكە بۇلىدۇ، ئەگەر سىز دىگەن 100كۈن مۇتلەق پۈتۈن كۈن بولسا(ماۋۇ 2. ئاينىڭ 9. كۈنى شەنبە ۋە قىزىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ.)سەيشەنبە بۇلىدۇ يەنى ھەپتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى. ئۇنداق بولمىسا دۈشەنبە بۇلىدۇ يەنى ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:47
    • ناھايىتى توغرا ئويلاپسىز. 100 كۈن دېگەن گەپ ئەمەلىيەتتە 2 كۈندىن كېيىن دېگەن گەپ، …
      2-ئاينىڭ 9-كۈنى 100 كۈن قالدى، 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 99 كۈن قالىدۇ، …5-ئاينىڭ 19-كۈنى 1 كۈن قالىدۇ، شۇڭا، دۈشەنبە دېگەن توغرا.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:50
      • 2-ئاينىڭ 9-كۈنى 100 كۈن قالدى، 2-ئاينىڭ 8-كۈنى 99 كۈن قالىدۇ، …5-ئاينىڭ 19-كۈنى 1 كۈن قالىدۇ، شۇڭا، دۈشەنبە دېگەن توغرا.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 16:34
      • 2- ئاينىڭ 8 كۈنى 101 كۈن قالغان بولىدىغاندۇ؟
        100 بۆلەنگەن 7 = 14……2 قالدۇق. يەنى ئىككى كۈندىن كېيىن.

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 23:17
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! ئالىمكا ، ئالىم مۇئەللىم ! يۇقارقى سىلىنىڭ يازغان تىمىللىرنى تەپسىلى ئۇقۇپ چىقتىم ، ياخشى يىزلىپتۇ . ئاخىردا قالدۇرغان
    سوئال: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى (شەنبە)، يەنە 100 كۈندىن كېيىن قىزىم 10 ياشقا كىرىدۇ، ئۇنداقتا ئۇ كۈنى ھەپتىگە نەچچە بولىدۇ؟
    بۇ سۇئاللا مەن بىر قاراپلا جاۋبى ۋە پىروگرامما كودىنى يېزالىدىم ، #c, ۋە ،c , vb.netقاتارلىق تىللاردا يازالىدىم ئەمما javaقىلالمىدىم javaئاساسى بىلىمىم بەك ئاجىز ئوخشايدۇ ، قىنى كۆپچىلىك جاۋابىنى تېپىپ باقسۇن ، مەن تاپقان بىلەن ئوخشاش مۇ يوك!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:43
    • ئۇنداقتا، Java دا پىروگرامما تىلى ئاساسىڭىز ئاجىز ئىكەن. لېكىن غەم قىلماڭ سىز باشقا تىللاردا قىلالايدىكەنسىز. سىزدە ئۈمىد زور ئىكەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:52
  • ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم
    دۈشەنبە بۇلىدۇ
    شەنبىدىن شەبنىگە يەتتەكۈن
    100÷7=14……2مۇشۇ بويىچە ھىسابلىغاندﺎ14قېتىم شەنبە كىلىپ ئىككى كۈن ئاشىدۇ
    ياكى پىروگگىرﺎمماتىلى ئارقىلىق چىسىلاغا100نى قوشۇپ شۇ كۈننى كالىندﺎردىن كۆرىۋﺎلسىمۇ
    ۋە ياكى كالىندﺎردىن بىربىرلەپ سﺎنىسىمۇ بۇلىدۇ
    دەمﺎللەققﺎ كﺎللامغﺎ مۇشۇ ئۇسۇللارلاكەلدى

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:34
    • 2-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قالدۇرغان جاۋاب
      كەبىسە يىلىدىكى ئارتۇق بىركۈن ئىككىنچى ئاينىڭ ئاخىرىدا، گەرچە 2014كەبىسە يىلى بولسىمۇ بۈگۈنگىچە بولغان كۈن 365
      365/7=52……1
      كىلەر يىلى شەنبە
      ئۆتكەن يىلى كەبىسە يىلى شۇڭا
      366/7=52……-2
      ئۆتكەن يىلى ﭼﺎﺭﺵەﻧﺐە

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى am 08:34
  • ئاۋۋال دىۋاندا بە ھوزۇر ئولتۇرۇپ ئاندىن ئوقۇي. سەت ھېجارغان چىراي ئىپادىسى…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:22
  • قارىغاندا قىزىڭىزنىڭ 10 ياشقا كىرگەن خاتىرە كۈنىنى بىر كۈن بۇرۇن ئۆتكۈزۈپ بەرسىڭىز بولغىدەك. (^_^)

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:20
    • دۈشەنبە كۈنى دەم ئېلىش كۈنى ئەمەس دېمەكچىمۇ؟ تېخى بۇنى ئويلاشقۇدەك بولمىدىم.
      قىزىم بۇنى ئۆزى سورىغان ئىدى، مەن ئۆزىڭىز تېپىپ بېقىڭ دېدىم، كېيىن ئۆزى ھېسابلاپ چىقتى. مەن يەنە سېھرىي كۈچى زور بولغان «قالدۇق سان» توغرىسىدا توختىلىمەن.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 12:47
      • 7 دىن چوڭ ھەم 100 گە پۈتۈن بۈلىنىدىغان سان 10.
        دېمەك شەنبىنى ھېساب قىلىپ 10-كۈنى كۈنگە نېمە بولسا 100-كۈنىمۇ دەل شۇ! يەنى دۈشەنبە. كۆپەيتمەي بۆلمەيلا چىقىرىۋەتتىمغۇ ئالىم مۇئەللىم…

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 15-كۈنى am 02:51
      • تۇغۇلغان كۈن ئۆتكۈزۈش دۇرۇس ئەمەس…مەن تېخى سىزنى ئۇندا بايراملارنى ئۆتكۈزمەيدۇ دەپ ئويلاپتىمەن..

        يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 2-كۈنى pm 21:29
        • مەن تېخى شام پۈۋلەپ، تورت يەپ ئۆتكۈزىمەن دېمىدىم، لېكىن بۇ كۈندە ياراتقۇچىمىزنىڭ بىزنى ئاپىرىدە قىلغان كۈنىنى ئەسلەش، بەرگەن ئۈمرىگە ھەمدۇساناھ ئېيتىش، ئاتا-ئانىمىزنىڭ بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجرىگە رەھمەت ئېيتىپ، ئۆيدە پولو ياكى لەغمەن يەپ ئۆتكۈزسەك ھېچ خاتا يېرىنى تاپالمىدىم. مۇمكىن بولسا چۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز.

          يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 4-كۈنى am 08:28
    • شەنبە كۈنى ھەپتىنىڭ ئالتىنجى كۈنى، بۇنىڭدىن بىز بۇ ھەپتىنىڭ ئالتە كۈنى ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلەلەيمىز، يەنە يۈز كۈندىن كېيىن 16 ھەپتىنىڭ بىرىنجى كۈنى بولىدۇ. يەنى 6+100=106 ، 106بۆلەنگەن 7 تەڭ 15 ….. قالدۇق 1 . يەنى ھەپتىنىڭ بىرىنجى كۈنى. دۈشەنبە.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 23:14
باھا بېتى: 1 2 3 6