«قۇرئان كەرىم» (ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسى) ئېلان قىلىندى
[ ئۇيغۇر تىل-يېزىقى، تاغدىن-باغدىن ]«قۇرئان كەرىم» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن قايتا تەرجىمە قىلىنىپ، رەسمىي ئېلان قىلىندى. «قۇرئان كەرىم» (ئۇيغۇرچە قايتا تەرجىمىسى)نى ئېلان قىلىش يىغىنىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ «قۇرئان كەرىم» (قايتا تەرجىمىسى)گە نۇرغۇن كىشىلەر قاتناشقان بولۇپ، 8 فورمات (ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى چوڭلۇقىدا) 1000 يۈەن، 16 فورمات (ژۇرنال چوڭلۇقىدا) 380 يۈەن، 32 فورمات، 64 فورمات بولۇپ، باسما سۈپىتى ئالاھىدە ياخشى ئوخشايدۇ. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن باشلاپ سېتىلىشقا باشلاپتۇ.
بۇنىڭدىن 30 يىل ئىلگىرى مۇھەممەد سالىھ قارى ھاجىم تۇنجى قېتىم «قۇرئان كەرىم»نى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلغان ئىدى، ئۇستازنىڭ ئەجرى، ساۋابى زىيادە بولغاي.
بۇ ئۇچۇرلار پەقەت خەۋەر سۈپىتىدە بېرىلدى، باشقا ئىشلاردىن مېنىڭمۇ خەۋىرىم يوق، كىتابخانىلارغا بېرىپ ئوقۇپ باقساڭلار بولىدۇ. تورداشلارنىڭ ئىنكاس يازغاندا دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
=========
ھازىرچە 8 فورمات، 16 فورمات بازارغا سېلىنىپتۇ.
سېتىۋالسىڭىز، ناھايىتى قىزغىن مۇلازىمەت قىلىدىكەن. ئاۋۇ ھەممىسى مېنىڭ ئەمەس، مەن پەقەت 2 نى سېتىۋالدىم.
- يازما كۆرۈلۈشى: 39,584 قېتىم
- يوللانـغان ۋاقىت:2013-يىلى 01-ئاينىڭ 13-كۈنى pm 12:22
- ئالدىنقى يازما :ئالىم ئەھەت «ئاتلان»دا لېكسىيە سۆزلەيدۇ
- كېيىنكى يازما :[ۋاقىتلىق تېما] چاغانلىق ئارام ئېلىش (قىزىلبايراق كومپيۇتېر بازىرى)
كاتتا ئىش بوپتۇ!
ئىشلىگۈچىلەر ئىچىدە خەتتات چۈشۈپ قاپتۇ،بۇ قانداق بولغىنى؟ئەپسۇس.
تەۋسىيە ۋە ئىلتىماس مۇھەممەد سالىھ ھاجىم تەرجىمە قىلغان ئىلگىركى نۇسقىسىنى ساقلاپ قۇيۇڭلا. بولمىسا ئىزدەپ تېپىپ ساقلاپ قۇيۇڭلا
مەندە توردىن چۈشۈرۈۋالغان pdfنۇسخسى بار(مۇھەممەد سالىھ ھاجىم تەرجىمە قىلغان)، لازىم بولغانلار ئىزدەڭلار. biparwa11229@gmail.com .
بۇ يەردىنمۇ چۈشۈرگىلى بولىدۇ
http://www.aplisin.com/kitab
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! سىز گېپىنى قىلغان ئاشۇ پ د ف نۇسىىسى ماڭىمۇ شۇنداق كېرەك بوپ قالغانتى ،ىېلى ۋاقىتتىن بىرى مۇشۇنداق بىر ئۇچۇرنى ساقلاپ تۇرغانتىم ،مۇمكىن بولسا ماڭىمۇ ئېۋەتىپ بەرگەن بولسىڭىز …
ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن
ئېلخەت ئادرىسىم : mhtyns@126.com
نېمە دېمەكچى؟
ئىزدەپ ئاۋارە بولماي، مايەردىنلا چۈشۈرۈڭلار
http://www.aplisin.com/kitab
دېگىنىڭىز توغرا، ئاڭلىساق بۇ تەرجىمىسىنى مۇھەممەد سالىھ ھاجىم كۆرۈپ يېغلاپ كېتىپتۇدەك.
مۇھەممەد سالىھ ھاجىم خوش بۇلۇپ يىغلاپتۇمۇ يا ئاچچىقى كىلىپ يىغلاپتۇمۇ
بۇنىڭغا كەتكەن مەبلەغنى بۇرۇنقى تەييار تەرجىمىسنى قايتا نەشىر قىلىش، تېخىمۇ ئومۇملاشتۇرۇش ئۈچۈن سالغان بولسا، ئۈنۈمدارلىق نوقتىسىدن ئىلپ ئېيتقاندا تېخمۇ ياخشى بولاتتى دەپ ئويلايمەن.
قاچانلىققا بىز تەرەپكە كىلە……..
32فورماتلىقى 64يۇەن دېمەكچىمۇ ياكى بىرەر سۆز چۈشۈپ قالدىمۇ؟
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىم ئەھەد مۇئەللىم ناھايتى كاتتا خوش خەۋەركەن مەن ئۇچۇن بۇ يىل ئەڭ بەخىتلىك يىل بۇلىدىغان بولدىWindows8 Office قۇرئان …………ئالىم ئەھەد مۇئەللىمگە ئاللاھ رەخمەت قىلسۇن
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئالىممۇئەللىم،جانابى ئاللاھ پۈتكۈل مۇسۇلمانلارنى ھىدايەت يولىغا باشلىغاي!بۇ تەرجىمە قۇرئان
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلار ئۈچۈن كاتتا خوشخەۋەربولدى سىزگە ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!بىلوگىڭىز بىزئۈچۈن خوشخەۋەرنىڭ مەنبەسى
بولغاي! رەھمەت!
ئاڭلىشىمچە كۆپىنچە ئالىملار يىڭى تەرجىمە قىلغان قۇرئاننى ئوقۇشقا بولمايدىغانلىق توغىرسىدا پەتىۋا بىرىپتۇ، قىرىنداشلارنىڭ دىققەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، دەسلەپكى تەرجىمە قىلىنغان قۇرئان تەرجىمە قىلىنىپ قەيەرلەردىكى ئۆلىمالار كۆرۈپ تەستىقلىغان بۇنى دەسلەپكى تەرجىمە قۇرئاندىن بىلىۋالالايسىلەر، كىيىنكىسىنىچۇ؟ كىملەر قەيەردە قىلدى ئويلاپ بىقىڭلار؟ نىمىشقا دەسلەپ بىسىلغان قۇرئان نىمىشقا بۇنچىۋالا قۇلغۇلا بىلەن سىتىلمىدى؟ نىمىشقا كىيىنكى قۇرئاننىڭ سىتىلىشىغا ھۆكۈمەت ئالاھىدە كۈچەيدۇ؟ نىمىشقا مۇھەممەت سالىھ داموللام يىڭى تەرجىمە قۇرئاننىڭ تارقىتىلىشىغا ئىمزا قويۇپ بەرمەيدۇ؟ قىرىنداشلار تەپەككۇر قىلىپ ئويلىنىپ باقايلى!
جانابى ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن!
ئالىم مۇئەللىم ئاگېنتلىقىدىن خۇش خەۋەرلەر ئۈزۈلمىگەي.
بىلمىدىم، ئالىم مۇئەللىمگە Apple نىڭ ئۇسلۇبى يارامدىكىن؟ياراپ قالسا بىلوگىىم (http://www.aplisin.com) غا ئۆزەم بىر قوللۇق ئۆزلەشتۈرگەن Apple چىراي ئۇسلۇپ بار ئىدى، شۇنى مەزكۇر بىلوگقا تەقدىم قىلاي دەپ ئويلىغانتىم
بولسا windows 8 ئۇسلۇبىنى بەرگەن بوسىڭىز ئىشلىتەتتى …
بۇ گىپىڭىز ئالىم مۇئەللىمنىڭكىگە ۋەكىللىك قىلامدۇ؟ ئەگەر شۇنداق بولسا، تەتىلگە نەچچە كۈنلا قالدى، مەن ئەرزىگۈدەك قىلىپ Windows 8 نىڭ ئۇسلۇبىدىن بىرنى تەييارلاپ بىرەلەيمەن.
شۇنداق، ماڭا Apple دېمەي، Windows دەڭ. تەييار ئۇسلۇب بولسا ئەۋەتىڭ، چاپان يەڭگۈشلەيدىغان ۋاقىتمۇ كېلىپ قالدى
ھى ھى چىرايلىق بولسۇن جۇمۇ . بولمىسا ….
مېترو ئۇسلىبى بولسۇن !!!
لىكىن بۇ گىپىم ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ..
تولىمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ!ئاڭلىسام يېڭى تەرجىمىسىگە رايونىمزدىكى داڭلىق دىننى ئالىملارنى تەكلىپ قىلغاندىن سىرت يەنە ھەرقايسى ئالى بىلىم يۇرتلىرى،پەن-تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى تىلشۇناس،تارىخشۇناس ئالىم پروففېسسورلىرىمىزمۇ بۇ ئۇلۇغ ئەمگەككە قاتنىشىپتۇ،تەرجىمە قىلىش،تەھرىرلەش،كۆرۈپ بېكىتىش ئىشلىرى تولىمۇ ئىنچىكە،مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئورۇندىلىپتۇ.بۇ يەردە بۇ ئىش ئۈچۈن ئەجىر قىلغان بارلىق زاتلارغا ئالى ئېھتىرام بىلدۈرمىز!!!
كەچۈرۈڭ! بۇ قۇرئاننى تولۇق ئوقۇپ چىقسىڭىز چوقۇم پىكرىڭىزنى تەلتۈكۈس ئۆزگەرتىسىز!
چۈنكى سەۋەپ بەك جىق!
نىمە ئۈچۈن قايتا تەرجىمە قىلىندى دىگەن سوئالغا كىم قايىل بولغۇدەك جاۋاپ بېرەلەيدۇ ؟
……………………… ئەلۋەتتە قايتا تەرجىمىنى پىلانلىغۇچىلاردىن ھېچكىم جاۋاپ بېرەلمەيدۇ!
ھەقىقى سەۋەپنى بەلكىم تىل يېرىپ دىيەلمەسلىكى مۇمكىن!
مەزمۇن خاتالىقى، سۆز ئىشلىتىش تەدبىرسىزلىكى، گىرامماتىكا جەھەتتىكى چولتىلىقى،
خۇددى مىنكوخەننىڭ رومان تەرجىمىسىگىلا ئوخشاپتۇ!
ئۆزى ئۇيغۇرچە، ئەمما ئوقۇپ چۈشىنەلمەيسىز!
=====================================
دوستلار سەمىگە: ھەرقانداق تەرجىمە ئەسەرگە قارىتا ھەرقانداق پۇقرانىڭ ئۆز پىكرىنى پاكىت بىلەن دەپ بېقىش ، خاتالىقلارنى كۆرسىتىپ بىرىش يەنە ئوبزور يېزىش ھوقۇقىغا ئىگە!
ياخشى ئۇچۇرلارنى بىرىپ تۇرۇۋاتىسىز مۇئەللىم، ئىنشائاللا ئەجىرلىرىڭىز يەردە قالمىغاي
ناھايتى ياخشى ئىش بوپتۇ ، بولسا تېخىمۇ مۇكەممەل بولىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن ، شۇ تەرجىمىگە قاتناشقان بارلىق كىشىلەرگە ئاللاھ ياخشىلىق ئاتا قىلسۇن …
ئۈرۈمچى ئاققۇۋۇقتىكى شىنخۇا كىتاپخانسىدا سېتىلىشقا باشلاپتۇ. ھازىر كىشلەر بەس بەستە ئېلىۋاتدۇ. ۋاراقلىرى ھەقىقەتەن ياخشى ئىكەن. ساتقۇچى خادىملارمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن خىزمەت قىلۋېتىپتۇ. بۇ ياردە ھازىر ئەزەلدىن ئۆرۈلۈپ باقمىغان ،ياكى ئىنتايىن ئاز كۆرۈلدىغان جۇشقۇن بىر كەيپىيات مەۋجۇت. ۋاقتى بارلار ئاققۇۋۇقتىكى شىنخۇا كىتاپخانسىغا قىلىڭلار. …
بەك ئىسىل خەۋەر بولدى بۇ ،مەن ئۈچۈن!!!… مەن دەل مۇشۇنداق تولۇق ،مۇكەممەل نۇسخىسىدىن بىرنى ئالماقچى ئىدىم .رەھمەت سىزگە!!!…
ئۇلۇغ ئىش بولۇپتۇ.قۇرئاننى ئوقۇش ،بولۇپمۇ مەزمۇنىنى چۈشىنىپ ئوقۇش ناھايىتى مۇھىم.