«قۇرئان كەرىم» (ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسى) ئېلان قىلىندى | ئالىم ئەھەت تور خاتىرىسى
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز: باشبەت  >  ئۇيغۇر تىل-يېزىقى,تاغدىن-باغدىن  >  يازما كۆرۈش

«قۇرئان كەرىم» (ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسى) ئېلان قىلىندى

[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، تاغدىن-باغدىن ]

«قۇرئان كەرىم» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا تەرجىمە قىلىنىپ، رەسمىي ئېلان قىلىندى. «قۇرئان كەرىم» (ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسى)نى ئېلان قىلىش يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «قۇرئان كەرىم» (قايتا تەرجىمىسى)گە نۇرغۇن كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ، 8 فورمات (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى چوڭلۇقىدا) 1000 يۈەن، 16 فورمات (ژۇرنال چوڭلۇقىدا) 380 يۈەن، 32 فورمات، 64 فورمات بولۇپ، باسما سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى ئوخشايدۇ. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلاپتۇ.

بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىم تۇنجى قېتىم «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىدى، ئۇستازنىڭ ئەجرى، ساۋابى زىيادە بولغاي.

بۇ ئۇچۇرلار پەقەت خەۋەر سۈپىتىدە بېرىلدى، باشقا ئىشلاردىن مېنىڭمۇ خەۋىرىم يوق، كىتابخانىلارغا بېرىپ ئوقۇپ باقساڭلار بولىدۇ. تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
=========

ھازىرچە 8 فورمات، 16 فورمات بازارغا سېلىنىپتۇ.


سېتىۋالسىڭىز، ناھايىتى قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدىكەن. ئاۋۇ ھەممىسى مېنىڭ ئەمەس، مەن پەقەت 2 نى سېتىۋالدىم.

يازما ئۇچۇرلىرى
تېخىمۇ كۆپ
195 پارچە باھا يېزىلدى
  • قۇرئان كەرىمنىڭ ئاۋازلىق ئوقۇلۇشىنى ئاڭلىسىڭىز، يۈرەكلىرىڭىز لەرزىگە كېلىدۇ…
    ئۇنى كۈندە كەچتە ئاز ئازدىن ئاڭلاپ بەرسىڭىز، بۇ دۇنيانى ، ئۆزگىنى ۋە ئۆزىڭىزنى بىر دەقىقە بۇرۇن ھېس قىلىپ يېتىسىز…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى am 00:56
  • ئالىمجان ئەھەتنىڭ بۇ بىلوگى جاھاننامىگە ئوخشاش بىزلەرگە ئەڭ ياخشى خوشخەۋەرلەرنى بېرىدىغان كۆزنەك بوپ قالدى ئەمدى…
    بۇ ئەڭ كاتتا خوشخەۋەر ئىكەن.
    قارىسام، تەرجىمىسى تېخىمۇ كاتتا چىققاندەك قىلىدۇ…
    ئۇيغۇرچە بۇرۇنقى نەشرىنىمۇ ناھايتى تەستە تېپىپ نەچچە ئوقۇپ چىققان ئىدىم.
    بۇ نەشرىگە قاتناشقانلارنىڭ ئەجرىنى ئۇلۇغ ئاللا زىيادە بەرگەي…
    مۇشۇنداق ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىگەن ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنىڭ ئىشلىرىمۇ كۈنسېرى روناق تاپقاي

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى am 00:53
  • ئالىمجان مۇئەللىممۇ «ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلىڭ»دەپتۇدە…
    ھازىر بۇنداق ئىشلارغا دىققەت قىلمىسا بولمايدىغانلىقىنى بۈشۈكتىكى بالىمۇ بىلىدىغۇ دەيمەن…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى am 00:51
  • دېمەك قۇرئانى كەرىمنى بۇنىڭدىن كېيىن كادىرلارمۇ ئۆيىدە خاتىرجەم ساقلىيالايدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى am 00:23
  • بارلىق ئۇيغۇر ئائىلىسىدە مۇقەددەس كىتاپىمىزنىڭ بۇلىشىنى بەكمۇ ئارزۇ قىلىمەن.بىز كۇندە 5 مىنۇت ۋاقتىمىزنى چىقىرىپ شۇ مۇقەددەس كىتاپىمىزنى ئوقۇپ قويساق ھاياتىمىزدا ئاداشمايمىز ، خاتالاشمايمىز. ئەخلاقىمىزدا زور ئۆزگىرىش ھاسىل بولىدۇ.بۈگۈنكىدەك ئەخلاقسىزلىق جەمىيىتىمىزدە ئازلايدۇ. مۇقەددەس كىتاپنى ئوقۇماي تاشلاپ قويساق بىزمۇ تاشلىنىپ قالىمىز.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 22:29
  • بۇ خەۋەرنى كۆرۈپ كۈزۈمگە ياش كەلدى……………
    مېنىڭچە ئۇيغۇر زىيالىلىرى مۇشۇ دىن بىلەن ئىلىم – پەننىڭ ئىشىنى رەسمىي تۇتۇپ، ھەل قىلسا بولاتتى. ئۇيغۇرلار ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىۋاتقىلى 1000 يىلدىن ئېشىپ كەتتى. ئۇيغۇرلارنىڭ پەلسەپە، دۇنيا، قېرىنداشلىق، ئەدەپ- ئەخلاق، كىشىلىك مۇناسىۋەت…. قارىشىدا ئىسلام دىنىنىڭ ئورنىنى مۆلچەرلىگىسىز. لېكىن ئامىمىۋى سورۇنلاردا ئىسلام دىنىنىڭ ھەممە نېمىسى تەتۈر ھالەتتە تەشۋىق قىلىنىدۇ؛ ئىسلام دىنىنىڭ ھەممە ئىش- ھەرىكەتلىرى قالاق دەپ قارىلىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قارشى تۇرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە بىر خىل بۇرۇقتۇرمىلىق كەيپىيات شەكىللەنگەن، ئويلىغان نەرسىسىنى ھېچكىم ئوچۇق- ئاشكارە دېيەلمەيۋاتقان، بوۋىلار بىلەن نەۋرىلەرنىڭ ئارىسىنى ھېچقانداق قىلىپمۇ باغلىغىلى بولمايۋاتقان…. شۇنىڭ بىلەن بەزى كىشىلەر دىننى توغرا ۋە ئوچۇق ئاشكارە ئۆگىنەلمىگەندىن كېيىن يوشۇرۇن ۋە خاتا ھالدا ئۆگىنىپ جەمئىيەتكە خاتا چۈشەنچە بېرىۋاتقان….
    ئەگەر ئىسلام دىنى توغرا يول بىلەن تەشۋىق قىلىنسا، ئۆگىنىدىغانلار ئۈچۈنمۇ مۇشۇ قۇرئانغا ئوخشاش زۆرۈر ماتېرىياللار ئاشكارا ۋە دائىملىق نەشر قىلىنىپ تۇرسا، مېنىڭچە بۇنىڭ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پايدىسى بولسا بولىدىكى ھەرگىز زىيىنى بولمايدۇ… ئەگەر شۇنداق قىلىنسا كېچە – كۈندۈز جەمئىيەت ئامانلىقىنى قوغدايمىز دەپ جاچا چېكىۋاتقان ساقچىلارنىڭمۇ يۈكى يەڭگىللىگەن؛ دۆلەتنىڭ ئەيدىز ۋە باشقا ساقايماس كېسەلىكلەرنى داۋالاش ئۈچۈن ئاجراتقان سەھىيە مەبلىغىمۇ زور دەرىجىدە تېجەلگەن، جەمئىيەت ئامانلىقى تىنىچلانغان، پەن- تېخىنىكا تەرەققىاتى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولاتتى…. چۈنكى ئىسلام دىنى ھېچقاچان باشقا بىرسىگە زىيان يەتكۈزۈشنى تەشەببۇس قىلمايدۇ، ئەكسىچە ئامالنىڭ بېىرىچە باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ؛ ئىسلام دىنى زىنا ۋە باشقا گۇناھى كەبرلەردىن كىشىلەرنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ، ئۇنىڭغا يېقىن يولىماسلىققا بۇيرىدۇ، ( ئەيدىز دېگەندەك لەنىتى كېسەللەر قايسى يوللار بىلەن يۇقىدىنغالىقىنى بۇ يەردە ئوچۇق – ئاشكارە دەپ يۈرمىسەممۇ بولار….)؛ ئىسلام دىنى ئەزەلدىن تىنىچلىقنى ياقىلايدىغان دىن؛ ئىسلام دىنى دائىم ئۆگىنىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، « قۇرئان كەرىم » نىڭ تۇنجى ئايىتىمۇ دەل ئوقۇش توغرىسدا نازىل بولغاندۇر….. ئەمما، بۇ مەزمۇنلار مىللىتىمىزگە قايسى يوللار بىلەن بىلدۈرلىۋاتىدۇ، مىللىتىمىز ئۆزى ئېتقاد قىلىۋاتقان دىن توغرىسىدا زادى قانچىلىك نەرسە بىلىدۇ….
    بۇنىڭدا ئالدى بىلەن زىيالىلار ئىلمىي يول بىلەن دىن ۋە ھازىرقى جەمئىيەتتىكى مەسىلىنى ھەل قىلمىسا، ئابدۇقادىر جالالىدىن ئېيتقاندەك بىزدە بەك ئۇزۇن داۋاملىشىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ نەتىجىسى تازا ياخشى بولمايدۇ.

    (ھاياجانلىنىپ كېتىپ بەلكىم بەزى جايلارنى خاتا يېزىپ سالغاندىمەن، توغرا چۈشەنگەيسىلەر!)

    مەنغۇ تۇنجى تەرجىمىسنى ئوقۇپ خېلى بىر يەرگە بارغان، قارىسام سۈرە فاتىھەنىڭ بەزى جايلىرىلا بۇرۇنقى نەشرىگە تازا ئوخشىماي تۇرىدۇ. قارىغاندا ئەمدى بۇ تەرجىمنىمۇ دەرھال ئوقۇپ چىقسام بولغىدەك.

    اللە رەھمەت قىلسۇن!

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 22:10
    • مەن دەيدىغان گەپنى دەۋاپسىز…. پىكىر پاتنىت ھوقۇقۇمنى ئوغۇرلىۋالدى دەپ ئەرىز قىلمەن ھۆكىمەتكە….. (تازا سەت ھېجايغان چىراي ئىپادىسى…)

      مەن ئۈرۈمچىدە، چچ نومرۇم: سىلىڭ، باجىيۇبا، لىڭ لىڭ، جىيۇچى…

      ۋاقىت بولسا پىكىر ئالماشتۇرارمىز….

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى am 10:23
  • مۇھەممەت سالىھ ھاجىم بۇ قېتىملىق قايتا تەرجىمە خىزمىتىگە نىمىشقا قاتناشمىغاندۇ؟ سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماسلىق كىرەك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالغاندەكلا بىر ئىش بوپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 21:05
  • بۇ ناھايىتى قۇتلۇق ئىش بوپتۇ. بىزنىڭ ھاياتىمىزدا كام بولسا بولمايدىغان بىر گۈھەر ئاخىرى نەشىرياتلىرىمىز تەرپىدىن قايتا نەشىر قىلىنىپتۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:58
  • بۇ نۇسخىدا مۇھەممەد سالىھ داموللام تەرجىمىسىگە قارىغاندا پەرق خېلى باردەك تۇرىدۇ، سېتىۋېلىش كېرەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:15
  • فەلەق سۈرىسىدە ئىملا خاتالىقى بار ئىكەن، «ئاللاھقا سىغىنىپ» ئەمەس، «ئاللاھقا سېغىنىپ» بولۇشى كېرەك ئىدى. ئاللاھنىڭ كالامىنىڭ تەرجىمىسىدا خاتالىق كۆرۈلمەسلىكى كېرەك ئىدى.
    خەير، كېيىنكى نەشىرىدە تۈزۈلۈپ كېتەر…

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 20:13
    • ئەسلى توغرىسى شۇ سېغىنىپ ئەمەس، سىغىنىپ دىسە توغرا بولىدۇ. بۇ قېتىم ھەر نىمە بولسا توغرا ئاپتۇ.
      1. سېغىنىپ-ئويلاش، كۆرگىسى كېلىش مەنىسىدە،قەدىمكى ساقىنماق دىگەن سۆزدىن كەلگەن ۋە تاۋۇش ئۆزگىرىش ئارقىلىق سېغىنماق شەكلىگە ئۆزگەرگەن.
      2. سىغىنىپ-پاناھ تىلەش، بىر يەرگە كىرىۋېلىش مەنىسىدە، يەنى تىلىمىزدىكى سىغماق پىئىلىدىن كەلگەن، مەسىلەن: بۇ ئۆيگە بەش ئادەم سىغىدۇ دىگەندەك.
      ئەرەپچىدىكى بۇ ئەئۇزۇ دىگەن سۆزنىڭ تەرجىمىسى سىغىنىپ بولغاندا ئاللاھنىڭ پاناھىغا كىرىش (سىغىش) مەنىسىدە بولغان بولىدۇ ۋە توغرا بولىدۇ. سېغىنىپ بولغاندا ئاللاھنى ئويلاش بولاپ قالىدۇ، خاتا بولىدۇ.

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 14-كۈنى pm 14:02
  • مېنىڭ شۇنداق بىرنى ئالغۇم بار ئىدى، لېكىن سىزنىڭ سىنىپڭىزغا تەييارلاپ قويغان پۇل كەملەپ قالسا قانداق قىلامەن.
    شۇنداقتىمۇ، ئالىم مۇئەللىمگە رەھمەت.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 19:47
  • ئۈرۈمچىدىن تورغا چىققانلار بولسا ماڭا بىرقانچىنى ئەۋەتىپ بەرسەڭلار ، يا خوتەن تەرەپتىمۇ ساتارمۇ ؟ بەك ئالدىراپ قالدىم تۈگەپ كىتەمدىكى دەپ !

    خەت نۇسخىسى بەك چىرايلىق چىقىپتۇ بەك خوش بولدۇم !

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 19:47
    • ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم لازىم بولسا مەن ئەۋاتىپ بىرەي ..
      بەلكىم خۇتەندىكى چۇڭ كىتاپخاندىمۇ ساتىدۇ ..ئەگەر ئامال بولمىسا ئىزدەڭ ..
      37790738 كوت كوت نۇمۇرۇم

      يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى pm 18:22
  • ئەسسالامۇئەلەيكۇم، ئوقۇغۇچىلانىڭ ياتاق-تاماق مەسىلىسى توغرىسىدا ئويلىشىپ بېقىشىڭلانى تۆۋەنچىلىك بىلەن سورايمەن. (ئوقۇش ئارزۇيۇم بولغانلىقى ئۇچۇن ئازراق سۆزلەپ سالدىم، كەچۈرۈڭلا! )

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 19:30
  • قۇرئان بىر تەرجىمە ئىككى بولۇپ قالدىغۇ ، مەنچە «ئىتىپاقلىق»قا چوقۇم تەسىر قىلىدۇ.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 19:23
  • مەزمۇنى ئۆزگەرمىگەندۇ ھە. ياكى قايتىدىن قىلدۇق دەپ ئۆزگەرتكەنمىدۇ. قارىغاندا كىتابخانىغا بېرىپ كۆرۈپ باقسام ۋە بىرنى ئالسام بولغۇدەك.

    يوللانغان ۋاقىت: 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 19:15