«قۇرئان كەرىم» (ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسى) ئېلان قىلىندى
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، تاغدىن-باغدىن ]«قۇرئان كەرىم» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا تەرجىمە قىلىنىپ، رەسمىي ئېلان قىلىندى. «قۇرئان كەرىم» (ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسى)نى ئېلان قىلىش يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «قۇرئان كەرىم» (قايتا تەرجىمىسى)گە نۇرغۇن كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ، 8 فورمات (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى چوڭلۇقىدا) 1000 يۈەن، 16 فورمات (ژۇرنال چوڭلۇقىدا) 380 يۈەن، 32 فورمات، 64 فورمات بولۇپ، باسما سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى ئوخشايدۇ. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلاپتۇ.
بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىم تۇنجى قېتىم «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىدى، ئۇستازنىڭ ئەجرى، ساۋابى زىيادە بولغاي.
بۇ ئۇچۇرلار پەقەت خەۋەر سۈپىتىدە بېرىلدى، باشقا ئىشلاردىن مېنىڭمۇ خەۋىرىم يوق، كىتابخانىلارغا بېرىپ ئوقۇپ باقساڭلار بولىدۇ. تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
=========
ھازىرچە 8 فورمات، 16 فورمات بازارغا سېلىنىپتۇ.
سېتىۋالسىڭىز، ناھايىتى قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدىكەن. ئاۋۇ ھەممىسى مېنىڭ ئەمەس، مەن پەقەت 2 نى سېتىۋالدىم.
- يازما كۆرۈلۈشى: 42,497 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 01-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 12:22
- ئالدىنقى يازما :ئالىم ئەھەت «ئاتلان»دا لېكسىيە سۆزلەيدۇ
- كېيىنكى يازما :[ۋاقىتلىق تېما] چاغانلىق ئارام ئېلىش (قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرى)
ئۇستاز يازمىغا مۇناسىۋەتسىز سوئال بار ئىدى. بولسا ماڭا تېلېفۇن نومۇرىڭزىنى بېرەلەمسىز؟ مەسلىھەت سورىماقچىدىم
مەندىن يەنە بىرسى باركەن.
مۇشۇ خىزمەتكە قاتناشقان كىشىلەرگە ھۆرمەتلەر بولسۇن…مەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ win7 دىن كىيىن win8 چىققاندەك خوش بولدۇم…بۇ بىر ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ….ئەمما مىنى ئويلاندۇرغان نەرسە شۇكى..مۇھەممەد سالىھ دامۇللام نىمىشقا بۇ خىزمەتكە قاتناشمىدى؟ مۇراسىمدا بۇنىڭغا چۈشەندۈرۈش بېرىلدىمۇ؟
يەنە بىرسى بۇ قۇرئاننىڭ باھاسى نىمانچە قىممەت؟ مۇشۇ باھادا ۋاج ۋاج سېتىلسا…مەبلەغ سالغان، نەشىر قىلغانلارغا زور ئىقتىسادى قىممەت يارىتىپ بەرگۈدەك..ئەممە قۇرئاندەك ئۇلۇغ كىتابلارنى تىجارەت ۋاستىسى قىلىۋىلىش بەك ئاقىلانە ئىش ئەمەس دەپ قارايمەن شەخسەن…
راس دەيسىز. ئەسلى بۇ قايتا تەرجىمە قۇرئاننى «سوۋغاتلىق قايتا تەرجىمىسى» دەپ نەشر قىلدۇرغان بولسا توغرا بۇلاتتىكەن. دېمىسىمۇ ئاۋام پۇقرا ئويلاپ قۇيۇلماپتۇ. ھەممە ئادەم مائاشتىن سىرت يىل ئاخىرىدا بىر تالاي مۇكاپات پۇلى ئالمايدۇ دە …
پۇل دىگەننى تىپىۋالغىلى بولدۇ .. بىراق بەزەن نەرسىلەرنى بىر ئۆمۈر ئىزدەپمۇ تاپالمايمىز .. شۇنىڭ ئۈچۈن باھاسى قىممەت ئەمەس …
مەن «قۇرئان كەرىم» نىڭ ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسىنى «ئۇيغۇر تىلى نۇقتىسىدىن تەكشۈرگۈچىلەر» گە قاتناشقان مۇئەللىمىمدىن سورىدىم. ئەسلى ئاپتونوم رايوندىن «قۇرئان كەرىم» ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمە قىلىشقا نۇرغۇن مەبلەغ بېرىپتىكەن. باھاسىمۇ ئەسلىدە بۇنچە قىممەت بىكىتىلمەپتىكەن. بەزىلەر شۇنداق ئۆرە قىلىۋېتىپتۇ…
سىز دېگەندەك پۇل دېگەننى تېپىۋالغىلى بولىدۇ. بىراق ھەممە ئادەم تېپىپ بۇلالامدا؟ سىز ئاپتونوم رايونىمىزدىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ زادى قانچىلىك ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان ئوخشايسىز؟ ئەجىبا ئەشۇ دېھقانلىرىمىز پۇل تېپىپ بولغىچە نەشرىيات توختىماي بېسىپ تۇرىدىغان ئوخشىمامدۇ…؟؟؟
«رەب» دېگەن سۆزنى «پەرۋىش قىلغۇچى» دەپ ئالسا ھېچقانداق خاتالىق يوق دەپسىز. سىز تەرجىمە قىلغان «ئانام-دادام ئۇلۇپ كەتتى بىراق چۇڭ ئاكام مىنى تەربىلىدى» دېگەن جۈملىنى سىزچە «ئانام-دادام ئۇلۇپ كەتتى بىراق چۇڭ ئاكام ماڭا پەرۋەردىگار بولدى» دەپ تەرجىمە قىلغىلى بۇلارما؟ بىراق «جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر» دەپ ئېلىش تامامەن توغرا ۋە بەرھەقتۇر. چۈنكى، ئاللاھ ئالەمنى ۋە بارلىق مەۋجۇداتلارنى ياراتقۇچىدۇر. شۇڭا بۇ يەردە «رەب» دېگەن مەنىدە ئېلىش زۆرۈر ۋە بەرھەقتۇر. چۈنكى «پەرۋىشكارى» دېگەن سۆز «پەرۋەردىگارى» دېگەن سۆزگە ھەرگىز، مۇتلەق تەڭداش بولالمايدۇ. باغۋەن پەرۋىش قىلغان بىلەن ئۇ پەرۋىش قىلغان نەرسىلەر ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغاندۇر؛ باغۋەن ۋەياكى ھەر قانداق بىر ئىنسان ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان نەرسىلەرنى ھەرگىزمۇ يارىتىشقا قادىر ئەمەستۇر…
نەشرىياتمۇ بەك ئاچكۆز بولۇپ كېتىپتۇ جۇمۇ؟ 96 يۈەن، 52 يۈەنلىكىنى بالدۇر بازارغا سالساق 380 يۈەنلىكى بىلەن 1000 يۈەنلىكى سېتىلماي قالىدۇ دەپ ئويلاپ قالدىمۇ نېمە؟…
بىرىنچى بولۇپ كۆزۈمگە چىللىققىنى سۈرە فاتىھەدىكى پەرۋەردىگارى دىگەننى پەرۋىشكارى دەپ ئېلىپتۇ. …..
دېمىسىمۇ «پەرۋىشكارى» دەپ ئالغىنى پەقەت بولماپتۇ. «پەرۋىشكارى __ پەرۋىش قىلغۇچى، باققۇچى، ھالىدىن خەۋەر ئالغۇچى…» دېگەن مەنىدە. «پەرۋەردىگارى __ ئىگىسى، ياراتقۇچىسى…» دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ. بىز ئالدى بىلەن يارىتىلغان، شۇڭا باشتىلا چوڭ بىر خاتالىققا يول قۇيۇلۇپتۇ. چۈشىنىشلىك قىلىش ئۈچۈن بىر جۈملە سۆزنى بىر بەت قىلىپ تەرجىمە قىلىشنىڭ ئەسلا ھاجىتى يوق. قانچە يىغىنچاق بولسا ئەستە ساقلاش ۋە چۈشىنىش شۇنچە ئاسان بۇلىدۇ ئەلۋەتتە….
سىزمۇ بەكلا ئىنچىلىكىلىك بىلەن تەرجىمە قىلامسىز نېمە ؟
رەب دىگەن سۆزنى پەرۋىش قىلغۇچى دىگەن تەرجىمىسدە ھېچقانداق خاتالىق يوق ..
ئۇممى ۋە ئەبى ماتۇ ۋەلاكىن ئەخىل كەبىر رەببانى ..
ئانام-دادام ئۇلۇپ كەتتى بىراق چۇڭ ئاكام مىنى تەربىلىدى دىگەن مەنىدە ،، رەب دىگەن سۆزنىڭ مەنىسى تەربىلەش ، يىتەكلەش دىگەنلەرگىمۇ ئىشلىتىۋىردۇ .. سىز كىچىك ئىشنى تەھلىل قىلماي پۇتۇن بىر ئوقۇپ چىقسىڭىز ئۇنىڭدىن كېيىن ھىس قىلسىز … ..
ئىنشا ئاللاھ ! ياخشى ئىش بوپتۇ!
دوستىمىز كۆك ئاسمانغا جاۋاب:
1. ئەگەر سىز مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىم تەرجىمە قىلغان قۇرئان بىلەن ھازىرقى قايتا تەرجىمىنى سىلىشتۇرۇپ كۆرسىڭىز سەۋەبىنى بىلىسىز.
2. بۇ قايتا تەرجىمىگە مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىمدىن باشقا نۇرغۇن ئالىم، ئۆلىمالار قاتنىشىپتۇ. شۇڭا قايتا نەشر دېمەي، قايتا تەرجىمە دەيدۇ.
3. مۇكەممەللىك پەقەت ئاللاھقىلا خاس. ئاللاھنىڭ سۆزى بولغان ئۇلۇغ قۇرئان كەرىم مۇكەممەلدۇر، شەك-شۈبھىدىن خالىدۇر، نۇقسانسىزدۇر. ئەمما قۇرئاننىڭ ئۆزگە تىلدىكى تەرجىمىلىرىنىڭ پاساھەت ۋە بالاغەتتە، ئەسلى تىلدىكى بىلەن ئوخشاش بولالمايدىغانلىقى ئىلىم ئەھلىلىرىگە ئاياندۇر.
4. مىسالەن: «گۈزەل» ، «چىرايلىق» دىگەن سۆزدىن «گۈزەل» نى ئىشلەتكەن ئورۇنغا «چىرايلىق» نى ئىشلەتكەندە كىشىگە بىرىدىغان تەسىرى تازا جايىدا بولمىغاندەك بىلىنىدۇ، گەرچە ھەر ئىككىسى ئوخشاش مەنىلىك سۆزبولسىمۇ. مۇشۇ سەۋەبتىن بەلكىم 3-تەرجىمىسىنىڭ چىقىشى ھەم مۇمكىن، بۇ ياخشى ئەھۋال ئەلۋەتتە!
5. توغرا قۇرئاننىڭ ئەرەبچىسى ئۆزگەرمەيدۇ. ئۇيغۇرچىسى ئۆزگىرىپ «چىرايلىق» ، «سەت» بولمىدى، بەلكى «گۈزەل» بولدى خالاس.
جاۋابىڭىزغا رەھمەت ، سىزنىڭ جاۋابىڭىز شىنجاڭ خەلق نەشرىياتىغا ۋەكىللىك قىلسا باشقا گېپىم يوق. ئۇنداق بولمىسا قايتا ئويلىنىپ جاۋاب بېرىڭ.
بولدى جاۋاب بەرمەڭ، بۇ مۇنازىرىگە ئايلىنىپ كەتمىسۇن، مەن پەقەت ھەر ئىككى نۇسخىنى ساقلاپ قويۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئۈستىدىكى بىرىنجى ئىنكاسىمدا سىزگە يېزىلغان ھېچقانداق باشقا مەقسەت يوق، باشقىچە ئويلاپ قالسىڭىز بۇنى يازمىغان دەپ بىلگەيسىز ، ئۆزۈر.
قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ جاۋاب يازغانلىقىڭىزغا يەنە بىر قېتىم رەھمەت ئېيتىمەن، ئاللاھ ھەممىمىزنىڭ دىلىغا قۇرئاننىڭ نۇرىنى چاچقاي!
قايتا تەرجىمە قىلماي، قايتا نەشىر قىلغان بولسا قانچە سۆيۈملۈك ئىش بولار ئىدى ھە…
مېنىڭچە، مۇھەممەت سالىھ قارىھاجىمنىڭ تەرجىمىسى ئىنتايىن ياخشى ئىدى. مەن يەنىلا شۇنى ئوقۇياي.
ھازىرچە بازارغا 8 فورمات، 16فورماتلىقى سېلىنىپتۇ. 32، 64 فورماتلىقى تېخى بازارغا سېلىنماپتۇ.
خۇلاسە كالام:
ناھايىتى نوچى ئىش بوپتۇ، مۇھەممەت سالىھ راھىمەھۇللانىڭ بۇنداق ئوبدان ئىشقا قاتناشمىغانلىقىدا چوقۇم سەۋەپ بار( ئۇ ئادەم گەرچە ياشقا چوڭ بولسىمۇ ئەپسۇس تىخى ئەقلى ھوشىدىن كەتمىدى) شۇڭا مۇھەممەت سالىھ تەرجىمىسدە چىققان نۇسقىسىنى تىپپ توپلاپ سەھرالق بولساق گەمىگە، شەھەرلىك بولساق بوشەڭگۈيغا تىقىپ ساقلايلى…
ئەڭ ياخشىسى قەلبىڭىزدە ساقلىغىنىڭىز ياخشى.
ناھايتى جايىدا گەپ بولدى!!!
خۇلاسە كالام:
ناھايىتى نوچى ئىش بوپتۇ، مۇھەممەت سالىھ راھىمەھۇللانىڭ بۇنداق ئوبدان ئىشقا قاتناشمىغانلىقىدا چوقۇم سەۋەپ بار( ئۇ ئادەم گەرچە ياشقا چوڭ بولسىمۇ ئەپسۇس تىخى ئەقلى ھوشىدىن كەتمىدى) شۇڭا مۇھەممەت سالىھ تەرجىمىسدە چىققان نۇسقىسىنى تىپپ توپلاپ سەھرالق بولساق گەمىگە، شەھەرلىك بولساق بوشەڭگۈيغا تىقىپ ساقلايلى
بۇ يەردىكى «ئەپسۇس» سۆزى توغرا ئىشلىتىلمەپتۇ، مۇھەممەت سالىھ داموللامنىڭ ئەقلى ھوشىدىن كەتمىگەنلىكى ئەپسۇسلىندىغان ئىش ئەمەس.
ھېس قىلدىمكى ئەڭ چوڭ پەرق تەرجىمە ئۇسلۇبىكەن، يېڭى تەرجىمىنى ئېلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا بۇرۇنقى نۇسخىنىمۇ ساقلاپ قويۇشۇڭلارنى تەۋسىيە قىلىمەن. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بۇرۇنقى نۇسخىسىنى تاپقىلى بولماسلىقى مۇمكىن.
كىم ماڭا مۇھەممەت سالىھ قارى ھاجىم تەرجىمە قىلغان «قۇرئان كەرىم» نى تېپىپ بېرەلەيدۇ ياكى قەيەردىن تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى دەپ بېرەلەيدۇ. تاپالىساملا قانچە پۇل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شۇ ھامان سېتىۋالاتتىم.
ئاللاھ تائالا ماڭا قىلغان ياردىمىڭلارغا رەھمەتلەر قىلسۇن!
ھازىرچە مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىمنىڭ تەرجىمىسىنى بۇ يەردىن كۆرگەچ تۇرۇڭ.
http://www.tanzil.net
سىزگە كۆپتىن كۆپ رەھمەت مۇئەللىم. http://www.tanzil.net بۇ بىر ناھايىتى ئېسىل تور بەت ئىكەن. سىزنىڭ بۇ ياخشىلىقىڭىزغا ئاللاھ تائالا چەكسىز ئىنئاملارنى بەرگەي! مۇمكىن بولسا باسما كىتابىدىن بىرنى تاپالىسام مەن ئۈچۈن ئالەمچە خوشاللىق ئىش بولار ئىدى. . .
ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر! ئاللاھ نۇقساندىن خالىيدۇر!
ئى ئاللاھ! كىتابىڭنى توغرا ئوقۇپ ، كالامىڭنى توغرا چۈشىنىشىمىزنى بۇيرۇغايسەن!
ئەڭ ئاۋۋال، قۇرئاننى بىزگە ئۆز پېتى يەتكۈزۈشكە كۈچىگەنلەرگە ئالىي ئېھتىرام بولسۇن.
بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلاپ شۇنداق خۇشھال بولدۇق، لېكىن جامائەتنىڭ كاللىسىغا شۇنداق خىياللار كەلدىكىن:
1.قايتا تەرجىمە قىلىنىشىغا سەۋەب نېمە؟
2.نېمە ئۈچۈن قايتا نەشىر دېمەي قايتا تەرجىمە دېيىلىدۇ؟
3.قايتا تەرجىمە دىگەن گەپنىڭ ئۆزى ئالدىنقى تەرجىمە تازا مۇكەممەل ئەمەس دېگەنلىك، ئۇنداق بولسا بۇ تەرجىمە مۇكەممەل بولدىمۇ؟
4.ئەگەر بۇ تەرجىمە مۇكەممەل بولمىغان بولسا (مۇكەممەل بولۇشىنى خۇدادىن تىلەيمىز) يەنە بىر قېتىم 3-تەرجىمە چىقىشى مۇمكىن دىگەن مەزمۇن چىقامدۇ؟
5.قۇرئاننىڭ ئەرەبچىسى ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇيغۇرچىسى نېمە سەۋەبتىن ئۆزگەرمەكچى بولۇپ قالدى؟
قايتا تەرجىمە ۋە نەشىر قىلىنغىنى كاتتا ئىش بوپتۇ. خەنچە تەرجىمىسىمۇ 30 خىلدىن ئارتۇق، مەسىلەن: لىن سۇڭ تەرجىمىسى، جاڭ چېڭ چىيەن تەرجىمىسى، ۋاڭ دەييۈ تەرجىمىسى، لى يۈەن جىڭ تەپسىرى، ما جىيەن تەرجىمىسى … قاتارلىقلار. ئىلگىرىكى تەرجىمىلەرگە قارىغاندا ماجىيەننىڭ تەرجىمىسىنىڭ كۆپ بېسىلىشىدىكى سەۋەپ، بەزى ئەرەپچە ئاتالغۇلار شۇ پېتى تەلەپپۇز بويىچە ئېلىنماي، ئىمكان قەدەر ھەممىسى خەنچە مەنا بويىچە تەرجىمە قىلىنغان بولغاچقا، ئەرەپچىدىن خەۋىرى يوق خەنلەرنىڭ چۈشىنىشى ئاسانلاشقان، شۇڭا ماجىيەن تەرجىمىسى ئاۋامنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەن.
تۈركىيەدىمۇ تۈركچە تەرجىمە نۇسخىسى 100 خىلدىن ئاشىدۇ. مېنىڭ ئەڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغىنىم ئەلمالىلى ھامدى يازىر يازغان تەرجىمە تەپسىر، بۇ كىشى يازغاننى ئوقىسام شۇنداق چۈشىنىشلىك ۋە راۋان ھېس قىلىمەن.
تەرجىمە نۇسخىلىرىنىڭ كۆپ بولۇشى ئىتتىپاقلىققا تەسىر يەتكۈزىدۇ دەپ ئويلاش بىھۇدە. خىلمۇ-خىل تەرجىمە نۇسخسىدىن گۇمانلانغان كىشى ئەرەپچە ئۆگىنىپ ئەرەپچىسىنىلا ئوقىسا مەسىلە ھەل بولىدۇ. مەن بەزىدە شۇنداق قىلىمەن. چۈنكى ئەرەپچە قۇرئاندىن يەر شارىدا پەقەتلا بىرسى بار، ئۇ قىيامەتكىچە مەڭگۈ ئۆزگەرمەي ساقلىنىدۇ، لېكىن تەرجىمىلەر جەمىيەت تەرەققىياتى، تىلدىكى يېڭىلىنىش، ئۆزگىرىش داۋامىدا كىشىلەرنىڭ چۈشىنىش، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا ئەگىشىپ ماس ھالدا يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ.
ئېنگىلىزچە قۇرئان تەرجىمە تەپسىر نۇسخىلىرىمۇ نەچچە يۈز خىلدىن ئاشىدۇ، بۇ تۈپەيلى جېدەل بولغىنى يوق. بىزنىڭ تېخى ئەمدى ئىككى خىل تەرجىمە نەشىردىن چىقىپتۇ. بۇندىن كېيىن تېخىمۇ يېڭى تەپسىرلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىپ جەمىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا جاۋاب بېرىپ مېڭىشىنى ئارزۇ قىلىمەن.
بۇ ئۇيغۇرچە نەشىرنىمۇ سېتىۋېلىپ ئوقارمىز. «رەب» دېگەن سۆز «پەرۋىشكار» دەپ تەرجىمە قىلىنىپتۇ. بۇ تەرجىمىمۇ ياخشى بوپتۇ.
شۇغىنىسى، باھاسى بىر ئاز قىممەت بوپ كەتكەندەك قىلىدۇ. ئاۋام پۇخرانىڭ سېتىۋېلىش كۈچىنى ئويلاشقاندا باھاسى يەتمىش سەكسەن كوي ئەتراپىدا بولغان بولسا مۇۋاپىقتى. لېكىن يېقىن-يۇرۇقلار ئۆز ئارا سوۋغا سالام بېرىشكەندە بۇ قۇرئاننى سوۋغات قىلسىمۇ، بولسا تويلۇققا ئالسىمۇ ياخشى بولغۇدەك.
قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ چۈشەندۈرۈش بەرگىنىڭىزگە كۆپ رەھمەت!
خىنىم ئۇيغۇر تىلى يىزىقى ئەرەپ تىلىنى ئاساسىدا ياسالغان.كوپ سوزلەر ئەرەپچە،خەنلەرنىڭ قايسى گىپى باشقا تىلدىن كىرگەن؟ھازىرقى يىڭى كىرگەن ئاز ساندىكى گىپىنى ھىساپقا ئالمىغاندا. كىتاب تەرجىمە قىلغاندا ھەممە چۇشىندىغان ۋە شۇ كىشلەرنىڭ ئورۇپ ئادەت تىل ئىشلىتىش ئادىتىگە ماسلاشقان بۇلىشى كىرەك.ئەمدى ئىلاھى كىتاپتىكى سوزلەرنى ئادەتتىكى تۇرمۇش سوزلىگىمۇ ئىشلىتىپ يۇرسەك نىمە بولماقچى.
دىلاراخان، قۇرئاننىڭ جېنى بولغان 9 – سۈرە تەرجىمىسى تولۇقمىكەن؟ سېلىشتۇرۇپ باقتىڭىزمۇ؟ باھايىڭىزغا قىيامەتتىمۇ ئىگە بولۇشقا تىرىشىڭ.
خەنزۇچە، تۈركچە تەرجىمىلەر تەرجىمە مەزمۇنى جەھەتتىن قايسى دەرىجىدە؟
ھەقىقەتەن كاللىڭىز ئۇچۇق ئادەمكەنسىز ..
ئەرەپچە قۇرئان كەرىم بىر بولغان بىلەن يەنە قانچىلىك تەفسىرلىرى بار ، ئۇلارمۇ ئىختىلاپ قىلمىسا بىز ئىختىلاپ قىلمىز …
ئاۋۇ پايدىلانغان كىتابلار قاتارىغا قاراڭلار ئەرەبلەردىلام قانچىلىك تەفسىرى باركەن .. قۇرئان كەرىم ئەرەب تىلدا تورۇپمۇ …
(( لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن گۇمان قىلىشمۇ خاتا ئەمەس دەپ ئويلايمەن .. چۈنكى مۇھەممەد سالىھ دامۇللامنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىدىنمۇ پايدىلنىپ تۇرۇپ نىمىشقا مۇھەممەد سالىھ داموللاھاجىم بۇ تەرجىمىگە قاتناشمىغان ؟
ياكى بۇرۇن چىققان قولاقتىن كېيىن چىققان مۇڭگۈز ئىشىپ چۈشتىمۇ ؟))
ئەرزان بوپ كەتسە، ھەممىمىز ئېلىپ كېتىمىز ئۇنى…
شۇڭا…
بۇ تەرجىمىسىنى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ھۆكىمەت خادىملىرى ئۈچۈن تەرجىمە قىلغان چىراي ،مەندەك دىھقانلار كونا نۇسخسىنى ئوقۇسىمۇ بولىۋېرىدىكەن ،
قۇرئاننىڭ ئەرەبچىسى ئۆزگەرمەيدۇ، ئۇيغۇرچىسى نېمە سەۋەبتىن ئۆزگەرمەكچى بولۇپ قالدى؟
ماۋۇ سۇئالىڭز ئارتۇقچە بولۇپ قالدىمۇ قانداق…..ئەرەپچىسى ئۆزگەرمەيدۇ نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇرچىسى ئۆزگىرەپتۇ دەپ……….
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم، ھەر خىل تەرجىمە نۇسخىلىرى بولۇشى ياخشى ئىش، لېكىن مەن باشقىلارغا چۈشەندۈرگەندە مۇشۇ سوئالغا جاۋاب بېرىشىم كېرەك، مۇۋاپىق جاۋاب تاپالمىغانلىقتىن شۇنداق سورىغان ، دىلارا قېرىندىشىمىز شۇنداق ياخشى جاۋاب بېرىپتۇ، ئاللاھ ئەجرىنى بەرسۇن!
جاۋابىنى بىلىپ بولدۇم، ئەمدى ھەر باشقا ئىنكاس قوبۇل قىلىنمايدۇ، مۇنازىرە بولۇشىنى خالىمايمەن.
باشقىچە پىكىرلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۆزەم جاۋاب بېرىۋېتەي:
1.سەۋەبىنى نەشىر قىلغان ئورۇنلار بىلىدۇ.
2.قايتىدىن تەرجىمە قىلىنغانلىقى ئۈچۈن ،ھەم تەرجىمە ئۇسلۇبى ئۆزگەرگەنلىكى ئۈچۈن.
3.مۇكەممەللىك ئاللاھقا خاستۇر.
4.ئەگەر يەنە قايتا تەرجىمە قىلىشقا مۇھتاج تۇغۇلسا .
5.تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن.
بۇ سوئال جاۋابى تامام ، باشقا جاۋاب قوبۇل قىلىنمايدۇ. بۇرۇنقى نۇسخىنى ھەم يېڭى نۇسخىسىنى تەڭ ساقلاڭلار.
تورداشلارنىڭ تەلىم بەرگىنىگە رەھمەت، ئىككى خىل تەرجىمىنىڭ مەۋجۇد بولۇپ تۇرغىنى ياخشى ئىشكەن، بىلىۋالدىم.
باشقۇرغۇچىلار ، بۇ ئىنكاسىمنى ۋە ئىنكاسلارغا بېرىلگەن ئىنكاسلارنى ئۆچۈرۈۋەتسەڭلار، مۇنازىرىگە سەۋەب بولۇپ قالمىسۇن.
«ئىخلاس» سۈرىسىدە : «(مەن ئىبادەت قىلىدىغان ھەم سىلەرنى ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقان) ئۇ ئاللاھ يەككە-يىگانىدۇر»، دېيىلىپتۇ. ئۇيغۇر تىلىمىزنىڭ قائىدىسىدە «ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىۋاتقان ئۇ ئاللاھ» دېگەندەك ئوخشاش بىر ئالماش(«ئۇ») بىر جۈملىدە بىرلا ئىگىنى كۆرسىتىپ تەكرار قوللىنىلمايدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، يۇقىرىدا بىر مۇنبەرداش ئېيتقاندەك، «سېغىنىپ» دېگەن سۆز «فەلەق» سۈرىسىدىلا ئەمەس، «ناس» سۈرىسىدىمۇ، «سىغىنىپ» دەپ يېزىلىپتۇ.
بىر بەتتىن مۇشۇنچىلىك نۇقسان چىقسا…
ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر! ئى ئاللاھ! كىتابىڭنى توغرا ئوقۇپ، كالامىڭنى توغرا چۈشىنىشىمىزنى بۇيرۇغايسەن!
ئامىن!
بۇ ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان خوش خەۋەر ئىكەن، بۇرۇنقى تەرجىمىسى بىلەن بىرىلگەن رەسسىمدىكى تەرجىمىنى سىلىشتۇرۇپ كۆرۈپ باقتىم، ناھايىتى چۈشۈنۈشلۈك تەرجىمە قىلىنىپتۇ. تەرجىمە قىلغۇچىلارغا، تەرجىمىنى سىلىشتۇرغۇچىلارغا، تەرجىمىنى ئۇيغۇرتىلى نۇقتىسىدىن تەكشۈرگۈچىلەرگە ھەم قۇرئان تەرجىمىسىنىڭ نەشىردىن چىقىشىغا ھەسسە قوشقان بارلىق مىھنەتكەشلەرگە تەشەككۈر.
ئەڭ ئاددى بىر مىسال : يېڭى تەرجىمە: سىلەر خوتۇنلىرىڭلارنىڭ بالىياتقۇسىغا تۆكۈۋاتقان مەنىگە قاراپ بېقىڭلارچۇ!
———————-
كونا تەرجىمە: سىلەر ئاياللىرىڭلارنىڭ بەچچىدانلىرىغا تۆكۈلگەن مەنىنى دەپ بېقىڭلارچۇ؟
سىلەرگە يېڭى تەرجىمە قىلىنغان جۈملە سەل شەھۋانى تۈس ئالغاندەك بىلىنمىدىمۇ؟
كونىسىدا ھەر ھالدا يېڭىسىدىكىدەك كىنو لىنتىسىدەك كۆز ئالدىمىزغا كېلىۋالمايدۇ. بۇنداق مىساللارنىڭ ھەممىنى دەپ كەلسەك يەنە شۇ قۇرئاندەك بىر كىتاپ توشىدۇ
دېگەندەك نەشىر قىلىنىشى ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ.لېكىن ھېس قىلىشىمچە خىلى بىر قسىم قېرىنداشلارنىڭ ئەندىشىسى،قايتا نەشىرىدە مەزمۇن ئۆزگىرىش بولغان، بولمىغانلىقىدىن گۇمانلىنىش.تېخىمۇ تولۇقلىنىپ مۇكەممەللەشكەن بولسا ئەلۋەتتە ياخشى،قالغىنىنى سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ ھېس قىلىۋالامىز.يەنە بىرى قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغان ئۇشبۇ كىتاپلارنى بىزگە ئوخشاش خىزمەتتىكى بايقۇشلارنىڭ ئۆيدە ساقلىشىمىز يەنىلا ئادەمنى ئەندىشىگە سالىدىكەن،بەلكىم مەن سەزگۈر بولۇپ كەتكەندىمەن،چۈنكى قەشقەر رايۇنىنىڭ ‹ھاۋا›سى شۇنداق بولۇپ قالدى.ھە،ئەمدى ئەقىل تاپتىم،ئۆيۈمدە يېشى 70تىن ئاشقان ئانام بارغۇ،ئانام ئوقۇسۇن،بۈگۈنلا سېتىۋالاي.«خەۋەرچى››سۆيۈنچە كەتتى.(ياخشى تىلەكلەرنى تىلەۋاتقان چىراي ئىپادىسى)
«شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» ئۇچۇق، ئاشكارا تارقاتقان تۇرسا يەنە نېمىدىن ئەنسىرەيسىز. «شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى» ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق ئاخبارات-نەشرىيات ئورگىنى؛ ئېسىڭىزدە بولسۇن ھۆكۈمەتنىڭ قانۇنلۇق ئورگانلىرىغا قارشى چىققۇچىلار جىنايەتچىلەردۇر. سىز قانۇنلۇق، ئۇچۇق-ئاشكارا تارقىتىلغان «قۇرئان كەرىم» نى ساقلاشتىن ئەنسىرىمەڭ. ئۇنى ئوقۇڭ، تەھلىل قىلىڭ، چۈشىنىڭ… ئۇ سىزنى توغرا يولغا باشلايدۇ، سىزگە تەۋپىق-ھىدايەت ئاتا قىلىدۇ… توغرىسى سىزگە يۈرەك ئاتا قىلىدۇ…
شۇڭا دەيمەنكى، زىيالى دېگەن چوڭ سۆزلىگەن بىلەن ناھايتى «ئىنچىكە» كېلىدۇ.
ئەمدى قانۇنلۇق نەشىر قىلىنغان بىر كىتاپنىمۇ ئۆيدە خاتىرجەم ساقلاشتىن خاۋاتىرلىنىپ ياشايدىغان ئىشمىكەن؟
ئۇنداقتا، جاھاننى، دىننى، روھنى، يەرنى، ئاسماننى تەتقىق قىلىدىغانلار دىنى دەستۇرلاردىن پەقەت ساۋاتسىزلار ئوخشىمامدۇ؟
ئالەمدە بار ئىلىم – ئىنسان ئۈچۈن بەرپا قىلىنغان.
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىلىرىدە «نامازنى تاشلىماڭلار» دەپتىكەن، قۇرئان- ئىنساننى ئەخلاقى تاكامۇللۇققا يەتكۈزۈدىغان يول باشلىغۇچى تۇرسا…
مۇھەممەت سالىھ داموللا ھاجىمنىڭ تەرجىمىسىدىن قانداق پەرقلىنىدىكەن؟ بۇرۇنقى تەرجىمىنى قايتا نەشىر قىلغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى؟!
بۇ پىكىرىڭىز ياغدەك خوشياقتى جۇمۇ!!!